ئۇيغۇرلار ئاچقان شەخسىي كىتابخانىلارنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى دىرېكتورى داۋىد دەتمان ئەپەندى 17-ئاپرېل كۈنى تۋىتتېرغا يوللىغان رەسىملىك ئۇچۇرىدا ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار سېتىلىدىغان كىتابخانىلاردىن ئاز دېگەندە ئۈچ كىتاپخانىنىڭ 2018-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدىن باشلاپ پېچەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئۇچۇردا يەنە قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدىغان دۇكانلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئىشىكلىرىگە مۇشۇ خىلدىكى پېچەتلەر چاپلانغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابخانا ۋە دۇكانلىرىنىڭ تاقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2018-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى ھەپتىلىك قىسقا ساياھەتتە بولغانلىقىنى، بۇ مەزگىلىدە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئەتراپىدىكى كىتاب دۇكانلىرىنىڭ تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەردە ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان كىتابخانىلار 2013-2014-يىللاردىن باشلاپلا دائىرىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان 2016-يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان شەخسىي كىتابخانا ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرى دۇكانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، قەشقەردە، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا كىتابخانا ۋە ئۈن-سىن دۇكانلىرى ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىپ، ئىگىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەردىكى تاقىۋېتىلگەن كىتابخانىلاردىن ئىككى كىتابخانىنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە يېقىن بولغان جانان كوچىسىدىكى مەمەت ئەلى ئىسىملىك ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئېچىلغان كىتابخانا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ كېلىدىغان كىتابخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ھالبۇكى، مەزكۇر كىتابخانا 2013-يىلىدىلا دائىرىلەرنىڭ جىددىي دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىكەن.
ئامېرىكانىڭ تېنەسسى شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلرۇي ھۈسەيىن خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان «تۇغلۇق كىتابخانىسى» نى ئاچقان ئەكرەم يارمەمەت ۋە بەھرام يارمەمەت ئاكا-ئىنىلار 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2017-يىلىنىڭ بېشىدا ئىلگىرى-كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنىسى ئەكرەم يارمەمەت 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئاكىسى بەھرام يارمەمەت «قايتا تەربىيە» لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

گۈلرۇي خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئاكا-ئىنى ئىككىيلەن «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدىب يارمۇھەممەت تاھىرنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، مەزكۇر كىتابخانا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار نىسبەتەن كۆپ كىرىپ، دەرسلىك كىتاب ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋالىدىكەن.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «تۇغلۇق كىتابخانىسى» غا يەنە يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىرى چوڭ بولغان زۇلپىقار ئۆزباشقا ئوخشاش چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۆز يازمىلىرىغا ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان شەخسىي كىتاپخانىلار پېچەتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېچىلغان شىنخۇا كىتاپخانىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى ياكى يوقلۇقى خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا.

16-ئاپرېل «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى پائۇل موزۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتايدا ‹نېمە ئۈچۈن› دەيدىغان سوئال يوق» سەرلەۋھىلىك زىيارەت خاتىرىسىدە قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ رېئال ئەھۋالى بايان قىلىنغان. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئاپتور يەنە بۇ ئىنتايىن ئاز ئۇيغۇرچە كىتابلار ئارىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى نېلسون ماندېلانىڭ «ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە شۇنچە قاتتىق مۇھاسىرىگە ئېلىنغان بۇ ماكاندا دائىرىلەرنىڭ كىتاب دۇكىنىغا نېلسون ماندېلانىڭ تەرجىمىھالىنى قويۇپ قويۇشى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشتىكى بىر يەمچۈك بولۇشى مۇمكىن دېگەنلەرنى ئىما قىلىدۇ.

بىز 17-ئاپرېل ئۈرۈمچىنىڭ دوستلۇق يولىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىغا ۋە جەنۇبىي قوۋۇقتىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

شىمالىي دوستلۇق يولىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتاپخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. توردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزكۇر كىتابخانىنىڭ 2018-يىلدىن بۇيان ئىچكى قىسمىنىڭ قايتىدىن زىننەتلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا يېرىم يىلچە بولغانلىقى، كىتابخانىدىكى ئاز قالغان بىر قىسىم خىتايچە كىتابلارنىڭ يەر ئاستىدىكى دورا دۇكىنىدا سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئەمما ئۈرۈمچى جەنۇبىي قوۋۇقتىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى بىر خىتاي خادىم ئالدى. ئەمما بۇ خادىم ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا ئۆزىنىڭ پەقەت كومپيۇتېردا تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىشىمىزنى ياكى كىتاپخانىغا بىۋاسىتە بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز؟ ئۈرۈمچى شىنخۇا كىتابخانىسىمۇ؟

خىتاي خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: مەن بىر قىسىم كىتابلارنى ئالماقچى ئىدىم، ئەمما تورىڭلاردىن بۇ كىتابلارنى تاپالمىدىم.

خىتاي خادىم: ھازىر كومپيۇتېر سىستېمىمىز تاقىلىپ كەتتى، ئەتە ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دا قايتا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، خادىملىرىمىز سىزگە ياردەملىشىپ سىز ئالماقچى بولغان كىتابلارنى تېپىشقا ياردەمدە بولىدۇ.

مۇخبىر: مېن ئالماقچى بولغان كىتابلار ئۇيغۇرچە كىتابلار ئىدى.

خىتاي خادىم: ئەلۋەتتە، كومپيۇتېر ئارقىلىق تېپىشقا بولىدۇ.

مۇخبىر: يەنى دېمەكچى بولغىنىم، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دائىر ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتابلارنى دەۋېتىمەن.

خىتاي خادىم: مۇنداق بولسۇن، ئەتە ئەتىگەن 10 دا تېلېفون قىلىڭ، بىز كومپيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلايلى، بولامدۇ؟

مۇخبىر: ئەمما سىلەرنىڭ شىمالىي دوستلۇق يولىدىكى شىنخۇا كىتاپخاناڭلار تاقاق ئىكەن، توردىن تەكشۈرسەم، كىتابخانا زىننەتلىنىۋاتىدۇ دېگەن ئۇچۇرنى كۆردۈم. بۇ كىتابخانا قاچان ئېچىلىدۇ؟

خىتاي خادىم: بىز باشقا-باشقا ئىككى كىتابخانا. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمىز. ئۇلار ئاپتونوم رايونغا قارايدۇ، بىز ئۈرۈمچى شەھىرىگە قارايمىز.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار تولۇقمۇ؟ بىز ئۇيغۇرچە كىتابلاردىن كۆپرەك ئالماقچى ئىدۇق.

خىتاي خادىم: بىز پەقەت كومپيۇتېردا تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا كىتابلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە توغرا سانىنى بىلەلەيمىز. مەن ھازىر بۇ مەسىلىلەرگە ئېغىزچە جاۋاب بېرەلمەيمەن.

ھالبۇكى، 18-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دا ئۈرۈمچى جەنۇبىي قوۋۇقتىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئەينى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، كىتاپخانىنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئامازون تورىنىڭ خىتايچە سەھىپىسىدە سېتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ توردىن كىتاب سېتىش نۇقتىسىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە توردا بار بولغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان قانۇن ئۆگىتىش قوللانمىلىرى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىيەلىرى ھەققىدىكى تەرجىمە كىتابلار، لۇغەت قاتارلىق قورال كىتابلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت كىتابلار ۋە ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولغان نادىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان رومانلار تېپىلمىدى.

توردىن تەكشۈرۈشىمىزچە، 2017-يىلدىن بۇيان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلار تىزىملىكى تېپىلمىدى، ھەتتا 2018-يىلدىن كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بىرمۇ ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولدى.