تۈركىيەدە «ئالدامچىلار» ساختا ھۆججەت ياساپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان خوتەنلىك ئۆي-مۈلك سودىگىرى، «گۈزەل ماكان» قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئەكبەر ئىمىننىڭ تۈركىيە بانكىسىدىكى 225 مىليون لىرا پۇلىنى يۆتكەشكە ئۇرۇنغان. ئالدامچىلار بانكىغا ئەكبەر ئىمىننىڭ ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ بانكا ھېسابىدىكى پۇلنى يۆتكىشىگە كاپالەت بەرگەنلىكىگە دائىر ساختا ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بانكىدىكى پۇلىنى ئالماقچى بولغان. بىراق بۇ ئالدامچىلىق ۋەقەسى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى بىر ئائىلە ئەزاسى تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ ئەمەلگە ئاشمىغان.
مەزكۇر ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندە «ئەكبەر دالۇ» دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ تونۇلغان ئەكبەر ئىمىننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئائىلە ئەزاسى ئالدامچىلىق ۋەقەسىنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن مەزكۇر پۇل ئوبوروتىنى توختىتىش توغرىسىدا تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئەرز قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
تۈركىيەدىكى «ساباھ» گېزىتى ۋە NTV قانىلىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەكبەر ئىمىندا «ئېلىشى بار» شەخسلەر ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولغان ئادۋوكاتلارنىڭ بانكا ھېسابىدىكى پۇلغا تەدبىر قويۇش توغرىسىدا تۈركىيە ئىجرائات تارماقلىرىغا سۇنغان ۋاكالەتنامە ۋە ئىمزالارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى، «ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىسى» كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن، ساختا ھۆججەت ياساش ۋەقەسىدە ئادۋوكاتلار تۈرك بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ئۇيغۇرلار بولۇشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن: «ھازىر تەدبىر قويدى، دەپتۇ، تەدبىر قويدى دېگىنى شۇ توڭلىتىپ قويدى. ئۆزى، ئايالى ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ۋاكالەت ئېلىپ كېلىپ ئالمىسا ھېچكىم ئالالمايدۇ. بىر ياخشى يېرى شۇ، ھېچكىم ئالالمايدۇ، خىتايمۇ ئالالمايدۇ. مېنىڭ بىلگىنىم تۈرك ئادۋوكاتلار، ئەمما ئۇنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلار بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ تۈركلەر بىلەن بەك جىق مۇئامىلە قىلمايتتى. ئۇنىڭ ئۇنداق جىق پۇلى بارلىقىنى ئۇيغۇرلار بىلەتتى. ئۇنىڭ دۇبەي ۋە تۈركىيەگە پۇل يۆتكىگەنلىكىنى».
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرى مەزكۇر دېلوغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە ئەكبەر ئىمىننىڭ تۈركىيە ئۆي-مۈلك ئىدارىسىدىكى ئىمزاسىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى «ئېلىشى بارلار» ۋە ئادۋوكاتلار تەييارلىغان ھۆججەتلەردىكى ئەكبەر ئىمىننىڭ ئىمزاسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى ئىمزانىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە تۈركىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىدىن ياردەم سورىغانلىقى ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى تۈركىيە تەپتىش دائىرلىرىغا قايتۇرغان جاۋابىدا ئەكبەر ئىمىننىڭ خىتايغا قايتىپ كەلگەنلىكى، ھازىرمۇ خىتايدا ئىكەنلىكىى، ئۇنىڭ 2015-يىلدىن بېرى ھېچكىمگە ۋاكالەت بېرىپ باقمىغانلىقى، «ئېلىشى بارلىقى» نى ئېيتقان شەخسلەرنىڭ ھېچبىرىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ بانكىدىكى 225 مىليون لىرا پۇلىنى توڭلاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئارىلىشىشى بۇ دېلوغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغىغان.
تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ پۇلنىڭ بىر تەرەپ بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈركىيەدە قانۇنلۇق بىر مىراسخورى بولۇشى ياكى قانداشلىق بېغىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان ئادۋوكات ئابدۇللا تىكىچ ئەپەندى 14-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ تۈرمىدىكى ئەكبەر ئىمىنغا ۋاكالەت بەرگۈزۈپ، بۇ پۇلنى قايتۇرۇپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا تىكىچ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭغا رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قانۇنلۇق مىراسخورى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ قانۇنلۇق مىراسخورى ئايالى بولغان تەقدىردە، ئەگەر ئۇ ئۆزى بۇ يەردە بولغان بولسا ئۇنى سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىپ، نىكاھلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايتتى. بىراق ھازىر بۇنىمۇ ئىسپاتلىيالمايدۇ. ھەتتا ئۇ كىشى بۇ يەردە بولسا ئۇنىڭ قانۇنلۇق توي خېتى بولمىغان تەقدىردىمۇ، پەرزەنتى بولسا ئۇلارغا د ن ئا سىنىقى ئېلىپ بېرىلىپ، بالىلار قانۇنلۇق ھەق ئىگىسى بولغان بولاتتى. شۇئان ئۇ كىشىنىڭ خىتايدىن بىرىنى ۋاكالەتچى قىلىپ ئەۋەتىشىدىن باشقا چارە يوق. بولمىسا بۇ پۇل تۈرك بانكىسىدا شۇ پېتى قېلىشى مۇمكىن».
ئابدۇللا تىكىچنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئەكبەر ئىمىنغا ۋاكالەتچى تەيىنلەشكە زورلىسا، بۇ پۇلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشى، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇ پۇلغا ئىگە بولالماسلىق مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن. خىتاي 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى چەتئەل بىلەن بولغان سودا ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسى تۈپەيلى تۇتقۇن قىلىپ، «چەتئەلدىكى تېررورچى ياكى تېررورلۇق گۇرۇھلارنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەن»، دەپ كېسىۋەتكەنىدى.
