مەجبۇرىي ئەمگەكتىكى ئۇيغۇرلار ۋە رايونلار ئارا يۆتكىلىۋاتقان ئىشچىلار قوشۇنى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.03.03
lager-zens-zen-bdt.jpg ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئاراغا تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز ئەپەندى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2018-يىلى 18-سېنتەبىر، جەنۋە.
REUTERS

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ بۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلەر بىلەن قايسى دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن نېمىلەردىن بىشارەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بىر سىستېمىلىق خۇلاسە چىقىرىلماي تۇرىۋاتقان ئىدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنىزنىڭ 2-مارت كۈنى «جېيمىس تاۋن فوندى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتى ئەنە شۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى يەنە بىر قېتىم جىددىي ھالدا ھەر ساھەنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

دوكلاتتا ئالدى بىلەن يېقىنقى مەزگىللەردە تارقىتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي ھۆججەتلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ماھىيىتى ھەمدە مىڭلىغان ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك ناملاردا ھەرقايسى رايونلارغا يۆتكەشنىڭ خىتاي دۆلىتى سىستىمىلىق ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش ھەمدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي زىچلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى تەپسىلى شەرھىلەندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئەمگەك كۈچىنى مەجبۇرىي يۆتكەش تەدبىرلىرى ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان ئىككى تۈرلۈك مەنبەنى ئاساس قىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش جەريانىدا مىليونلاپ لاگىرلارغا قامالغان تۇتقۇنلار ئاتالمىش «ئوقۇش پۈتتۈرۈش» ئۆلچىمىگە يەتكەندە، يەنى ئۇلاردىكى «ئەسەبىيلىك» ئىدىيىلىرى تۈگىگەندە ئائىلىسىگە ياكى جەمئىيەتكە قايتۇرۇلماستىن شۇ لاگېرلارغا ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەلمەكتە ئىكەن. يەنە بىرى بولسا «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچى» دەپ ئاتىلىۋاتقان دېھقان ياشلىرىنى پاختا تېرىش دېگەندەك پەسىللىك ئەمگەكلەرگە سېلىش ھەمدە غايەت زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، زاۋۇتلاردا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىش بولماقتا ئىكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور ماددىي كۈچ سەرپ قىلىش بەدىلىگە «شىنجاڭدا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن مەزمۇندا كۆپلەپ تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغىماقتا ئىكەن. مىڭلىغان ئىشسىز دېھقان ياشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەسپىي تەربيەلەش»، «خىزمەتكە تىزىملاش» دېگەن ناملاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتتە ئاشۇ ياشلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشماقتا ئىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرى خالىمىغان ئەھۋالدا خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىشى، بۇنى رەت قىلغانلارنىڭ لاگېرغا قامىلىشتەك تۈرلۈك جازالارغا مەھكۇم بولىدىغانلىقى دېگەنلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە «مەجبۇرىي ئەمگەك» نى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار ھۆججەتلىرى دەل مۇشۇ خىل «ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى» ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دەل ئەنە شۇ سەۋەبتىن 2017-يىلى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدىكى «راي سىناش» تا دېھقان ياشلارنىڭ بۇ خىلدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن «قەتئى خالىماسلىق» تەك ئومۇمى پوزىتسىيەسى 2020-يىلىغا كەلگەندە «ھەممەيلەننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

ئاپتور بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ئالاھىدە مىسال تەرىقىسىدە پايدىلانغان بىر مۇھىم ھۆججەت «خوتەن رايونىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدىكى خىزمەت دوكلاتى» بولۇپ، بۇنى خىتاينىڭ نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى 2020-يىلى تەييارلاپ چىققان. ئەمما بۇ دوكلات توردا ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرىۋېتىلگەن. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «شىركەتلەرنىڭ ئەمگەك تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل» دەپ شەرھىلەنگەن. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان پىلانلىق تۇغۇتقا بويسۇنمىغانلىقى ئاخىرىدا كۆپلىگەن ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇ ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرى بولسا نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇنى خەلقئاراغا بەك داغدۇغا قىلىپ يۈرمەستىن تېزدىن ئىجرا قىلىش لازىم» دېگەن قۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەركىتىنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 220 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنى غايەت زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە «2022-يىلىغا بارغاندا ئاز دېگەندە ئۈچ يۈز مىڭ خىتاي كۆچمەننى جەنۇبىي شىنجاڭغا يەرلەشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق نوپۇس سۈپىتىنى ياخشىلاش لازىم» دېگەن كۆرسەتمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلىتىش ئۇرۇنىشىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلىشى ھېساپلىنىدىكەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن «نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ دېھقان نوپۇسى ‹ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرى› دېگەن نامدا مەجبۇرىي يۆتكىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ چىققاندىن كېيىن «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇغۇتنى چەكلەش ۋە لاگىرلارغا قاماش ماھىيەتتە بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئ‍ۈچ بۇلۇڭ ھاسىل قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇپ چىقىش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھادىسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە نوپۇس قىرغىنچىلىقىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمى. تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى› ھېساپلىنىدۇ،» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

«جېيمىس تاۋن فوندى» 73 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەندىشىلىك مەسىلىلەر قاتارىدا قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھەمدە نۆۋەتتىكى غايەت زور تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى سودا شىركەتلىرىنى ئىزچىل خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا ھەرقاچان مۇناسىۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق بۇ خىل قەبىھ زۇلۇملارغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.