يېقىندا، «شىنجاڭ روزى ھاجى سودا چەكلىك شىركىتى»، «كورلا چىلانباغ ئۆي مۈلۈكچىلىك شىركىتى» قاتارلىقلارنىڭ لىدېرلىرى روزىھاجى ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇل ئاكا-ئۇكىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاكىسى روزىھاجىنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ زور مىقداردا مال-بىساتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر پۇلدارلىرى ۋە روناق تاپقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭمۇ ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىگە ئايلانماقتا.
تۈركىيەدىكى كورلالىق مۇھاجىر ئۆمەرجان ھەمدۇل ئۆز ئاكىلىرى، روناق تاپقان ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى روزىھاجى ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇلنىڭ ئىلگىرى-كېيىن 2017-يىلى 10-ئاي ۋە 2018-يىلىنىڭ بېشىدا سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئاكىسى روزىھاجىنىڭ 25 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزگەنىدى. ئۇ يەنە بۇ ئۇچۇرلارغا ئاكىسىنىڭ خىتايدىكى بىر شېرىكى ئارقىلىق ئىگە بولغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى. ئۇ خىتاي سودىگەر ئۆمەرجانغا، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاكىلىرىنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ قەست قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر بايلارنىڭ ئاساسەن لاگېر ياكى تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنىكەن.
روزا ھاجى ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇكىسى ئۆمەرجان ھەمدۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار قۇرغان ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى كورلا كۆنچى دەرياسى بويىغا سېلىنغان 30 نەچچە قەۋەتلىك «چىلانباغ سارىيى» ناملىق كۆركەم قوشماق ئىمارەتلەر ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۈلۈكلەر ئەمدى ئۇلارغا تەۋە بولماستىن، ھەممىنى ھۆكۈمەت توڭلاتقان.
بىز كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى روزىھاجى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى مەمەت ھەمدۇلنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىۋېتىلىش مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفون ئېلىنمىدى.
ئۆمەرجان ھەمدۇلنىڭ ئاكىلىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، روزىھاجى ۋە مەمەت ھەمدۇل ئۈرۈمچىدە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن كورلاغا يۆتكەپ كېلىنىپ لاگېرغا قامالغان، روزىھاجىغا مەلۇم بىر تۈرمە ئىچىدىلا يېپىق سوت ئېچىلىپ 25 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
بىز، روزىھاجى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق كورلا شەھەر لەڭگەر يېزا، شاقۇر كەنتى قاراشلىق ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفوننى بىر خىتاي ساقچى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ روزىھاجى ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇللارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئۆمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە كىچىك ئاكىسى مەمەت ھەمدۇل تۇتۇلۇشنىڭ ئالدىدا ھەتتا تۈركىيەدە شېرىكلىشىپ مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىسى ئېچىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
روزىھاجى ھەمدۇل ۋە مەمەت ھەمدۇلنى يېقىندىن تونۇيدىغان، 2017-يىلى-4 ئايلاردا ياۋروپاغا پاناھلىق تىلەپ كېلىپ ياشاۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، ئۆزىنىڭ روزىھاجى بىلەن 25 يىللىق ئەل-ئاغىنىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى تونۇش-بىلىشلەر ئارقىلىق روزىھاجى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ مال-بىساتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ كىشىمۇ ئوخشاشلا «ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۇلارنىڭ پۇلدار بولغىنىدىن باشقا سەۋەب يوق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تەخمىنلىشىچە، روزىھاجىنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلكىنىڭ قىممىتى 7-8 يۈز مىليون يۈەنگە بارىدىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە روزىھاجىنىڭ ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ ۋە خوتەندىمۇ تارماق شىركەتلىرى، يېڭىدىن مەبلەغ سالغان زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردا 10 دىن ئارتۇق داچا ۋە ئۆي-زېمىنلىرىدىن باشقا «قورغان»، «جەۋھەر»، «بودۇن»، «قەلئە» دېگەن ناملاردىكى رېستورانلىرى قاتارلىق قوشپۇمچە ئىگىلىكلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا تازا راۋاج تاپقان سودىگەرلەردىن سانىلىدىكەن.
مەزكۇر ئاكا-ئۇكا بايۋەتچىلەرنىڭ ئىنىسى ئۇلارنىڭ ھېچقاچان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سەزگۈر ۋە ناھايىتى ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى پەقەت مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلغانلىقلىرىنى باھانە قىلىپ تۇتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا لاگېر سىياسىتىنى باشلىغاندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇر داڭدار شەخسلىرى ۋە بايلارنىڭ ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ بىر قىسىم باي-تىجارەتچىلەرنىڭ قولىدىكى يەر-زېمىن ۋە بايلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن توڭلىتىلىۋاتقانلىقى ۋە تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش مىساللارنىڭ كۆپىيىشى، ئۇيغۇر ۋە خىتاي سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.
ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور شان روبېرتس بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلدار ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ لاگېرلارغا قامىغاندىن سىرت ئاساسەن ئۇلارغا ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئۇيغۇر بايلار ۋە زېمىندارلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار مەيدانغا چىقماقتا. ئۆزۈممۇ تۈركىيەدە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەرلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتىم. ھازىر، گەرچە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇۋېلىشتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قولى بارمۇ ياكى يەرلىك خىتاي پارتىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، نۆۋەتتىكى سىياسەتنى پۇرسەت بىلىپ ئۇيغۇرلارنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىۋاتامدۇ ؟ تەتقىق قىلماي تۇرۇپ بۇنىڭغا ئېنىق باھا بېرىش تەس. ئەمما ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەكىتلىگىنىمدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئومۇمىي سىياسىتىنى ئىرقىي تازىلاشنىڭ يېڭى بىر شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ۋە ئۆزگەرتىش، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىشقا ئوخشاش نۇقتىلىق ۋە نىشانلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر پۇلدار ۋە زېمىندارلىرىنىڭ نۇقتىلىق قولغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ زېمىن ۋە بايلىقلىرىنىڭمۇ ھۆكۈمەت ياكى سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئېتنىك تازىلاشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ دەپ ئېيتالايمىز».
شان روبېرتس ئەپەندى يەنە گەرچە ھازىر لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ۋە خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە تونۇشلۇق بىر مەسىلىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇيغۇر پۇلدار ۋە زىمىندارلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى؛ «ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى يېقىندىن ئەگىشىپ كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن باغلانغان. بولۇپمۇ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى بىلەن بۇ زېمىنغا خىتاينىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئاساسلىق زېمىندارلارنى لاگېرلا ئەمەس تۈرمىگە قامىشى مەقسەتسىز ئەمەس، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول زور پىلان بار. شۇڭا بۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە».
0:00 / 0:00