ئامېرىكادىكى تىنچلىق تەتقىقات ئورنىدا «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كرىزىس» تېمىسىدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

17-ئىيۇل ئامېرىكىدىكى «تىنچلىق تەتقىقات ئورنى» دا «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كرىزىس ۋە بۇ ئەھۋالنى دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان دۇنياۋى ھەرىكەتتە ئەكس ئەتتۈرۈش» تېمىسىدا مىنىستىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئەربابلار، بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر شۇنىڭدەك ۋاشىنگتوندا ئېچىلىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ئەل ۋەكىللىرى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئالدى بىلەن يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىندا ئامېرىكا دىنىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئەڭ ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ دادىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىدەك بىر ئېچىنىشلىق رېئال ۋەقەنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يوقاپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياردىمىدە سۈرۈشتە قىلىشنى ئىستەيدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەم بروۋنبەك سۆزى داۋامىدا يەنە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئەھۋالىنى ئۇلارغا بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، يوقاپ كەتكەن مۇشۇنچە كۆپ كىشىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا سانلىق مەلۇماتلار بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغدا ھەر مىللەت ۋە دىندىكى كىشىلەرنىڭ چوقۇم بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بىر نىيەتكە كەلگەندە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە نۇقتىلىق قىلىپ بۇ ۋەزىيەتنىڭ ھامان بىر كۈنى شەكىللىنىدىغانلىقى قايتا-قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «قاراپ تۇرۇڭلار، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر چوقۇم ئازاد بولىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان يەنە بىر مۇھىم شەخس بولسا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت دىكى سابىق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى كەللىي كۇررىي خانىمدۇر. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا مۇسۇلمان ئەللىرىدىن ئىنكاس چىقمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى شۇنداقلا مۇشۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش دولقۇنىنىڭ قوزغىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كەللىي كۇررىي خانىم سۆز داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۆۋەتتىكى ئەڭ رېئال ۋە ئەڭ مۇھىم بىر كرىزىس بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۆپرەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە بىر قىسىم ئەربابلار سۆز قىلغان بولۇپ، يىغىندا سۆزلەشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئىدى. ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشەل بەشلىتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان ھالەتتە ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ رايوندىكى ئوچۇق-ئاشكارا زىيارىتى خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتىكى بىر باھانە بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئۆز سۆزىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايغا تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن چاقىرىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى:

1) جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاپ، تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش؛

2) مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر دىيارىنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشقا يول قويۇش؛

3) مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇش؛

4) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە، كانادا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىنى توختىتىش؛

5) ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىش؛

6) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتا قوللىنىۋاتقان چەتئەل تېخنىكىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا چەكلىمە قويۇش؛

7) خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە دارىلئېتاملارنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش؛

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز ئاخىرىدا، «‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ھالەت قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ، بۇ قەتئىي قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەك،» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

يىغىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر كرىزىسى دەپ ئاتايدىغانلىقىغا قارىتا قىسقىچە تەبىر بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ شۇ ياردە ئۇچرىغان مەجبۇرىي «سىياسىي مېڭە يۇيۇلۇشى»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە مۇقەددەس جايلىرىنى چېقىپ تاشلىغانلىقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىرى بولالايدىكەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە 10 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان خەلقئارالىق ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، ب د ت ۋە باشقا دىنىي ئىشلار ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار، ئاخبارات ساھەسى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.