«خىتاي دۇنيانى قولغا چۈشۈرىۋاتامدۇ؟» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى تونۇلغان تارىخچى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى بىلەن پېنسىيەگە چىققان تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى ئىسكەندەر ئۆكسۈز ئەپەندى بىرلىكتە يازغان «خىتاي دۇنيانى قولغا چۈشۈرىۋاتامدۇ؟» ناملىق كىتاب يورۇقلۇققا چىقتى.

ئەنقەرەدىكى پاناما نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان مەزكۇر كىتاب 388 بەت ۋە 2 باپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا «خىتاي راستىنلا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچمۇ؟ خىتاي ئۆزىگە بولغان قارىشى قانداق، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتايغا قانداق قارايدۇ؟ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىسىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئورنى زادى نېمە، قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق، قانداق بولۇشى كېرەك؟» دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەن. مەزكۇر كىتابغا قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندىنىڭ 17 پارچە، ئىسكەندەر ئۆكسۈز ئەپەندىنىڭ 12 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن.

بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، تونۇلغان تارىخچى قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ تاكى 2020-يىلىغىچە بولغان جەريانىنى قىسقىچە بايان قىلغان. ئۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر كىتاب 2010-يىلىدىن بۇيان يازغان ماقالىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ بۇ كىتابتا 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتايدىكى ئۆزگىرىشلەر يەر ئالغان. بۇ ھەم ئېقىم مەسىلىلىرى ھەم تارىخىي مەسىلىلەر بايان قىلىنغان مۇھىم بىر كىتاب. بۇ كىتاب ئىسكەندەر ئۆكسۈز مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز غەرب دۆلەتلىرى ۋە خىتاي مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوبيېكتىپ ھالدا يازغان ماقالىلاردىن تەركىب تاپقان.»

مەزكۇر كىتابقا يوقۇرىقى ئىككى پروفېسسورنىڭ 21-ئەسىر تۈركىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بىلەن مىللىي چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ بار. خىتاي دۇنيادا چوڭ دۆلەت بولالامدۇ؟ ئەگەر چوڭ دۆلەت بولسا دۇنيا دۆلەتلىرىگە، تۈركىيەگە، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قانداق خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق.»

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جوغراپىيە فاكۇلتېتى تارىخ كەسپىنىڭ دوكتورانتى ئېلى قەشقەرلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، «خىتاي دۇنيانى قولغا چۈشۈرۈۋېلىۋاتامدۇ؟» ناملىق كىتابنىڭ خىتاي توغرىسىدا يېزىلغان بىر قەدەر مۇپەسسەل كىتاب ئىكەنلىكىنى، بۇ كىتابنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، بولۇپمۇ تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلى قەشقەرلى ئەپەندى خىتاينى تەتقىق قىلىشنىڭ تۈركىيەدە كەمچىل بىر ساھە ئىكەنلىكىنى، قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن يازغان كىتابنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينى چۈشەنگەندىلا ئاندىن توغرا بولغان ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى 1972-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1993-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1999-يىلى تەيۋەن جېڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدە ماگېستىرلىقنى پۈتتۈرگەن. ئۇ قەدىمكى تۈرك تارىخى بويىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدە دوكتورلۇق ئوقۇغان. قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە بىلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلىرى ۋە 3 دەك كىتابى نەشر قىلىنغان.