ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق تېمىسىغا بېغىشلانغان تۇنجى دوكتۇرلۇق دىسېرتاتسىيەسى «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق» نامىدا 2022-يىلى ماي ئېيىدا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سان-فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياقلاندى. دوكتۇرانت لىنا لېنبېرگ (Lina Lenberg) دىسېرتاتسىيەسىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەرقايسى يۈزىنى ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرلەر ئاساسىدا يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ قىرغىنچىلىققا باغلىنىشلىق بولغان لاگېر سىستېمىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى، لاگېرلاردىكى ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان جىنسىي خورلۇق، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزاسى سودىلىقىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىشى، لاگېرلاردىكى ئۆلۈم-يىتىم ۋە ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرى، شۇنىڭدەك لاگېرلارنىڭ تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتىلىشى توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان. ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بۇ يېڭى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئەمىلىيەتتە 70 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن «يەھۇدى زور قىرغىنچىلىقى» دىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق پەرق شۇيەردە: ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى› يۈز بەرگەندە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشلارنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان. كىشىلەر بۇنى بىلگەن ۋاقىتتا ئۇلار تولىمۇ كېچىككەنىدى. ئەمما ھازىر دۇنيا شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. خۇددى سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغاندەك مۇتەخەسىسلەر، ئاخباراتچىلار، لاگېر شاھىدلىرى دېگەنلەرنىڭ بىر-بىرىگە شۇنچە ماس كېلىدىغان يۈزلىگەن-مىڭلىغان بايانلىرى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. دېمەك ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئىشلارنىڭ 2017-يىلى باشلىنىپ بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇملۇق. سىزمۇ بىلىسىز، مەن دەل مۇشۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئادەم، ئەمما بۇ مەسىلىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ھازىر مەنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر كىشى خالىغان شەكىلدە كۆرەلەيدۇ. شۇڭا ھازىر دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزىنى ئاقلىشىغا ھېچقانداق باھانە قالمىدى. ھالبۇكى كىشىلەر ھېلىھەم بۇنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ ياكى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدۇر. خىتاي ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردە كۆپلىگەن ھۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەمدە ئاشۇ دۆلەتلەرنى خىتايغا قەرز قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىقتىسادىي ئامىلنىڭ سايىسىغا كۆمۈلۈپ قالدى. ئەمىلىيەتتە مەن ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق› نامىدىكى بۇ دىسېرتاتسىيەنى يېزىشقا باشلىغاندا رۇسىيە تېخى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىمىغان ۋاقىتلار ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتلاردىلا مۇشۇ دىسېرتاتسىيە ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ئەمىلىيەتتە باشقا ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرگە ئىلھام بېرىدۇ› دېگەن ئۇچۇرنى يوللىماقچى ئىدىم. دەرۋەقە خىتايغا جازا بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشلار ھازىر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ: كۆپلىگەن ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ئازاپ-ئوقۇبەت ئۇرۇقىنى ھەممىلا يەرگە چېچىۋاتىدۇ، ئۆزلىرى خالىغان ئىشنى ئەيمەنمەستىن داۋام قىلدۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا ‹يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى›دا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىسا بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئەما ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹بىلمەسلىك›تە ئەيىبلىشىگە ئورۇن قالمىدى. چۈنكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار يىللاردىن بېرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ.»
دوكتۇر لىنا لېنبېرگنىڭ دىسېرتاتسىيەدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى تەنقىدلەش بويىچە خەلقئارادا بىرەر پىكىر ئوتتۇرىغا چىققان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەكرارلايدىغان بىر تۈرلۈك پىكىر «ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق ھەركىتى» ھەققىدىكى شىكايەت ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دەۋرىدە زور كۈچ بىلەن بازارغا سېلىنغان «خىتاي مىللەتچىلىكى» ماھىيەتتە خىتاي دۆلىتى ئىچىدە «خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى چىققۇچىلارنى يەنچىپ تاشلاش لازىم» دېگەن ئىدىيىنى زور دەرىجىدە بىخلاندۇرغان. تاشقى جەھەتتە بولسا خىتاينىڭ «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما لىنا لېنبېرگنىڭ قارىشىچە، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنى باھانە قىلىپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى «جازالاش» ئۇرۇنۇشى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشتەك ئەسلى مەقسىدىنى پەردازلاش ۋاستىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ بىلىشىمچە شى جىنپىڭ ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا قاراپ ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ دائىم دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى تەكىتلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل بىرلىككە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلاردا ئۇلار دۇنيا مىقياسىدىكى ‹تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش› شامىلىدىن بەك زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ كەتتى. 2001-يىلى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› يۈز بەرگەندىن كېيىن جورج بۇش (George W. Bush) ھۆكۈمىتى بۇ ئۇرۇشنى باشلىغان. خىتاي شۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاندا بۆلگۈنچىلىكنىڭ ۋە تېرورلۇقنىڭ تەھدىتى بار، دېگەننى باھانە قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)غا ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى›نىڭ ‹تېرورلۇق قىلمىشلىرى› ھەققىدە شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ قولىدا ئاشۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ تېرورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات يوق ئىدى. 2020-يىلى بۇ تەشكىلات خەلقئارا تېرورلۇق گۇرۇھلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلدى. ئەمما خىتاي ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى بۈيۈك بىرلىك ئۈچۈن خەۋپ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كېلىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ ئۆزلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشنى پەردازلاپ كۆرسىتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا تېخى خىتاي ئاشۇنداق ئەنسىرەپ كەتكۈدەك زور بۆلگۈنچىلىك ياكى تېرورلۇق تەھدىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىدى. شى جىنپىڭ پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىنى پەش قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىقياسىدا ۋە تاشقى دۇنيادا ‹ئۇيغۇر دېگەن تېرورچى› دېگەن شەكىلدە تەسۋىرلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ پەقەت بىر تۈرلۈك باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
