شىۋېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىۋېتسارىيەنىڭ يەرلىك خەلقىگە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن.
شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار 25-نويابىر كۈنى كەچتە زۇرىخ شەھىرىگە جەم بولۇپ «ئۇيغۇر كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت بىلەن ئۇنىڭ خانىمى گۈلنار مەمتىمىن تەشكىللىگەن.
بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئەتراپتىكى رايونلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن سىرت، يەنە ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەرمۇ قاتناشقان.
شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ پائالىيەت يەرلىك خەلقتە ياخشى تەسىرات قالدۇرغان. يەرلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قارىتا ھېسسىداشلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشقان.
دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت بۇ پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپى-ئادەتلىرى، دىنى، تىل-ئەدەبىياتى، ھەتتا يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەكلىرىگە قەدەر بولغان خاسلىقلىرىنى ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ، يەرلىك خەلققە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىن ھېچقانداق باغلىنىش يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
ئۇ يەنە مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈف خاس ھاجىپ قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىملىرى توغرىسىدا ھەمدە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئەسلى نامىنىڭ «شىنجاڭ» ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. ئاندىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ھەققىدە توختالغان.
بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن گۈلنار مەمتىمىن خانىم پائالىيەت جەريانىدا مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئارقىدىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى ئۇيغۇرچە ھەمدە گېرمانچە تىللاردا دېكلاماتسىيە قىلىپ، سورۇن ئەھلىنىڭ ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان.
شىۋېتسارىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ھېبىبۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇرچە ئەتلەس كۆينەكلەر بىلەن پۈركەنگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بۇ كېچىلىككە ئاتاپ ئۇيغۇرچە يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە يەرلىك شىۋېتسارىيەلىكلەردە كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلغۇچى بەزى يەرلىكلەر ئۇيغۇرلارنى نۆۋەتتىكى ئېغىر ئازابلار تۈپەيلى چۈشكۈنلەشمەسلىككە، تېخىمۇ روھلۇق ياشاشقا، ئۆز-ئارا ئىتتىپاق ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىشقان.
پائالىيەت خاتىمىسىدە بىر مەيدان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل بىلەن كېچىلىكنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىققان. يەرلىك ئاھالىلەرمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئۇسسۇللارغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ كېچىلىك پائالىيىتى ئومۇمەن كىشىلەردە ناھايىتى ياخشى تەسىرات قالدۇرغان.