مۇتەخەسسىسلەر: « ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇنى› نىڭ ئۇزارتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم! »
2024.06.12
6-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ۋە جېف مېركلېي (Jeff Merkley) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى 2025-يىلدىن باشلاپ يەنە بەش يىل ئۇزارتىش ھەققىدىكى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى رەسمىي ھالدا قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنىڭ سۈرۈكى 2025-يىلى ئاخىرلىشىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسى 6-ئىيۇن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ ۋەھشىيلىككە قاتناشقان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.
باياناتتا يەنە رۇبىيو بىلەن مېركلېينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشىدىكى مەقسەتلەر چۈشەندۈرۈلگەن. ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرى داۋاملىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقاندا بۇ تەھدىتكە قارشى قولىمىزدا بىر ۋاسىتە بولۇشى كېرەك. بۇ قانۇننى ئۇزارتىش قانۇن لايىھەسى ئىنتايىن مۇھىم، مەن خىزمەتداشلىرىمنى بۇ لايىھەنى قوللاشقا چاقىرىمەن. »
باياناتتا جېف مېركلېي «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى جازالىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا شېرىك بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» 2020-يىلى 17-ئىيۇن كۈنى سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقارغان تۇنجى قانۇنى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، بۇ قانۇننىڭ دۇنيادىكى «ئۇيغۇر» ئىسمى بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي خاراكتېرلىك بىر قانۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ قانۇننىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ماگنىتىسكى جازا تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى قانۇنلارنىڭ چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ئالاھىدە زور قىممەتكە ئىگە.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇزارتىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىزچىل قوغدايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماركو رۇبيو ۋە جېف مېركلېي تونۇشتۇرغان بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە لاگېر ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى بۇ قانۇن ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«مەن بۇ قانۇننىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى كۆرمىدىم. مېنىڭچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بايدىن ھۆكۈمىتى 2021-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويمىدى. بۇ يەردىكى مەسىلە سىياسىي ئىرادە ۋە ئېنىق ئىستراتېگىيەنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر. بۇ قانۇن ئەسلىدە ‹كۈچلۈك ئىستراتېگىيە› دەپ قارالغانىدى. بۇ بىر سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. مېنىڭچە بايدىن ھۆكۈمىتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەنگە تۇشلۇق ھەرىكەت قىلمىدى. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش مەسئۇلىيىتى بار. »
2020-يىلى 17-ئىيۇن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ھەققىدە ئاقساراينىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «مەن بۈگۈن ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› نىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇم. بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەك، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇش ۋە تاجاۋۇز خاراكتېردىكى نازارەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش قىلمىشىغا شېرىك بولغان ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، » دېگەنىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئۇزارتىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان بۇ قانۇننى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىندى، دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنى يەنە ئۇزارتىپ ئىجرا قىلىش تولىمۇ زۆرۈر.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىسا گىرىۋ (Louisa Greve) خانىممۇ بۇ مەسىلىدە زۇبەيرە خانىمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ ئۇزارتىلىشى ھەقىقەتەن زۆرۈر. بۇ قانۇن تېزدىن ئۇزارتىلىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان ھەمدە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ جىنايەتچىلىرىنى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن پىرېزىدېنت تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ماگنىتىسكى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پىرېزىدېنتنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ جىنايەتچىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى خەلقئارالىق ماگنىتىسكى جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق تولۇق سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.»
زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنيازنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغانىدى. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېللېن (Janet Yellen) ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (Antony Blinken) غا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا جاۋابكار ئەمەلدارلار قاتارىغا جاۋ كېجى (خىتاينىڭ سابىق ج خ مىنىستىرى) ، ۋاڭ ياڭ، گو شېڭكۇن (مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى)، خۇ ليەنخې قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ قوشۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنىڭدەك بۇنداق قىلىشنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بايدېن ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتايغا قارىتا بەزى قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ 14-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، ھەر خىل باتارېيەلەر، پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا 16-ماي كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 شىركىتى ۋە ئامبىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. 6-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى (DHS) نىڭ مىنىستىرى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ۋە ماركو رۇبىيو خىتاي باتارېيە شىركەتلىرىدىن Gotion، CATL قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇ شىركەتلەرنى دەرھال قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
لۇئىسا گىرىۋ خانىم ئاخىردا ماگنىتىسكى جازا تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يولغا قويۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن تۆت يىل بۇرۇن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن بىڭتۈەن ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە، شۇنداقلا 12 خىتاي ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بايدىن ھۆكۈمىتى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى. نۆۋەتتە مۇشۇ خىلدىكى قانۇنلار تېخىمۇ كۆپ يولغا قويۇلۇشى كېرەك.»
مەزكۇر يېڭى قانۇن لايىھەسى نۆۋەتتە جىددىي تونۇشتۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دىكى ئالاقىدار ماددىلار 2025-يىلى ئەمەلدىن قېلىشتىن بۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇشى يولىدىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقلار ئىزچىل داۋام قىلماقتا.