چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلار ۋە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى
2022.01.27
بۇ يىل 1-فېۋرال خىتاينىڭ «چاغان» بايرىمى. خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلىنىغانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى كۆپلەپ تارقىلىپ، دىققەت قوزغىماقتا.
يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت تەرىپىدىن فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بۇ تۈردىكى سىن فىلىملىرى كۆپلەپ يوللاندى. سىن فىلىملىرىدە ھويلا دەرۋازىلىرى ۋە بىنا ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئىككى يېنىغا خىتايچە چاغانلىق مەسنەۋى چاپلاۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆرسىتىلگەن. سىن فىلىملىرىدە يەنە كوچىلاردا خىتاينىڭ بايراملىق مىللى كىيىملىرىنى كىيىپ، سۇناي ۋە دۇمباق تەڭكەش قىلىنغان خىتايچە مۇزىكىلارغا ماسلىشىپ، خىتايچە ياڭگېر ئۇسسۇلى، ئەجدەرھا ئۇسسۇلى، ياغاچ ئاياق ئويۇنى، يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى مەشق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
زۇمرەت داۋۇت خانىم 26-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆزى ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان 2017-2018-يىللاردا مەھەللە كومىتېتى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان ئەھۋاللارنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 2016-2021-يىللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باياملىرىنى ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ، چاغان قاتارلىق خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئەمما يېقىندا تارقالغان چاغان ھەققىدىكى بۇ سىن فىلىملىرىدىمۇ ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىغا ما شىڭرۇي پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ۋەزىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنىلا داۋا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
چېن چۈەنگو 2016 ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى بولغان يىللاردا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن. ئۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنى «خىتاي كىملىكى» نى قوبۇل قىلىشقا، خىتايلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقا، «چاغان» ئۆتكۈزۈشكە، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنغان. بۇنى قوبۇل قىلمىغانلارنى «دىنىي ئەسەبىي» ياكى «بۆلگۈنچى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن لاگېرلارغا قامىغان ياكى تۈرمىلەرگە بەنت قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى، غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ «چاغان بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ئالامەتلەر چېن چۈەنگو كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچلىقى» نىڭ توختاپ قالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتلىرىدىن بىرى ھىساپلىنىدىكەن.
زۇبەيرە خانىم يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل خىتايلاشتۇرۇش ۋە مىللى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، مەخسۇس دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 27-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي تۇغقاندارچىلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىشى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش، ئۇلارغا خىتاي مەدەنىيەت كىملىكىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشتەك «ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى» يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئېچىپ بېرىلگەن ئىكەن.
زۇبەيرە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش» سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان رېيال ئەھۋاللار، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.