ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى  ھەققىدىكى دەلىللەر جۇغلانغان دوكلات قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشىدا، خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلىشى بىرىنچى قەدەم بولغان بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تۈزۈشكە ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل، خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى ۋە خادىملىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

خەلقئارادا خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۈستىدىن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش تەشەببۇسى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر ساھەنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنى سادىر قىلغۇچىلارغا ئائىت يەنىمۇ تەپسىلىي، ئىشەنچلىك، دەلىللەنگەن ئىسپاتلارغا موھتاج بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، يېقىندا قۇرۇلغان« ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى» (URM) گۇرۇپپىسى مۇھاجىرەتتىكى بىر تۈركۈم كۆپ تىللىق ۋە سەۋىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇلار يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ سىستېما ۋە فۇنكسىيەسى ھەمدە نۇقتىلىق جاۋابكار –ئىجراچىلار ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ چىققان.

22- ئىيۇن، «مېدىئوم»( Medium ) تورىدا ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىناكارلىرى - سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ تونۇشتۇرۇش قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شىددەت بىلەن كۈچەيتكەنلىكى ئىخچام چۈشەندۈرۈلگەن. دوكلاتتا ،خىتاينىڭ خالىغانچە كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۈرمىگە سولاش، مەجبۇرىيەت ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئائىلىلەرنى ئايرىش، مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەدەنىيەتنى قەستەن يوقىتىش ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي گۇرۇپپىلىرىنى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سىستېمىلاشقان سىياسەتلىرىنى تەڭ قەدەمدە يۈرگۈزگەنلىكى دەلىللەر ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن.

بۇ دوكلاتتىكى تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. دوكلاتتىكى تەتقىقاتنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پىلانلاش، قارار چىقىرىش ۋە يولغا قويۇشقا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئاساسلىقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى (XUAR) دە خىزمەت قىلىدۇ.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە سىستېمىلىق ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش پىلانلانغان، تەشۋىق قىلىنغان، يولغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قىرغىنچىلىق سىياسىتى مەركىزىي، رايونلۇق ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ دوكلاتقا ئىسمى ۋە ئارخىپى كىرگۈزۈلگەن ،نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان 14 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىچىدە، پەقەت 3 نەپىرىگە ماگنىتىسكىي قانۇنى ئارقىلىق ئاشكارا جازا ئېلان قىلىنغانىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 22-مارت، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى چېن مىڭگوغا جازا بەرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە ھازىرغىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەسئۇل بىر قانچە شەخس ۋە ئورگانغا يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى ئارقىلىق رەسمىي جازا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بۇلار يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان، ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى (URM) گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىي يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:« ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىناكارلىرى - سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش باسقۇچ ۋە جەريانلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار يالغۇز خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا مەسئۇل ئورگانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە يەككە قارار چىقارغۇچىلار ھەققىدىمۇ، بەلگىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىكەن.

يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، « ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىناكارلىرى - سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى» ناملىق بۇ دوكلاتنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە ئەھمىيىتى شۇكى، مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر، خىتاي ۋە ئىنگلىز تىلىغا پۇختا، سەۋىيەلىك، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان. دوكلات ئسىخېما ئارقىلىق بۇ سىياسەتتىكى يادرولۇق ۋە مۇھىم نۇقتىلار ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئايرىم كاتېگورىيەلەرگە ئايرىلغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش مېخانىزمى ۋە ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىرى ئىسخېمىلار ئارقىلىق ئىنتايىن ئىخچام ۋە ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

« ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىناكارلىرى - سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. ئامېرىكالىق ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، دوكۇر ھېنرى شەجاسكىي (Hanry Shejaskey)بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

« بۇ يېڭى دوكلاتنىڭ تېمىسىنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى مۇھىم، دوكلاتتا دېيىلگەندەك، بىز بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ تارتقان زۇلۇملىرىنى بىلىشىمىز مۇھىم بولغاندەك، بۇ جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرى كىملەر؟ بۇنى بىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگۈچىلەر، ئۇلار ھامان سوراققا تارتىلىدۇ.

ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئوينىغان رولى ھەققىدىكى ئىسپاتلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بولسا، بۇ مۇھىم دەلىللەرنىڭ بىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىدۇر».

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمى مۇدىرى لۇيىسا گرېۋ (Loisa Greve) بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ دوكلات بەكمۇ ئەھمىيەتلىك، بۇنىڭدا باستۇرۇشلاردا كىملەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قانداق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى دوكلاتلاشتۇرۇلغان. بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئارگېنتىنادا خەلقئارا سوتقا چىقىرىشىمىزدا، بۇ دوكلات ئادۋوكاتلارنى تولىمۇ مۇھىم دەلىل -ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ».

لۇيىسا خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتا ئىلگىرى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلار ۋە باشقىلار ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ ئىسخېما ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ھازىرچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى ئورگىنى ۋە جەمئىي 12 خىتاي ئەمەلدارغا ماگنىتىسكي قانۇنى بويىچە جازا ئېلان قىلدى. ئەمما يېقىندا خىتاينىڭ رايوندىكى ئەمەلدارلىرىدىن ئەركىن تۇنياز برىتانىيەگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىندى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دوكلاتلار، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ، خالىغانچە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشى ۋە مەنپەئەتلىنىشىنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن بۇ خىل دوكلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىدا يەنىمۇ كەڭرى قوللىنىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

« بۇ ،ناھايىتىمۇ ئەمەلىي قوللىنىشچان بىر دوكلات بولۇپتۇ. ئىلگىرى مەن بۇنداق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىكى ئوينىغان رولى توغرۇلۇق ئۇچۇرلار جەملىنىپ يىغىنچاقلاپ، ئىسخېمىلاشتۇرۇلغان باشقا دوكلاتنى كۆرمىدىم. بۇ دوكلاتتىكى ئىسپاتلار ئادۋوكاتلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان كۈچلۈك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسۇن ۋە ياكى ھەر قايسى پارلامېنت، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئۇنىڭ جىنايەتچىلىرىنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىشتا ئاۋاز بېرىشتەك مېخانىزمنى قوللىنىدۇ. بۇ دوكلاتتىكى سۇنۇلغان ئىسپاتلىق ماتېرىياللار، قارار ئالغۇچىلار نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغان دەلىللەردۇر. ھازىرغىچە دۇنياغا ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مۇشۇنىڭدەك دەلىللەرنىڭ ئەھمىيىتى، يالغۇز بىزنىڭ بۇ جىنايەتنى ۋە بۇ جىنايەتچىلەرنى تونۇشىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى تېپىشىمىزدا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ».

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خەلقئارا سەۋىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ساناقلىق تەتقىقات ئورگانلىرىدا، بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارمۇ مۇھىم تەتقىقاتلارغا قاتناشماقتا. شۇلاردىن بىرى بولغان يالقۇن ئۇلۇيول 2022-يىلى دېكابىردا، ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) پروفېسسورى لاۋزا مۇفىي رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلان قىلغان، پۈتكۈل يەرشارىدىكى ماشىنا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئالاقىسى بارلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقانىدى.

ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى دوكتۇر ھېنرى شەجاسكىي مۇھاجىرەتتىكى ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بولغان مەمنۇنىيىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

« ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ يېڭى بىر لايىھە ئۈستىدە بىرلىككە كېلىپ، بۇ ئەھمىيەتلىك دوكلاتنى تەييارلاپ چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ ئىنتايىن قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر تەرەققىيات. بىز ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يەنىمۇ كۆپلەپ قابىلىيەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىل ۋە باشقا ئىلىم سەۋىيە ھەمدە تەجرىبىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇنەۋۋەر دوكلاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى قارشى ئالىمىز».

يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىناكارلىرى بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە يەككە قارار چىقارغۇچىلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ چەكلىك بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ھوقۇق نازارەتچىسى (URM) تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكە تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلەرگە مەزكەزلەشتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.