20-ئىيۇن «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دە، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى ئىشلىگەن «قورقۇنچتىن ھۆرلۈككىچە-بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ فىلىمدا ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەرنىڭ ئەسلىمىسى ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرى ۋە ھۆر دۇنياغا قەدەم بېسىشتىكى ئەگرى-توقاي جەريانلىرى جانلىق شەكىلدە ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن. قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەرنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى ئاستىدا دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق رېئاللىقىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر فىلىمدىكى باش پېرسوناژ قاسىم ئابدۇرېھىم قەشقەر ئەپەندىنى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق.
قاسىمجان ئابدۇرېھىم قەشقەر 1979-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە «ئاتلان» تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرغان. 2017-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ، 2019-يىلىدىن بۇيان «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىمەكتە.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.