ئۇيغۇرلار ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق پاتقىقىغا يەنىمۇ چوڭقۇر پاتۇرۇلماقتا

0:00 / 0:00

خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ زىيارەت قىلىشى يەنىلا قاتتىق چەكلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىپادىلەنگەن قىسقا ۋىدىيولار بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شۇنداقلا خىتاي ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدىكى بۇ خىل ۋىدىيولار بىلەن خىتاينىڭ يېقىنقى تەشۋىقاتلىرى كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا.

دوۋيىندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم ئۇچۇر خاراكتېرلىك ۋىدىيولارنى چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تارقىتىۋاتقان ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىشسىزلىق، نامراتلىق، تۇرمۇش بېسىمى، كەمسىتىلىشلەر ئىسكەنجىسىدە ئىنتايىن قىيىن بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.

بىر قەدەر كۆپ ھەمبەھىرلەنگەن شۇنداق قىسقا ۋىدىيولارنىڭ بىرىدە، بىر ياش ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشسىز قېلىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر ھالغا ئايلانغانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەيدۇ.

ئۇ يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ ئىش يوق بولغاچقا ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقىمۇ رايى قالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

بۇ ۋىدىيودا يەنە ئىشسىزلىق، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ئېچىنىشلىق بىر رېئاللىق تەسۋىرلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار تارقىتىۋاتقان بۇ خىل ۋىدىيولارنىڭ بەزىلىرىدە يەنە، 2017-يىلىدىن باشلانغان خىتاي چوڭ تۇتقۇنىدا يولدىشى، بالىلىرى ياكى ئاتا-ئانىسى لاگېر ۋە ياكى تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ياشانغانلار، تۇل ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ بولسا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

كىيىملىرى جۇل-جۇل، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمى يۈزىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان بىر تۇل ئانا، كۆز ياشلىرى بىلەن جەمئىيەتتىن ياردەم سوراپ تارقاتقان بىر ۋىدىيوسىدا، ئۇ ئەخلەت بۇيۇملارنى يىغىپ سېتىپ جان بېقىشقا ۋە بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ يەنىلا ھالال ئەمگەك قىلىپ بالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىغا سادىق ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

شەھەر-ناھىيەلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىشسىزلىقتا نامرات قېلىۋاتقان بولسا، يېزا-كەنتلەردە دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىڭ قانۇنسىز تارتىۋېلىنىشى بىلەن پەقەتلا يەرگە تايىنىپ جان بېقىۋاتقان دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن ۋىدىيولارمۇ تارقالماقتا.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ياردەم سوراپ تارقاتقان، تالاي ۋىدىيولىرىنى كۆرەلەيمىز.

بۇ ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلار مەيلى دېھقان مەيلى كادىر ۋە ياكى ئىشچى ۋە ئىشسىز بولسۇن، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىققا، ئىشسىزلىققا يۈزلەنگەن.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇ تەشۋىقاتلاردا « ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەر ۋە مېيىپلەر قاتارلىق مۇھىم گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى» دېگەندەك جۈملىلەر تەكرارلىنىدۇ.

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلغانىدى. بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت دوكلاتىدا يەنە « يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يىل ئاخىرىدا %90 تىن ئېشىپ كەتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ تۈرگە ئايرىش ۋە مۇلازىمەت مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى » دېگەنلەر بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىۋاتقان بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا، ئۇيغۇرلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى سوئال پەيدا قىلىدۇ.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر تارقىتىشىچە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى خې جۇڭيوۋ يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدە: «نىشاننى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، مائارىپ، پەن -تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىرقانچە مىليون كىشىنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئاساسەن خىتاي زاۋۇت- كارخانىلىرىدا مەجبۇر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس.

ئوخشاش بىر مەزگىلدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق يۆنىلىشىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە يۈزلىنىپ يەنى ئىچكىرى خىتايدىن ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسەن لاگېر تۈرمىلەرگە قامىلىشى، ئىچكىرى خىتايدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىشى ئۇيغۇر رايونىدا مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلار ئىگىلەپلا قالماي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي نوپۇسىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلىگەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان غەيرىي بىر جەمئىيەت شەكىللەنگەنلىكى نۇرغۇن مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

