قەشقەردىكى «ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسيا سودا بازىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىنماقتا
2022.03.18
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر رايوندىكى ئەڭ كاتتا بازار بولغان قەشقەر يېڭى بازار، يەنى «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» چېقىلىشقا باشلىغان. بازارنىڭ چېقىلىشى تەھدىتلىك تەشۋىقاتلار ۋە تەقىپ-نازارەتلەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ بۇزغۇنچىلىققا قارىتا نارازىلىق كەيپىياتىنى يوشۇرالماي قالغان كىشىلەر تۇتۇپ سوراق قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بازارنى چېقىش پىلانى ۋە ئىجرائاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومېتىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ۋە ئىجرا قىلىنغان.
يېقىندا تورلاردا تارقالغان بىر سىن ئۇچۇرىدا، بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ مەلۇم بىر بازاردىكى چېقىۋېتىلگەن دۇكىنى ئالدىدىكى قاخشاش ۋە شىكايەتلىرى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ياش شىكايىتىدە كىملەرگىدۇر خىتاپ قىلىپ، تىنچ ۋە نورمال ياشاشقا نېمە ئۈچۈن ئىمكان بېرىلمەيدىغانلىقىنى سورايدۇ. سىن كۆرۈنۈشىدە يەنە چوڭ بىر ئۈستى يېپىق بازاردىكى چېقىۋېتىلگەن دۇكانلار، چېچىلىپ ياتقان ماللار كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۇچۇرنى توردا تارقاتقۇچىلار، بۇ بازارنىڭ قەشقەردىكى يېڭىبازار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن قەشقەردىكى بازار باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار قەشقەر يېڭىبازارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى، ئەمما چېقىشنىڭ قانداق بىر مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە قايسىي باسقۇچقا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئۇيغۇر رايوندىكى ئەڭ كاتتا بازار بولۇپ، 4000 دىن ئارتۇق دۇكان، 21 كەسپىي بازاردىن تەشكىللەنگەن، كۆلىمى 250 مو ئەتراپىدىكى چوڭ بازار ئىكەن. نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قاسىم ئابدۇرېھىم ئەپەندى، ئىلگىرى ئەنە ئەشۇ بازاردا 6 يىل دۇكان ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ بازار 1980-يىللاردا «يەكشەنبە بازار» سۈپىتىدە قۇرۇلغان، 1990 -يىللاردا كۈندىلىك بازارغا ئايلانغان، 2000-يىللارغا كەلگەندە خەلقئاراۋىي بازارغا يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدىكى جان تومۇرلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، بۇ بازارنىڭ چېقىش ئۇقتۇرۇشى 2-3 ئاينىڭ ئالدىدا دۇكاندارلارغا ئۇقتۇرۇلغان، ئەجەبلىنەرلىكى دۇكاننىڭ چېقىلىش ئۇقتۇرۇشى بازار باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەمەس، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلغان ۋە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى بازارنى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە زىچلىقتا تەكشۈرۈشكە باشلىغان. دىيىلىشىچە، بۇ بازارنىڭ چېقىلىشى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىكىگە ئۈستىلەپ تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ۋەزىيەتتىكى كەسكىنلىك سەۋەبىدىن كىشىلەر سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم كىىشلەر نارازىلىق كەيپىياتىنى يوشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ساقچىخانىلارغا ئاىپىرىلىپ سوراق قىلىنغان. بىر قىسىملىرى دۇكان ۋە ئۆيلىرىدىن چاقىرتىپ ئەكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلمىگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمى، بۇ چېقىلىشنىڭ بازاردىكى دۇكاندارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى، بەلگىلىك دەرىجىدە تۆلەم بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ چېقىلىشتىن ھېچكىمنىڭ رازى بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئەمما ئۇ نارازىلىق كەيپىياتىدا بولغان قانچىلىك كىشىنىڭ سوراق قىلىنغانلىقى ھەققدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بازارنى چېقىش جەريانىدا دۇكاندارلاردىن تۇتقۇن قىلىنغانلار بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا قەشقەر يېڭى بازاردا 9000 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۈرۈمچىدىكى «ئاتلان» تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان قاسىمجان ئاندۇرېھىم ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ بازار ماللىرىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلىكىدىن باشقا، يەنە ئۆزگىچە يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەنمۇ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەركىزىگە ئايلانغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى، بازارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ چېقىلىپ بولغانلىقى، بۇ بازارنىڭ ئورنىغا بىر ساياھەت ئورنى سېلىنىىش پىلانى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما بۇ ساياھەت ئورنىنىڭ كىم ياكى قايسىي شىركەت تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر، بۇ دۇكان ساھىپلىرىغا ئىنتايىن ئاز مىقداردا تۆلەم بەرگەن ۋە ئۇلارغا قەشقەر شەھىرىدىن 15 -20 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى ئاۋات يېزىسىدىن ئورۇندىن كۆرسىتىپ بەرگەن.
بۈگۈنگىچە ئېنىقلاشلاشلىرىمىزدىن، بۇ بازارنىڭ چېقىلىشى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراشتىن باشقا يەنە قانۇنىي جەھەتتىنمۇ زەربە ئۇچراپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر بارلىقى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قانچە كىشى ئىكەنلىكى، كىملەر ئىكەنلىكى ۋە تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.