ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى بايانى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق» (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق نۆۋەتتە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەنىڭ مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بولۇشتىن ھالقىپ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوخشىمىغان تەركىبى قىسىملىرى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلمىي ئۇنۋان ئۈچۈن يېزىلىدىغان دىسسېرتاتسىيە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. ئەنە شۇ خىلدىكى ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى سان فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى لىنا لېنبېرگ (Lina Lenberg) نىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 2022-يىلى ماي ئېيىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق» دېگەن ماۋزۇدا تاماملاندى ھەمدە پروفېسسورلار گۇرۇپپىسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن رەسمىي باھالاشتىن ئۆتتى.

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوخشىمىغان خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئوخشىمىغان ئاۋامغا ۋە كوللېكتىپلارغا ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇۋاتقان لىنا لېنبېرگ سان فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولمىغان كۆپلىگەن پاجىئەلىك ھالقىلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسكىن ھالدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىگە تېما قىلىپ تاللىغان. بەش يىللىق ئىلمىي ئىزدىنىش ھەمدە كالىفورنىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپىنى نەچچە يۈز ئادەم قېتىم زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يېزىلغان 200 بەتلىك دىسسېرتاتسىيە ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باش تېما قىلىنغان تۇنجى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا لىنا قانداق بولۇپ ئۆزىگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىگە تېما قىلىپ تاللىشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«مەن بىر ئوقۇتقۇچى، ھازىرمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن. بۇ ئەسلىدىنلا مېنىڭ خىزمىتىم بولۇپ، مەن بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقىلى 20 يىلدىن ئېشىپ قالدى. مەن ئىلگىرى سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى بىر خەلقئارالىق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ مەكتەپكە كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشقا كېلەتتى. بىر يىلى قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغان ئاكا-ئۇكا ئىككى ئۇيغۇر بۇ جايغا كېلىپ قالدى. مەن خىتاي پاسپورتىنى بەك كۆپ كۆرگەن بولساممۇ ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۇڭغىچە ھېچنەرسە ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. شۇڭا ئۇلار مەكتەپكە كەلگەندە مەن ئۇلاردىن بەزى سوئاللارنى سورىدىم ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تىل، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئۇيغۇرلار ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بىر قىسىم ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ ۋەتەندە قالغان ئائىلىسىنىڭ پالاكەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ بۇ جايدىكى خىتاي ساۋاقداشلىرى بىلەن غىژىلدىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرلارغا زادى نېمە بولغاندۇ، دەپ بۇ ئىشلارغا قىزىقىپ قالدىم ھەمدە سان فرانسىسكودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەمما بۇ ئىشلار شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق تېخى دۇنياغا مەلۇم بولمىغان ۋاقىتلار ئىدى. 2016-يىلى مەن دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى باشلىغاندىن كېيىن تۇنجى مەۋسۇملۇق ‹ئاغزاكى تارىخ بايانى› دەرسىدە شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا بىر قېتىملىق لېكسىيە تەييارلىدىم. ئەنە شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم، قىرغىنچىلىق دېگەنلەرنى رەسمىي تۈردە ئاڭلىدىم. 2017-يىلىغا كەلگەندە بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ بەكمۇ ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ ئىشلارنى ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ بولسا بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يېزىش قارارىغا كەلدىم. سان فرانسىسكودىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ جەھەتتە ماڭا ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلدى. مەن ئۇلاردىن بەكمۇ مىننەتدارمەن. مەن ئۆزۈم رۇسىيەدە تۇغۇلغان بىر يەھۇدىي قىزى. بىز رۇسىيەدىكى دىنىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ ئامېرىكىغا كەلگەن بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ماڭا يات ئەمەس ئىدى. ‹يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى› ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەن ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ! › دېگەن شوئارنىڭ قايتا-قايتا توۋلانغانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما بۇ ئىشلار ھازىر يەنە يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ھازىرچە قىلالايدىغان بىر ئىش سۈپىتىدە مۇشۇ دىسسېرتاتسىيە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا بىر كىشىلىك كۈچ چىقىراي، دەپ ئويلىدىم».

مەزكۇر دىسسېرتاتسىيەدە لىنا لېنبېرگ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي كونتروللۇق، ئاھالە كۆچۈرۈش ئاساسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك قۇرۇلۇشى، ئاق تېررورلۇق ئاساسىدىكى كاپىتالىزمنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى مۇناسىۋەتلىك يازما ھۆججەتلەر ئاساسىدا دەلىللەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېرلار، تۈرمىلەر ۋە ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ھۆر ئىنسانلار» نىڭ قايسى دەرىجىدىكى زۇلۇم، باستۇرۇش، روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتچىلىك، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە قانداق پەردازلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ تەپسىلىي ئېچىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ قاباھەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى پاكىتلار ئاساسىدا شەرھلەپ بېرىدۇ.

