تېرىلغۇ يەرلەرگە ئولتۇراق ئوي سېلىشقا قارشى تۇرغان ئىدارە باشلىقى ئابدۇماناپ ھاكىمجان تۈرمىگە تاشلانغان

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 2000-يىللاردا، «يەرلەرنى دېھقانچىلىق ماھىرلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش» نامىدا داۋام قىلغان «تەرەققىيات تەدبىرلىرى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنى بولۇپمۇ دېھقانلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش بىلەن بىرلىكتە، بەلگىلىك مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلارنى بىئارام قىلغان. بولۇپمۇ يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىك مەنبەسىدىن ئايرىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىشلەمچى بولۇپ قېلىشى، بۇ ۋەزىيەتنى ئەڭ يېقىندىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنى، بۇنىڭغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا مەجبۇرلىغان.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيە تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇماناپ ھاكىمجان 2019-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدىكى ئابدۇماناپ ھاكىمجان نۆۋەتتە كۈنەس ناھىيەسىدىكى قارابۇغرا تۈرمىسىدە جازا ئۆتىمەكتە ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇماناپ ھاكىمجان تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىگە مۇئاۋىن باشلىق بولغان 2012-يىلدىن باشلاپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋە ئولتۇراق ئۆيلىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھېچ بىرىدە تۇرمىغانلىقى، نەتىجىدە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېقىندى ھالەتكە چۈشۈپ قۇل مۇئامىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان. بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇنقى بىر تېلېفون زىيارىتىمىزدىمۇ، غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى، ئۆيى چېقىۋېتىلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئىلگىرى ۋەدە قىلىنغان «پايدا» لارنىڭ ھېچبىرىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى چېقىۋېتىلگەن ئۆيلەر ئورنىغا دۇكان بېرىلىدىغانلىقى ياكى بەلگىلىك خىزمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشقان ئىكەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، 2013-يىلى، مەلۇم بىر خىتاي شىركىتى قاش دەريا بويىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىپ ساياھەت رايونى قۇرماقچى ۋە شۇ جايغا خىزمەت بىناسى ھەم خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيىنى سالماقچى بولغاندا، ئابدۇماناپ ھاكىمجان مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، يەنى تېرىلغۇ يەرلەرگە ئولتۇراق ئۆي سېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي شىركىتىنىڭ يەر سېتىۋېلىش پىلانىنى رەت قىلغان. ئابدۇماناپنىڭ بۇ قارارى مەزكۇر شىركەتكە يېقىنچىلىقى بولغان بىر قىسىم خىتاي رەھبەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئۇ قارارنى رەت قىلىشقا سەۋەب تاپالمىغان.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئولتۇراق ئۆي سېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئابدۇماناپ ھاكىمجاننىڭ قارارىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خادىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، 2013-يىلى قاش يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلار تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىگە كېلىپ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان بېسىمغا قارىتا نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئابدۇماناپ دېھقانلارنى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالغان ھەمدە ئۇلارغا تەلەپلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ شۇ كۈنى شىكايەت قىلىپ كەلگەن دېھقانلارغا ئىدارىنىڭ بىرىنچى باشلىقىغىمۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان. ئابدۇماناپنىڭ بۇ قىلغىنى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا، ئۇنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىشىگە ۋە 2019-يىلنىڭ ئاخىرى كېسىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرى «كوللېكتىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» قىلمىشىغا كۆز يۇمۇش ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش دەپ قارالغان ۋە سوت ھۆكۈمىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ پاكىت سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن.

غۇلجا ناھىيە جېلىليۈزى بازارلىق ساقچى خادىمى، ئابدۇماناپ ھاكىمجاننىڭ نۆۋەتتە كۈنەستىكى بىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر بۇلاڭچىلىقىغا قارشى تۇرغان ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.