ئابدۇللا تىكىچنىڭ ئېيتىشىچە، مەسىلىنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىسى شۇكى، تۈركىيەدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا تۇرىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا پۇلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پۇللىرىنى تۈركىيەگە ئېلىپ چىقالمايدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇغقانچىلىق بېغىنى ئىسپاتلاشتا يەنىلا خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
ئابدۇللا تىكىچ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇرۇق-تۇغقىنى بولسا، بۇ بىرئاز ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، بىراق بۇنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئالىدۇ، قىسقا ۋاقىتتا پۈتمەيدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە خىتايدىكى بىر ۋاكالەتچى ئادۋوكات بىلەن ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدا ھەم خىتايدا بېجىرىدىغان رەسمىيەتلەر بولىدۇ ھەم تۈركىيەدە……. ئەگەر بۇ پۇل شىركەتنىڭ نامىدا قويۇلغان بولسا پەرقلىق، شەخسى نامدا قويۇلغان بولسا پەرقلىق بولىدۇ. ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئەھۋال. مەسىلەن، بۇ يەردە مەن ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار، خىتايدا نۇرغۇن پۇلى قالغان. ئۇلارمۇ بۇنى ھەل قىلالمايۋاتىدۇ. بەزىلەر بىلەن قانۇن ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن كۆرۈشىمەن. ئۇلار مېنىڭ 1000 لىرالىق ئىش ھەققىمنى بېرەلمەيدۇ، ئەمما خىتايدا 250 مىڭ دوللار پۇلى بار».
بۇ ۋەقە تۈركىيە بىلەن خىتاي پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇققا مالىيە ياردىمى بېرىشكە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر ۋاقىتتا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاندى. «پۇل يۇيۇش ۋە تېررورلۇققا مالىيە ياردىمى بېرىش ھەققىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇشتا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا دائىر ئەسلەتمە» ناملىق بۇ كېلىشىمدە، تەرەپلەر بىر-بىرىنى قارشى تەرەپ تەلەپ قىلغان ئاتالمىش جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ مالىيە پائالىيىتىگە دائىر ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش بەلگىلەنگەن. بىراق بۇ كېلىشىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مالىيە-ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغانىدى.
تۈركىيەدىكى ئادۋوكات، ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوغاننىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب ئۇنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجى ئىكەن.
ئىلياس دوغان مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيەنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب ئۇنىڭ پۇلغا ئېھتىياجى بار. ھازىر تۈركىيەدە 150 مىڭدەك خىتاي بار. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 250 مىڭ دوللار تۆلەپ تۈركىيە پۇقراسى بولدى. تۈركىيەمۇ ئىقتىسادىي، مالىيە جەھەتتىن ئاجىز. شۇڭا، ھازىر 150 مىڭدىن ئارتۇق خىتايچە سۆزلىشىدىغان، مۇسۇلمان بولمىغان كىشى تۈركىيە پۇقراسى، توغرىسى ئۇلار 250 مىڭ دوللار خەجلىدى. ئۇلار تۈرك پۇقراسى بولۇپ ھەر تۈرلۈك ھەقلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن. بۇ يۇقىرىقى كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى».
ئىلياس دوغاننىڭ 14-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، تۈركىيە خىتاي تەلەپ قىلغان ھەممە ئۇچۇرنى بەرمىسىمۇ، بىراق خالىغان ئۇچۇرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تۈركىيەمۇ خىتايدىن خىتايغا بېرىپ ياشايدىغان ھېچكىم بولمىسىمۇ، ئۇچۇر تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم تۈركىيەدىن خىتايغا بېرىپ ياشايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن، بىراق بەك ئاز. يەنى خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىپ ياشايدىغان خىتاي پۇقرالىرىچىلىك ئەمەس. بىرەر ئەھۋال بولسا تۈركىيە خىتايغا ئۇچۇر بېرىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ ئۇچۇر بەرسىمۇ، لېكىن دەلىللەرنى تەكشۈرۈشى، خىتاي خالىغان ئۇچۇرنى بەرمەسلىكى مۇمكىن» دېدى.
بىراق ئادۋوكات ئابدۇللا تىكىچنىڭ قارىشىچە، بۇ كېلىشىم تۈركىيەگە بىر مەجبۇرىيەت يۈكلىمىسىمۇ، بىراق ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا خەتەرلىك ئىكەن. ئابدۇللا تىكىچ مۇنداق دېدى: «مالىيە ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا بىر تەھدىت. بىراق رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئەسلەتمىگە قارىغاندا تۈركىيەنىڭ مۇتلەق بىر مەجبۇرىيىتى يوق. تۈركىيەنىڭ قايسى ئۇچۇرلارنى ۋە كىملەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. يەنى تۈركىيەنىڭ جامائەت تەرتىپى ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق شەخسلەر بولسا خىتاينى ئۇلارغا ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى يوق».
رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى ئىككى يىل ئاۋۋال بۇ يىل 54 ياشلىق ئەكبەر ئىمىننىڭ 2018-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 25 يىللىق ياكى مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى، كېسىلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن ئاكىسىنىڭمۇ بارلىقى، ئۇلارنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى، ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ قاماق جازاسىنى ئاقسۇدىكى بىڭتۇەن تۈرمىسىدە ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. يەرلىك دائىرىلەر يەنە ئەكبەر ئىمىننىڭ «چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسى»، «بىنا قۇرۇلۇشىنى زىننەتلەشتە ئېتنىك، دىنىي ئېلېمېنتلارنى ئىشلىتىپ، رادىكاللىق ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا «قويۇپ بېرىلگەن بىر لاگېر تۇتقۇنىنى ئۆي بىلەن تەمىنلىگەنلىكى» سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.