تۈرك ياش ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) 3 دوستى بىلەن بۇلتۇر يەنى 2024-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ۋىدىيولارنى ئېلىپ تارقاتقان ۋە بۇلار ئىنستگرام قاتارلىقلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانىدى. نۆۋەتتە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇۋاتقان 23 ياشلىق ئەنەس كاپلى رادىيومىزنىڭ قايتا زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئىككى قېتىم يەنى 2023-يىلى سېنتەبىردە ۋە 2024-يىلى مايدا بارغىنىدا قىسقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن زور ۋە جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇ ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە زىيارەتتە بولغىنىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئازلىقىدىن ھەيران قالغانىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زىيارىتىمىز داۋامىدا ئەڭ ھەيران قالغىنىم، مەيلى ئايرودۇرۇمدا، كوچىلاردا بولسۇن، مېھمانساراي، بازار ياكى ئاممىۋى ساياھەت ئورۇنلىرىدا بولسۇن ئۇيغۇر ياشلارنى، بولۇپ ياش ئەرلەرنى ئاساسەن ئۇچراتمايسىز. مەلۇم ساندا ياش قىزلار بار، ئەمما ئۇلارمۇ مۇلازىمەت خىزمەتلىرى ۋە ياكى ساياھەتچىلەرنى كۈتىدىغان ئورۇنلاردا. ئۇلارنى ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈپ، رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىرىپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارنى بازاردا يېمەكلەرنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما ئۇلار خۇددى ياغاچ قونچاقلاردەك ھەرىكەتلەرنى تەكرارلايدۇ، بەكمۇ ئەجەبلىنەرلىك. بىر بازاردا قاسساپ ئۇيغۇر ياشنى كۆردۇق، ئەمما ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاق زەنجىرلەنگەنىدى. قەشقەر، ئاتۇشلارنىڭ يېزىلىرىغا قەدەر باردۇق ئەمما ھېچ بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇچراتمىدۇق. خىتايلار، بولۇپمۇ خىتاي ياش ئەرلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان. ئۇلار ئۇيغۇرلار يوق شۇنداق بىر ۋەزىيەتكە كۆنۈپ قالغاندەك. شەرقى تۈركىستاندىكى پۈتۈن زىيارىتىمىز جەريانىدا، بىز تۆتىمىز بارغان جايلىرىمىزدا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىپ ئايلىنىپ يۈردۇق، ئۇيغۇرلار ساقاللىرىمىزغا ھەيرانلىق ۋە ھەۋەستە قارىسا، خىتايلار بىزنى ئۇيغۇر سانىدى بولغاي، ئىككىلەنگەندەك، يوچۇن بىر ھالدا ھاڭۋېقىپ قاراشتى. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئۇ خىتايلارغا شۇنداق قارىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ كۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا يات غەيرىي ئادەملەرگە ئايلىنىپ قېلىپتۇ.»

ئەنەس ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق مۇھىم ئىشلارغا قويۇلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق مىسال ئېلىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز بىلەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پالاكەتكە يولۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارەت خاتىرىلىرىمىزنىڭ پەقەت 10 دىن بىرىنى ھەمبەھىرلىيەلىدۇق. بىر مىسالنى ئېلىپ ئۆتەي، بىز بارغانلا جايدا ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانا، ئۇيغۇرلار ئاچقان مېھمان ساراي ۋە ساياھەت شىركەتلىرىنى ئىزدەشكە تىرىشتۇق. ئۈرۈمچىدە شۇنداق بىر ساياھەت شىركىتىنى تېپىپ كىردۇق. ئىشخانىدا 40 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ئەر ۋە 20 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر قىز بار ئىدى. ئەمما ئۇ قىز ئىنتايىن ئوچۇق كىيىنىۋالغانىكەن. ئۇلارنى ساياھىتىمىز جەريانىدا بىز كۆرگەن خىزمىتى بار ئۇيغۇرلار دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇلارمۇ بىز بىلەن خىتايچە گەپ قىلدى. ئاخىرىدا بىزگە مۇلازىمەت قىلىشتا قارار ئالالمىدى-دە، بىزنى باشقا بىر خىتاي ساياھەت شىركىتىگە تونۇشتۇردى. 2023-يىلى كەلگىنىمدە مەيلى بازار، دۇكان، رېستورانلارغا كىرگەندە ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرلارنى كۆرەتتۇق، ئەمما ھازىر ئىنتايىن ئاز، بار بولسىمۇ مەجبۇرەن ئىشلەۋاتقاندەكلا، ئىنتايىن بەختسىز كۆرۈنىدۇ. ئاخىرقى قېتىم 2024-يىلى بارغىنىمىزدا، بازار، دۇكانلاردا ئۇيغۇرچە كىيىۋالغان خىتايلارنى كۆردۇق، ئۇلار ئۇيغۇردەك كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنغان ئەمما بىزنىڭ كۈزىمىزدىن قاچالمىدى ئەلۋەتتە. كەسپىي ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنى كۆرمىگەندىن باشقا كوچىدىمۇ ھەتتا بىر تال ئۇيغۇر ياشنىمۇ ئۇچراتمىدۇق».

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە شاھىت بولغان ئەنەس يەنە، ھەر قانداق دۆلەت ياكى جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىقتىساد كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ بولسا بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ يوق بولۇشى، بارلىرىنىڭمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقى ئاجايىپ ئېچىنىشلىق ۋە ئەندىشىلىك بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەنەس ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتالمىغان بۇ ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگۈچە بۇلارنى بىلگىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، تارقىتىۋاتقان ۋىدىيولىرىنىڭ دۇنياغا ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ۋاشىنگتوندىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قانداق جايدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: « يىغىنچاقلىغاندا خىتاي ئۇيغۇرلارنى بولسا ئىشسىزلىق، نامراتلىق پاتقىقىغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكتۈرمەكتە، بۇمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى» دېدى.