كورلادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكا-ئۇكا تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، مال بىساتى توڭلىتىلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.08.21
rozi-haji-hemdul-karxanichi.jpg «شىنجاڭ روزى ھاجى سودا چەكلىك شىركىتى»، «كورلا چىلانباغ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتى» نىڭ خوجايىنى 43 ياشلىق روزىھاجى ھەمدۇل ئەپەندى.
RFA/Gülchéhre

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر پۇلدارلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقان يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن، ھەتتا مەخپىي تۈردە كېسىلگەن پۇلدار ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. مانا مۇشۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ساندانغا يېقىندا يەنە ئىككى ئۇيغۇر باينىڭ ئىسمى قوشۇلدى.

ئۇلار «شىنجاڭ روزى ھاجى سودا چەكلىك شىركىتى»، «كورلا چىلانباغ ئۆي-مۈلۈكچىلىك شىركىتى» نىڭ ئاكا-ئۇكا لىدېرلىرى 43 ياشلىق روزىھاجىم ھەمدۇل بىلەن 37 ياشلىق مەمەت ھەمدۇللاردۇر. ئۇلار كورلا شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، يېقىنقى 10 يىلدا تېز سۈرئەتتە روناق تاپقان ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر كارخانىچىلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ بىر ئىنىسى ئۆمەرجان ھەمدۇل نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 2016-يىلى تەتىلدە يۇرتىغا تۇغقان يوقلاپ بارغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 2017-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىكەن. ئەمما ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمىغان. ئۇ يېقىندا ئاكىسىنىڭ شىركىتىدە خىزمەت قىلغان بىر خىتايدىن ئاكىسى روزىھاجىنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى ئاكىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قارارىغا كەلگەن.

خىتاينىڭ مەلۇم شەھىرىدىن ئۆمەرجانغا ئاكىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزگۈچى خىتاي ئۇنىڭغا «ھازىر ئۇيغۇر بايلارنىڭ ھەممىسى تۈرمىدە، قويۇپ بېرىلىۋاتقانلار ساپ ئاياللار، ئەمما ئەرلەر ئاساسەن كېسىلىۋاتىدۇ، لاگېردىن چىقالىغىنى يوق، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى پۈتۈنلەي توڭلىتىۋەتتى. . .» دېگەن.

خىتاينىڭ توردىكى ئۇچۇر ئارخىپلىرىدىن روزا ھاجى ۋە مەمەت ھەمدۇللار قۇرغان ئۆي-مۈلۈك شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىنى، شىركەتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقىتلىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرىنى ھازىرمۇ تاپقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كۆپ قەۋەتلىك قىلىپ كورلانىڭ كۆنچى دەريا بويىغا زامانىۋى شەكىلدە سالدۇرغان چىلانباغ سارىيى كورلا شەھىرىدىكى مەشھۇر قۇرۇلۇشلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

چىلانباغ سارىيى 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئەمدىلا پۈتۈپ بازارغا سېلىنىشىغا روزىھاجى ئۈرۈمچىدە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن كورلاغا يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە لاگېرغا قامالغان. ئۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ ئاي كېيىنلا ئىنىسى ۋە شېرىكى مەمەت ھەمدۇلمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئۆمەرجان چوڭ ئاكىسى روزى ھاجىنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، ئەمما كىچىك ئاكىسىنىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. ئۆمەرجان يەنە ئىككىلا ئاكىسىنىڭ 4 تىن پەرزەنتى بارلىقىنى، ئۇلاردىن ۋە ياشىنىپ قالغان ئاپىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، روزىھاجىنىڭ ئۈرۈمچىدە، كورلادا، ئاقسۇدا ۋە خوتەندىمۇ تارماق شىركەتلىرى بار بولۇپ، ئاكا-ئىنى ئىككىلىسى ئاساسەن ئۆي-مۈلۈكچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغاندا خوتەندە زور مەبلەغ بىلەن ئىنتايىن چوڭ كۆلەملىك بازار قۇرۇلۇشى ۋە بۈگۈردە يەنە بىر ئائىلىلىكلەر رايونى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن.

بۇ ئاكا-ئىنى بايۋەتچىلەرنىڭ يەنە ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردا 10 دىن ئارتۇق داچا ۋە ئۆي-زېمىنلىرى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ قورغان، جەۋھەر، بودۇن، قەلئە قاتارلىق رېستورانلىرىمۇ تازا راۋاج تاپقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ كۆچمەس مۈلۈكلىرىدىن باشقا قولىدىكى 3-4 يۈز مىليون يۈەن بانكا ھېساباتى پۈتۈنلەي توڭلىتىلغان ئىكەن.

ئۆمەرجان ھەمدۇل ئاكىسى روزىھاجى ۋە مەمەت ھەمدۇللارنىڭ ھېچقاچان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سەزگۈر ۋە ناھايىتى ئېھتىياتچان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر بايلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشتا پەقەت باھانە تاپالمىغاندا ئۇلارنىڭ ساخاۋەتچىلىك ئىشلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىرىلەرنىڭ پەقەت ئاكىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلغانلىقلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ تۇتقان بولۇشى مۈكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» قاتارلىقلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر رايوندا لاگېرلارنى قۇرۇش بىلەن ئوخشاش مەزگىللەردە مەركەزنىڭ بىر تۇتاش بۇيرۇقى بويىچە، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلاتقان ئىكەن. بۇنىڭدا ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى كارخانا ئورۇنلىرى ھەمدە يەككە تىجارەتچىلەر قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي بايلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئالاقىدار جەدۋەل بويىچە تولدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرغان. بۇنىڭ ئورۇنلىنىش نىسبىتى يۈز پىرسەنتكە يەتكەن ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۇلدار ئۇيغۇرلارنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. 2017-يىلىدىن بۇيان رادىيومىزدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەلسۆيەر سودىگەرلەردىن غۇلجادىكى داڭلىق ساخاۋەتچى نۇرتاي ھاجى، سادىقجان ساقىھاجى قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، داڭدار بايلاردىن يەنە ياقۇپ ھاجى بىلەن سېلىم ھاجىلارنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، ساخاۋەتچى، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچى، ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ 17 يىل كېسىلگەنلىكى، قەشقەردىكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ 18 يىل كېسىلگەنلىكى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم سەمەننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، غۇلجادىكى داڭلىق ساخاۋەتچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.