خەلقئارالىق قانۇن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ ئېتنىك سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە ئېتىراپ قىلىنغان 50 تىن ئارتۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بىرلىكتە ئەپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى ھەر بىر بەلگىلىمىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىلاپلىقىنى بىلدۈردى.
9-مارت سەيشەنبە كۈنى، ۋاشىنگىتوندىكى «نيۇلاين ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، 1948-يىلى ئىمزالانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› غا (قىسقىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى) خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم» دېيىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغان كىشىلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئەمەلدارلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئۈنۈملۈك كونتروللۇقى ئاستىدائېلىپ بېرىۋاتقانلىرى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› نىڭ 2-ماددىسىدا شەرھىلەنگەندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش غەرىزىنى ئېنىق يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇشبۇ دوكلات خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› غا خىلاپ ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارى دەپ خۇلاسە چىقاردى.»
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ‹ئاجىز ۋە قوغدىلىشقا تېگىشلىك توپلۇققا تەۋە بولغان كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا قەستەن يوقىتىش نىيىتى› نى كۆرسىتىدۇ. «يوقىتىش نىيىتى» دېيىش ئۈچۈن ئېنىق بىر يول يورۇقنىڭ بولۇشى بىھاجەت. ‹يوقىتىش نىيىتى› شۇ دۆلەتكە تەۋە بولغان ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى توپلاش ئارقىلىق يەكۈنلىنىدۇ. بۇ پاكىتلار لوگىكىلىق تەرتىپ بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي باياناتلىرى، ئومۇمىي پىلانى، دۆلەتنىڭ سىياسەت قانۇنلىرى، سىياسەتنى يۈرگۈزۈش شەكلى ۋە تەكرارلانغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇئامىللار ئۇ توپلۇقتىكى كىشىلەرنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«نيۇلاين ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئالاھىدە ھەرىكەتلەر دىرېكتورى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان دوكتور ئازىم ئىبراھىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مۇتەخەسسىسلىرىمىز تەتقىق قىلغان پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت مەقسەت بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىدىكى نۇرغۇن ماددىلارغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغان.»
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوقىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت پىلانى تۆۋەندىكى ئاساسىي نوقتىلارغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇلار: يۇقىرى قاتلامنىڭ مەقسەتلىك بۇيرۇقى ۋە ئومۇمىي پىلانى، دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىتى، سىياسەت يۈرگۈزۈش شەكلى ۋە تەكرارلانغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلىشىش بۇيرۇقى، 2017-يىلىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، كەڭ كۆلەملىك تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەسى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلارغا مەجبۇرىي يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزكىملىكى، مەھەللە ۋە ئائىلە ھاياتىنى يوق قىلىش، زىيالىيلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر «خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قاراش كېرەك. يۇقىرىدىكى بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوچۇق ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ ھەرقانداق بىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۆكۈمىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن دەلىل-پاكىتلار، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىنىڭ (a) دىن (e) گىچە بولغان ھەر بىر تارماق ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ماددىلار «(a) توپلۇققا تەۋە ئەزالارنى ئۆلتۈرۈش، (b) توپلۇق ئەزالىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەخىملەندۈرۈش، (c) توپلۇقنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا قەستەن زەربە بېرىش ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتتىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق قىلىش، (d) توپلۇق ئىچىدە تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى زورلاپ تېڭىش، (e) مەلۇم توپلۇقغا تەۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا توپلۇقنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇش» تىن ئىبارەت بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن نۇرغۇن يېتەرلىك پاكىتلارنى كۆرسەتكەن.
‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› 1948-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ب د ت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ياكى دۆلەت سوتلىرىدا ئەيىبلەنگەن ئىكەن. ئەمما خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قۇرۇلۇشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقىنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوت قۇرۇلۇشىنى رەت قىلىشى ئېنىق ئىكەن.
دوكتور ئازىم ئىبراھىم بۇنداق بىر شارائىتتا «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى›گە قول قويغان باشقا 150 دۆلەت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى›گە ئىمزا قويغان دۆلەت. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى. شۇڭا بۇ يەردە مەسئۇلىيەت بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان باشقا 150 دۆلەتنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. بۇ دۆلەتلەر چوقۇم خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنىڭ مۇھىم يېرى شۇكى، بۇ بىر ئاكادېمىيەلىك مۇنازىرە مېخانىزمى بولماستىن بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىدۇر. شۇڭا ئەھدىنامىگە قول قويغان باشقا دۆلەتلەر خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشىشى كېرەك.»
مەزكۇر مۇھىم دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خۇلاسىنى قارشى ئالدى. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گىرىۋ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ دوكلاتنى بۆسۈش خاراكتېرلىك دوكلات، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلارغا باشتىن – ئاخىر ئېنىق بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا جەمئىيەتتە تاكى بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تالاش – تارتىشلار بولۇپ كەلگەن. بىراق بۇ دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگىچە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرىنىڭ يىغىندىسىغا ئومۇمىي جەھەتتىن قاراپ چىقىلدى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. بۇ سەۋەبلىك بۇ دوكلاتنى بۆسۈش خاراكتېرلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش» تىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى بېكىتىلگەن بولۇپ، دۆلەتلەر چوقۇم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەككەن.
لۇئىسا گىرىۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى بىر مەجبۇرىيەت. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كەچ قالدى، بىراق خىتاينى جازالاشقا تېخى كەچ ئەمەس. بۇ خەلقئارالىق نورملارنى قوغداپ قېلىش ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ بىردىن – بىر يولى»
دوكلاتتا يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن باشلاپ، ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالاھازەل 1400 دىن ئارتۇق لاگېر قۇرغان ۋە بۇ ئورۇنلارغا 1 مىليوندىن 2 مىليونغىچە ئادەمنى سولىغان. ئۇلار بۇ جايلاردا سىستېمىلىق قىيىن-قىستاققا ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. بۇ خىل قىيناشلار، لاگېر خادىملىرى ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە تەقسىم قىلىنغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ
ئۇيغۇرلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، خارلاش ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەتلەش قاتارلىق ۋاستىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. . . كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ھۆكۈمەت ئەپ بارغان مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مېڭىسىنى «پاكىز يۇيۇش» ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلىش تەھدىتى ۋە جازا لاگېرى ئىچىدىكى تەقلىدىي سوت جازاسى، ئاشكارا «ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەش» ۋە يالغۇز قاماپ قويۇلۇش قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيناش ئۇسۇللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىنى ۋە ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېيىلگەن.
ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈشىنى تېزگىلىنلىگەنلىكى ھەققىدىمۇ پاكىتلىق مەلۇمات بېرىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا سىستېمىلىق ھالدا تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى. لاگېرلاردا، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرىي ھالدا ئۈزۈك سېلىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە ھەيىزنى توختىتىدىغان ئوكۇل ۋە دورىلارنى ئىشلىتىش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالا يۈزى كۆرەلەيدىغان ئۇيغۇر ئەرلىرى نىشانغا ئېلىنىپ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى تىزگىللەندى. بۇ چەمبەرچاس باغلانغان سىياسەتلەر تۈپەيلى، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نۆلگە يېقىنلاشماقتا» دېيىلدى.
يۇقىرىدىكى بۇ دوكلات بۈگۈن ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيادىكى تونۇلغان ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىندى. دوكلاتنىڭ خۇلاسىسى بۈگۈن ئۇيغۇرچە، خىتايچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىدا تارقىتىلىپ زور ئىنكاس قوزغىدى.