ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 2019-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ، مەزكۇر لايىھەنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىشقا كىرىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەم شۇنداقلا چەتئەللەردىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش يولىدا بېسىلغان زور قەدەملەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنى زۇلۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر چېكىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قاراپ بېسىلغان زور قەدەم دەپ قارايمەن. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا جازا قويۇلۇشى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە قارايدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ تەشكىل قىلىنىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇنى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 18 يىللىق خاتىرە كۈنىدە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىدى. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇنى تاسادىپىيلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا بېرىلىۋاتقان ئېنىق سىگنال بارلىقىنى بىلدۈردى.
قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتادىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ قانۇننى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەز 11-سېنتەبىر كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا ئۇلار: «بۇ قانۇن لايىھەسى مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەمدۇر.» دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەن ۋاقىت دەل مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي يىغىنى ئالدىغا توغرا كەلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يېقىندا كانساس شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىغا نۇرغۇنلىغان يىغىلىشلارنى، پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىنى ئەيىبلەيدىغان چاقىرىقلىرىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
سوفى رىچاردسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدىكى پوزىتسىيەسىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يىل يازدا 25 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرگە بولغان چوڭقۇر ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغانىدى. مېنىڭچە، تۈنۈگۈن كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەن بۇ لايىھەنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىلىرىنىڭ بىرىمۇ دەل ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلات تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› دا جىددىي ھەم چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدىغان بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم»
نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قانۇن لايىھىنىڭ كېڭەش پالاتادا ماقۇللىنىپ چىققان ۋاقىتنىڭ دەل دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكاغا يىغىلىش ئالدىدا تۇرغانغا توغرا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەز ھەر ئىككىلىسى 11-سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا، ئاۋام پالاتاسىنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى تېز سۈرئەتتە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق ئاياغلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا چاقىرغانىدى. سوفى رىچاردسون خانىممۇ سۆزىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇرغۇن ئەزالار بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ لايىھەنى تېزرەك ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دە تۆۋەندىكىدەك ئاچقۇچلۇق ماددىلار ئورۇن ئالغان:
- ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرى (DNI) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا بۇ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى پەيدا قىلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك تەھدىت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھاكىمىيەتلىرىنىڭ تۈركىي مىللەت ئىلتىجا قىلغۇچىلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات تەييارلاش ۋە شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا چېتىلغان خىتاي شىركەتلىرىنى تىزىملاپ چىقىش.
-ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئامېرىكا تۇپراقلىرىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىغا سالغان تەھدىتلەر ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش.
-ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا شىنجاڭ ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىسى تەيىنلەشنى ئويلىشىش
-ئامېرىكا دۇنياۋى مېدىيا ئاگېنتلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە قارىتىلغان تەھدىتلەر ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىپ تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قاراتقان تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارىشى ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىش.
-تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقى «خەلقئارا ماگنېتسكىي قانۇنى» نى يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە باشقا رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارغا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلات تەييارلىغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا جىددىي ھەم چەكلىمىسىز ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىگە قارىتىلغان چاقىرىقلارنى قوللايدىغان بىر ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش.