ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە كۆپلەپ بىلىنگەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە ساختا ئۇچۇر تارقىتىشى، بولۇپمۇ 2023-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاياتنىڭ «نورماللاشقانلىقى» ھەققىدىكى تەسۋىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن مەزكۇر مۇزېينىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قارمىقىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى نېئاۋمى كىكولېر خانىم (Naomi Kikoler) رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.
نېئاۋمى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ قىرغىنچىلىق تېخىچە داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ, بۇ ھەقتىكى ئاممىۋى چۈشەنچە تېخى ئومۇميۈزلۈك بولۇشتىن كۆپ يىراق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى› ئارقىلىق، ئۆز ئاۋازىمىزنى ئاشۇ خىل مىسلىسىز قاباھەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر خەلققە يەتكۈزۈش بەكمۇ مۇھىم. بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى يىللاردىن بۇيان خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكى تۈپەيلىدىنلا مۇشۇ خىل بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە مۇپتىلا بولۇۋاتىدۇ. زىيانكەشلىكنىڭ بۇ دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، جىنايەتلەرنىڭ بۇ قەدەر يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنىمۇ بىلمەس بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. شۇڭا بىز بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىز ھەمدە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى نامايان قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى، دەپ بىلىمىز. شۇنداقلا بۇ مۇنبەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ زۆرۈر سۆھبەتلەرگە يول ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بولۇپمۇ سىياسىي ساھەدىكىلەرگە شۇنداق بولسىكەن، دەيمىز.»
نېئاۋمى خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىرمۇ بۇ زور قاباھەتنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەكلەشكە قادىر بولالمايۋاتىدۇ . ھۆكۈمەتلەر گەرچە بىر قىسىم تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا يەنە بەزى ئىستراتېگىيەلىك قەدەملەرنى ئېلىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرۇش تامامەن مۇمكىن.
«مېنىڭچە، بۇ يەردە بىز قىلالايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. ھازىر خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداپ قېلىش بۇ ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل دىشۋارچىلىقلارنى تۈگىتىشتە قوللىنىش مۇمكىن بولغان بەزى ئىستراتېگىيەلەرنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن: بىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ئادەمنى بەكمۇ شۈركەندۈرۈۋېتىدۇ. بەزىلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ، يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا تىرىشىپ باقسا بولىدۇ. يەنە ئالساق، ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشتە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى، ئەمما بىز تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەر بىلەن سۆزلىشىشىمىز، شۇ ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ چىقىشقا قادىر بولالىغان ئۇيغۇرلارغا قانداق قىلىپ بىر خاتىرجەم مۇھىت يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز لازىم. يەنە بىرى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈۋاتقان تەشكىلاتلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا يالغۇز مالىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىنلا ئەمەس، يەنە بەزى مەخپىي ئۇچۇرلار، جۈملىدىن سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرلىرى، ئىستىخبارات ئورگانلىرى توپلىغان ئۇچۇرلاردىن ئېلان قىلىشقا بولىدىغانلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پاش قىلىش لازىم. بۇ يالغۇز ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇشقىلا ئەمەس، باشقا ھۆكۈمەتلەرنى بۇ سەپكە جەلپ قىلىپ يۈز بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنى چەكلەشكىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدۇ. »
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گەپ بولغاندا خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىزچىل ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش ھادىسىسى مەۋجۇت. بىرى، دېموكراتىك ئەللەردىكى ئادالەتنى ۋە ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەر بولسا، يەنە بىر ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلانغان ياكى ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇپ قالغان دۆلەتلەردۇر. بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رولى بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇنى قانداق يېتەكلەش يەنىلا كۆپلىگەن تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
«خەلقئارا جەمئىيەت ھەرقاچان ئۇيغۇر جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قېلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر. ئەپسۇسكى، خىتاي ھازىر ئاچقۇچلۇق بولغان ھۆكۈمەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە بۇ ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىدە دۇرۇس ئىش قىلىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىدىغان قىلىپ قويدى. پاجىئەلىك يېرى شۇكى، بىز بىلەن ئىتتىپاقداش بولالايدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىغا دۈم چۈشتى. يەنە بىر پاجىئەلىك ئەھۋال شۇكى، ‹ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى› غا ئەزا بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ بۇ ئىشلاردا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر يالغۇز مىللىي كىملىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە دىنىي كىملىكى ئۈچۈنمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقاندا بۇ دۆلەتلەر بۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى قوغداش جەھەتتىنمۇ بىز ئىسلام دۇنياسىدىن تېخىمۇ كۆپ ساندىكى چۇقان ۋە بېسىملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا موھتاج بولماقتىمىز. »
نېئاۋمى خانىم باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەدە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆز خىزمىتىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ساھەدە ئىش قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئىستراتېگىيەلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىش ھېلىھەم مۇمكىن.
«ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقىغا بەكلا ھەۋىسىم كېلىدۇ. شىجائەتلىك ئاخباراتچىلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقان بۇ قاباھەتلەرنى پاش قىلىشتىكى غەيرىتىنى ئۇيغۇر ھېمايىگەرلىكىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى، دېيىش مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى سوت كوللېگىيەسى، بولۇپمۇ ئەنگلىيە سوتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قاباھەتلەرنى يورۇتۇپ بەردى ھەمدە بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دۆلەت مەجلىسى ۋە دۇنيادىكى پارلامېنتلار ئارا يول مېڭىشى، بولۇپمۇ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدىن ئىتتىپاقداش ئىزدەپ قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، شۇنىڭدەك ئامېرىكا سودا ساھەسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نېرى بولۇشقا دەۋەت قىلىشلىرىدىن بەك سۆيۈندۈم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بىر ئىش. مۇشۇ خىلدىكى جىنايەتلەر يۈز بەرگەندە باشقا خەلقلەر ھېچقاچان بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان. بۇ ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭمۇ ئالدى-كەينىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ ئىش قىلىشىغا بېسىم بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنىڭغا قارشى چارە-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقاندا بىزمۇ ‹ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ› شەكلىدە تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈش ھالقىلىرىنى بېكىتىپ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى نازارەت قىلىشىمىز، ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە تېخىمۇ چوڭ نەزەردە قارىشىمىز لازىم. بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقات ۋە لايىھەلەش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشنى، بۇ تېخنىكىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشى، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە زىيانكەشلىك قىلىشىغا خىزمەت قىلماسلىقىغا كېپىللىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇر جامائىتى بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلەرنى قوللىنىپ باقتى. شۇڭا ھازىر مەسئۇلىيەت ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يەلكىسىدە ئەمەس. ئەكسىچە مۇشۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھەمدە بۇ ھەقتە ئاز-تولا ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان ھەممىلا كىشىنىڭ زىممىسىدە. »
تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ «كۆرۈنمەس» شەكىلدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قاباھەتلەرنى چەكلەش ۋە ئۇنى توسۇشتا «يۈك ئېغىر، مەنزىل ئۇزاق» بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.