11-سېنتەبىر، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، مەزكۇر لايىھەنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ئېلىندى.
بۇ قانۇننىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى، قانۇننى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەزلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
پالاتا ئەزاسى رۇبىيو ۋە مەنەندەزلەر بۇ ھەقتە بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەمدۇر.»
باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى ئالغان كىشىلەرگە قاراتقان تەھدىتلەرگىمۇ تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا نەقىل ئېلىشىچە، پالاتا ئەزاسى رۇبىيو مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق ۋە ئەشەددىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە بەلكى ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايەتلىرىنى خېلى بۇرۇنلا جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك ئىدى.»
ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنى بۇ قانۇننى دەرھال ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
بوب مەنەندەز ئەپەندىم بۇ قانۇن لايىھەنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا تونۇشتۇرۇلۇشىغا باش بولغان ئەربابلارنىڭ بېرىدۇ.
ئۇمۇ بۇ قانۇن لايىھەنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ناھەق قامىلىپ، كەڭ كۆلەملىك تەقىبگە مۇپتىلا قىلىنغان ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئەمگەك لاگېرلىرىغا بەند قىلىنغان پەيتتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەتۈر قارىۋالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.»
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 2018-يىلى نويابىردا تۇنجى قېتىم ۋە 2019-يىلى باھاردا ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
قانۇن لايىھەسى ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلغان.
ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتسە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە پرېزىدېنت ئىمزا قويغاندىن كېيىنلا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.