لېنا لېنبېرگنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ھەمدە تاشقى دۇنيانىڭ بۇ جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىسلام دۇنياسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى پەلەستىننىڭ ئازادلىق ئىشلىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا ئۆزلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئىشەنچلىك ‹دوست› ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن» دېگەن قارىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا دوكتۇر لىنا بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئاز دېگەندىمۇ 40 يىل ئىلگىرىلا ئىش باشلاپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. يەنە كېلىپ نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ «تۈپكى دۆلەت مەنپەئەتىدىكى مەنپەئەت بۇلىقى» بولۇپ قېلىشى بۇنىڭدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە ئىشلار كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە ئىقتىسادىي باغلىنىش ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن مېڭىۋاتىدۇ. بۇ ئادەمنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ھازىر ئىسلام دۇنياسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق سادا چىقىرالمايۋاتىدۇ. مۆرىتى كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتاي تەلەپ قىلغان ھامان ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى مەن دىسېرتاتسىيەدە ئالاھىدە شەرھىلەپ چىقتىم. 1980-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى باشلاپ بولغان. ئۇلار شۇ ۋاقىتلاردىلا ئىسلام دۇنياسىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ئەركىنلىك بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا قانداق شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىنى قانداق قوغداۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن. ئەمما بۇ ئىشلار 1990-يىللاردىن كېيىن ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى ياكى تىل-يېزىقىنى ۋە ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوللاشقا ھېچقانچە قىزىقماس بولدى. يەنە كېلىپ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك گېلىدىن ئىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن ئۇلار زۇۋان سۈرەلمەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھەتتا بۇنىڭدىكى بىر قورقۇنچلۇق مىسالنى دېسەم، خىتايدىكى ئادەم ئەزالىرى سودىسىدا ئىلگىرى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى نىشان قىلىنغان بولسا ھازىر ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ خېلى زور بىر قىسمى ئىسلام دۇنياسىدىكى ‹ھالال ئىچكى ئەزا› تەلىۋىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. دېمەك، ئىسلام دۇنياسى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى ئەيىپلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مەلۇم شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتىدۇ. بۇنى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ بەخىتسزلىك، دېسەكمۇ بولىدۇ.».
لىنا لېنبېرگ دوكتۇرلۇق دىسېرتاتسىيەسى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن نەچچە يۈز كىشىنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ يۇقۇرى پەللىسى ئەمىلىيەتتە 2014-يىلىلا باشلىنىپ بولغانلىقى، كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدىكى بىمەنە سەۋەبلەر ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىدى ئەمىلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى توپلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ زۇلۇملارنىڭ بېشى ئەمىلىيەتتە نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا باشلانغانلىقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزىملىرىنىڭ ئەمىلىيەتتە كارغا كەلمەس ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەمىلىيەتتە سىياسىي ھادىسە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پىكىرلەرمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇ قاتاردا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىشى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھاياتىغا كېپىللىك قىلالمايدۇ» دېگەن پىكىر ھەققىدە سۆز بولغاندا لىنا لېنبېرگ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئىشنىڭ دەل ئاشۇ زۇلۇملارنى پاش قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر بۇ خىل قورقۇنچنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ ئىشلار بىر قاتار ھادىسىلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ھازىر مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ زىيانكەشلىكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ ئىشلارغا كۈچ چىقىرالمايۋاتىدۇ. بۇنى مەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن بەك كۆپ ئاڭلىدىم. دەل ئاشۇ خىل قورقۇنچ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرىۋاتقان زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىشى زور دەرىجىدە چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ھەدىسە ئۇلارنى سىياسىي ھەركەتلىرىنى توختىتىشقا ئۈندەپ، ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن مەڭگۈلۈككە كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى پەش قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى پاش قىلىش، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قارشى بولغان نامايىشلارنى تەشكىللەش ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا قىلالايدىغان بىر ئىش. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتىكى خەتەرلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ۋە ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىر ئۇيغۇر دوستۇم مۇشۇ ئىشلار ھەققىدە سۆز بولغاندا ‹بىز شۇنچە كۈچلۈك نالە-پەرياد سېلىۋاتىمىز. ئەمما بۇنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم يوق› دېگەنىدى. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئوخشىمىغان يوللاردا بۇ ساھەدىكى كۈرەشلىرىنى داۋام قىلىشى، بولۇپمۇ تەشكىلاتلار ئارقىلىق بۇ جەھەتتە كەڭ ئاۋامنى تەربىيىلىشى، دوكلاتلار ئېلان قىلىشى، ب د ت ياكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە ئوخشاش باشقا دۇنياۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىش كۆرۈشى بەك مۇھىم. ھازىر بۇ ئىشلار بولۇۋاتىدۇ. ئەپسۇس خەلقئارا جەمىيەتتىن بۇنىڭغا يەنىلا يېتەرلىك ئىنكاس چۈشمەيۋاتىدۇ.»
دوكتۇر لېنا لېنبېرگ دوكتۇرلۇق دىسېرتاتسىيەسىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىغا «مەزكۇر دىسېرتاتسىيەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلايمەن» دەپ يازغان بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشىغا، ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشىغا كىچىككىنە بولسىمۇ ۋاستە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. نۆۋەتتە بۇ ساھەدىكى ئەسەرلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، زېدىلەنگەن قەلبلەرگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.