لىنا بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەمدە بۇنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى. دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەدىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە سەھىپە ئاجرىتىلغان بولۇپ، لاگېر ئىچى-تېشىدىكى «چوشقا گۆشى مائارىپى» ئەندىزىسى، ئۇيغۇر قىز-چوكانلرىنى مەجبۇرىي خىتايلار بىلەن توي قىلدۇرۇش، ئۇلارنى مۇمكىن قەدەر تۇغالماس قىلىۋېتىش دېگەنلەرنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ «تەربىيەلەش» ئەمەس، بەلكى «ئۆزگەرتىش» ۋە «يوقىتىش» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. ئەمما بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نى ئۆلچەم قىلغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشۇنداق زور كۆلەملىك ۋە تېز سۈرئەتلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى تەكىتلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان نۆۋەتتىكى باستۇرۇشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنى «چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش» دېيىشكە مايىل بولۇشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا لىنا بۇ خىل پىكىرنىڭ قەتئىي چەك باسمايدىغانلىقىنى مۇنداق تەكىتلەپ ئۆتتى: «بۇ پۈتۈنلەي خاتا. چۈنكى بىز بۇ مەسىلىدە قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئورتاق تەبىرىگە قارىشىمىز زۆرۈر. بۇ تەبىرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ‹يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى› ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەخسۇس مۇزاكىرە ئارقىلىق بېكىتكەن. ‹قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ھۆججەتكە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئىمزا قويغان. بۇ ئەھدىنامىدە قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغان ئىشلار قاتارىدا بىر قاتار قىلمىشلار تىزىپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە بۇلاردىن ھەرقانداق بىر تۈردىكى قىلمىش كۆرۈلسە بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى شۇ تىزىملىكتىكى بىرەر قىلمىش ئەمەس، ئەكسىچە ئاشۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىلا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ‹قىرغىنچىلىق› دېگەندە بۇنى دەرھاللا زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشى بىر تۈرلۈك خاتا چۈشەنچە. بىر مىللەتنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنىڭ ئۆزىلا قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. مەن دىسسېرتاتسىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئۆلتۈرىلىۋاتقانلىقىنىلا ئەمەس، ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى، بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشى، قىسقىسى بىر مىللەتنىڭ زۇلۇمغا ۋە يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەپ چىقتىم. شۇڭا خىتاينىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسنى كونترول قىلىش ۋە ئائىلىلەرنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىشلا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بىز مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئاز-تولا سۆز قىلىۋاتىمىز. ئەمما قارايدىغان بولساق شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، كىملىكى، مەسچىت-مەقبەرىلىرى، ئۇيغۇرچە ئىسىملار، ھەتتا ساقال قويۇش دېگەندەك ئىسلام دىنىغا باغلىنىشلىق بولغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا ھازىرقى مەۋجۇت بۇ مېخانىزم سېپى ئۆزىدىن ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋەيران قىلىشنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق، دېسەك خاتا بولمايدۇ».

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى توغرىسىدىكى بايانلىرىدا لىنا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى، جۈملىدىن تىل-يېزىل، ئۆرپ-ئادەت، ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئاڭ قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىغىچە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىش ئارقىلىق كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بوغۇنلىرىنىڭ يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مۇقىملاشقان سىستېمىغا ئىگە بولغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ۋاسىتىلەر ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇ بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى «ئاستا سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىق ئۈچۈن ھېچقانچە ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «مېنىڭچە بۇنى تېز سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىق ياكى ئاستا سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتاشنىڭ بەك چوڭ پەرقى يوق. چۈنكى بۇ ھامان قىرغىنچىلىق. ھازىر مۇھىم بولۇۋاتقىنى مۇشۇ قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. نېمىشقا دېگەندە بۇ قىرغىنچىلىق ھازىرقى مۇشۇ مىنۇتلاردا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مىنۇتلارنىڭ ئۆزىدە بىز بۇنى توختىتىش ئۈچۈن بىرەر ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر. خۇددى سىز ئېيتقاندەك ئەسلىدە بىز بۇنى توختىتىش ئۈچۈن بەش يىلنىڭ ئالدىدىلا بىر ئىش قىلىشىمىز لازىم ئىدى. ھازىر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ ئىشلار يامىنىغا ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر بۇنىڭ تېز سۈرئەتلىك ياكى ئاستا سۈرئەتلىك بولۇشى ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭ بەك چوڭ قىممىتى قالمىدى. ئەكسىچە بۇ بىر قىرغىنچىلىق بولغانىكەن، ئۇنىڭ داۋام قىلىۋاتقان بىر قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەن ئېلىش ھەمدە ئۇنى توسۇپ قېلىش ئەڭ مۇھىم».

خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ ماددىي ئىسپاتلار ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرى مەۋجۇت بولۇۋاتقان، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئىزچىل بۇ خىل قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، دوكتۇر لىنا بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتىكى ئۇستاتلىقلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.