كۇچالىق مۇھاجىر ھەبىبۇللا خالىق: «سىياسىي كومىسسار ئابلىكىم غوپۇرنىڭ يانپاش تېرىسى يۈزىگە چاپلانغان ئىدى»

0:00 / 0:00

كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابلىكىم غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان كۇچالىق مۇھاجىر ھەبىبۇللا خالىق ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ئۆزى بىلىدىغان بىر قىسىم كەچمىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئابلىكىم غوپۇر 2008 ‏-يىلىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە ج خ ئىدارىسىنى قوغداش داۋامىدا يارىلانغان ۋە يۈز تېرىسى قىسمەن كۆيۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى «كاتتا» بولغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر ئەينى چاغدا ئۇنى شاڭخەيگە ئاپىرىپ داۋالاپ، يانپىشىنىڭ تېرىسىنى يۈزىگە چاپلاپ ساقايتقان. ئابلىكىم غوپۇرنىڭ بىر قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈشتە ئېغىر زوراۋانلىق قىلىپ دادىسىنىڭ بېشىغا چىققانلىقىنى بايان قىلغان ھەبىبۇللا خالىق خىتاي تەرەپنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر سادىق خادىمىنىمۇ تۇتقۇن قىلغانلىقىغا قارىتا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان كۇچالىق مۇھاجىر ھەبىبۇللا خالىق ئابلىكىم غوپۇرنىڭ بىر قىسىم كەچمىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم غوپۇر 2008 ‏-يىلى كۇچادا ج خ ئىدارىسىگە قارىتا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە ئۇ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ساقچىلىق خىزمىتىدىن ئايرىلغان ۋە ئىشىككە قاراۋاتقان بىر دەرۋازىۋەن ئىكەن. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ھۇجۇمچىلار ئۇنى جېنىنى ساقلاش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە پۇرسەت بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ ھۇجۇمچىلار بىلەن قاتتىق تىركەشكەن ۋە ھۇجۇمدا بەدىنىنىڭ ئۈستى قىسمى قىسمەن كۆيۈپ كەتكەن. دائىرىلەر ئۇنى دەسلەپتە ئۈرۈمچى ئىككىنچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىغان، ئارقىدىن شاڭخەيگە ئاپىرىپ يانپاش تېرىسىنى يۈزىگە چاپلاش ئارقىلىق جاراھەت ئىزلىرىنى سەللىمازا ساقايتقان. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ئابلىكىم غوپۇر ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتا ئۇنىڭ «ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن مېيىپ ئىلغار» لار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

يەنە بۈگۈن خىتايچە تور ئارخىپلىرىدىن بايقالغان بىر خەۋەردە ئابلىكىم غوپۇرنىڭ 2009 ‏-يىلى مەملىكەت بويىچە «7‏-نۆۋەتلىك خەلق رازى بولغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى» نى باھالاشتا 50 نامزاتنىڭ بىر بولۇپ تاللانغانلىقى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى كۈنى ئابلىكىم غوپۇر ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئاڭلىغۇچىمىز ئۇنىڭدىن مەھەللىدىكى قولۇم-قوشنىلىرىدىن تارتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قەدەر ھېچكىمگە ياخشىلىق كەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. ھەبىبۇللا خالىقمۇ ئۆزىنىڭ ئابلىكىم غوپۇر تەرىپىدىن «نۇقتىلىق ئائىلىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى ۋە ئابلىكىمنىڭ داۋاملىق شايكا باشلاپ ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، بىر قېتىملىق ئۆي تەكشۈرۈشتە ئابلىكىم غوپۇر ھەبىبۇللا خالىقنىڭ دادىسىغا زوراۋانلىق قىلغان ۋە مەيدىسىدىن تۇتۇپ ئارقىسىغا ئىتتەرگەن. ھەبىبۇللا خالىقنىڭ دادىسى يىقىلىپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھەبىبۇللا خالىق خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە مۇشۇ دەرىجىدە سادىق بىر خادىمىنىمۇ جازالىغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خوتەنلىك سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزىگە سادىق ساقچىلىرىنىمۇ جازالىشى يېقىنقى 3 يىللىق ۋەزىيەتكە نىسبەتەن يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى خادىملىرىدىن كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى، 2017‏-يىلى ئۆزى ياتقان گۇما قاماقخانىسىنىڭ ھەر بىر كامىرىدا ئاز دېگەندە بىر نەپەر ساقچىنىڭ قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەبىبۇللا خالىق يەنە 2013 ‏-يىلى كۇچادا يۈز بەرگەن «ئالاقاغا ۋەقەسى» نى باستۇرۇشتىمۇ ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ئاكتىپ رول ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئابلىكىم غوپۇرنىڭ كۇچادىكى ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈۋېلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئىزچىل پارا يېگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق زور بايلىق توپلىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئالدىنقى كۈنى ئابلىكىم غوپۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن كۇچادىكى ساقچى خادىمى ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.