ئامېرىكانىڭ يېڭى قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېنىقلاشتا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ۋەزىپىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

0:00 / 0:00

غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا ھازىرغا قەدەر ئاشكارا ئۇچۇر مەنبەلىرىگە تايىنىپ كەلگەن، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا تايىنىپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى قىلمىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈشتە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىمۇ ئىشقا سېلىش تەلەپ قىلىنماقتا.

شۇ مەقسەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر ئاۋام پالاتا ئەزاسى يېقىندا بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇر مەنبەلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا يېتەرلىك ئەمەسلىكى، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىمۇ ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇنى» ناملىق مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى» نىڭ ئەزاسى رىچى توررېس تەرىپىدىن سۇنۇلغان. رىچى توررېس شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 25-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇپ، سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشى چوقۇم تولۇق سۆزلىنىشى كېرەك» دېگەن.

رىچى توررېسنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ 15-ماي كۈنى سۇنۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىدا خىتاي كومپارتىيەسنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىغا ئايلىنىشىغا ئۈمىدۋار» ئىكەن.

رىچى توررېسنىڭ 3349-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇنى» ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) باش دىرېكتورىنىڭ ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت يىللىق دوكلات سۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان.

رىچى توررېسنىڭ قانۇن لايىھەسى ئۇنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى» نىڭ بۇ يىل 3-ئايدا چاقىرغان «داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىشىنىڭ ئارقىسىدىن سۇنۇلغان. رىچى توررېس يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكىتىنىڭ «پاتولوگىيەلىك تەلۋىلىك» (يەنى پسىخولوگىيەلىك بىنورماللىقتىن كېلىپ چىققان تەلۋىلىك) ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىدىن ئۆلگۈدەك قورقۇدىغان، ئۆز كۈچىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان، ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ۋاسىتىنى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغان پاتولوگىيەلىك تەلۋىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.»

رىچى توررېس يەنە «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، كىملىكى، تارىخىنى يوقىتىش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خەلق سۈپىتىدە كۆپىيىشىنى چەكلەش غەرىزى بارلىقىغا ئائىت ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بار. مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سېلىش نەتىجىسىدە 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە شىنجاڭدا تۇغۇلۇش نىسبىتى 50 پىرسەنت ئازىيىپ، يېقىنقى تارىختىكى ئەڭ شىددەتلىك ئازىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن.

لېكىن ئۇنىڭ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقتىكى ئاۋام پالاتاسىدا ھەم كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى كېرەك ئىكەن. رىچى توررېسنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلارنى چىقىرىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت قانۇنلارنى تېخىمۇ كەسكىن ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا سۇنۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى پېتىر ئىرۋىڭنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئائىت ئۇچۇرلار بارغانسېرى ئازىيىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەن.

پېتىر ئىرۋىڭ 30-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ قانۇننى رەسمەن قوللايدۇ. ئەلۋەتتە، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى خەۋەر قىلىنىشىچە تەكشۈرۈش بىر زۆرۈرىيەت. بولۇپمۇ مۇخبىرلارنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈشىگە چەكلىمە قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رايوندىن خەۋەر ئېلىشى قىيىنلاشقان. رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلار ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى كەلگەن، بۇ بىزدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا خرىس ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ مۇھىم.»

پېتىر ئىرۋىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي خەلقئاراغا رايوندا لاگېر ۋە بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن رايوندا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

پېتىر ئىرۋىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ قانۇن رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ. شۇنداقلا رايوندا دەپسەندىچىلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، 10-20 يىللىقتىن كېسىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. مەن بۇ قانۇننىڭ قوللاشقا ئېرىشىشىگە ئۈمىدۋار قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، رىچى توررېسنىڭ قانۇن لايىھەسى بۇ قانۇن دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت ئىمزا قويغاندىن كېيىنكى 180 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى باش دىرېكتورىنىڭ دۆلەت مەجلىسى ئىستىخبارات ئالاھىدە كومىتېتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئەمگەك شارائىتى، ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەر، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان جىسمانىي، روھىي خورلۇقنىڭ تۈرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئادەتلىرىنى ئەركىن ياشىشىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش مېتودلىرىغا دائىر دوكلات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوچۇق-ئاشكارا مەنبەلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تىرەن قاتلاملىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشتە يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى بىر زۆرۈرىيەت ئىكەن.

ئامېرىكادىكى «كور» ئانالىتىك تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى، تەتقىقاتچى دوكتور ئاندرېس كور 30-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوچۇق-ئاشكارا مەنبەلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى خىتايدا ھازىر سادىر بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تىرەن قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈشتە يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ، خۇسۇسەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ئىشلىتىپ، خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى تاللاپ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى بىر زۆرۈرىيەت.»

ئاندرېس كورنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەچكە، ئۇنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى مەجبۇرىيەت ئىكەن.

ئاندرېس كور مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ۋە دېموكراتلاردىن بولغان ھەر ئىككى ھۆكۈمىتىمىز ۋە يەنە بىر خەلقئارالىق تەشكىلات بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتكەن ۋە بۇنىڭغا ئائىت دەلىللەرنى تاپقان ئىكەنمىز، بىزنىڭ نۇرغۇن دۆلەت ئاپپاراتلىرىمىزنى ناھايىتى تېزلىكتە نورمال خىزمەتتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ۋەزىپىلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز تۇغۇلدى. شۇڭا، بۇ قانۇننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشى بىر زۆرۈرىيەت.»

لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى پېتىر ئىرۋىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇر توپلىشىنى تەلەپ قىلىشتا يەنىلا كىشىلىك ھوقۇقنى چىقىش قىلىش كېرەكلىكى، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئويۇنى» دېگەن تەشۋىقاتىغا دەسمايە بولۇپ قالماسلىقنى تەكىتلىدى.

پېتىر ئىرۋىڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇدىغانلىقىنى ھېسابقا ئېلىش كېرەك. مەن بىزنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتەيلى، دېمەكچى ئەمەس. ئەمما بىز بۇنى نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە، بولۇپمۇ بىزدەك تەشكىلاتلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە <بۇ مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان سۇيىقەستى> دېگەن تەشۋىقاتلارنى بازارغا سېلىپ كەلدى. بۇنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئاساسى بولمىسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى بۇرمىلىشىدىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك… شۇڭا، بىز كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك.»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى چىرى توررېس ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇپ ئارقىدىنلا 24-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى» بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدىكى بىر بىر سىياسىي قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

سىياسىي قارار لايىھەسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا دائىر بەزى ھالقىلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن. بۇ ھالقىلىق تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ بىرىدە رىچى توررېسنىڭ 3349-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىستىخبارات ئارقىلىق تەھقىقلەش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.