خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقىنىڭ كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.11.27
lager-urumchi-turpan-reuters.jpg ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر.
REUTERS

ئۆتكەن ئايلاردا تورلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ نەق مەيدانى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر خىتايچە ئاۋاز خاتىرىسى تارقالغان ئىدى. ئۇنىڭدا مائارىپ ساھەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» ۋە «بۆلگۈنچى» مەكتەپ مۇدىرلىرى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭدا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئىككى مۇدىرىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقىنىڭ بىر يىل بۇرۇن تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە كېرىيە تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا خاتىرىلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ئاۋاز خاتىرىسىدە خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئىككى مۇدىرىنىڭمۇ بۆلگۈچىلىك سەۋەبىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن رەتلەنگەن «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دە مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بارات تۇرسۇنباقىنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتە مەزكۇر مەكتەپكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا مەكتەپنىڭ ئىشخانا خادىمى ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ مەكتەپنىڭ تۇتقۇندىكى مۇدىرلىرى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى مۇدىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «ئەركىن ئىبراھىم» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن مەكتەپنىڭ مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر سابىق خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۆزىنىڭ سادىق بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بۇ خادىم بارات تۇرسۇنباقىنىڭ بىر يىل بۇرۇن تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە كېرىيەدىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

دېيىلىشىچە، بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدىكى بارات تۇرسۇنباقى ئەسلىدە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ 20 نەچچە يىل مەزكۇر مەكتەپتە خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئۇزۇن مەزگىل مەكتەپ ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن بارات تۇرسۇنباقى تېخى يېقىندىلا مۇئاۋىن مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بارات تۇرسۇنباقى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئەمەس، بەلكى كېرىيەدىكى ناھىيە بازىرىدىن چەت جايغا جايلاشقان بىر تۈرمىدە قامىلىپ ياتماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.