ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 10-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 4-ئىيۇندىن7-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا نەق مەيدان قاتناشماقچى بولغانلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىگە كېرىپ ئالدىن تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغان.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا 28-ماي كۈنى سەھەر سائەتلەردە بېلەت سېتىش سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، شۇڭا توردىن بىلەت زاكاز قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاقساپ قالغانلىقى، قاتناشماقچى بولغانلارنىڭ بىۋاسىتە ئېلېكترونلۇق خەت ئەۋەتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 25-ماي كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لوندونغا يېتىپ بارغان ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ قاتمۇ-قات بېسىملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇياشنى ئېتەك بىلەن بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك، خىتاي نېمىلا قىلسىمۇ ھەقىقەتنى يوشۇرالمايدۇ.»
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ھېچبىر ماددىي پايدا ئالمايدىغان يەتتىدىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بىر سوت كوللېگىيەسى ئىكەن. مەزكۇر سوت كوللىگېيەسى ھېچقانداق بىر دۆلەت، تەشكىلاتقا باغلىق بولمىغان مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئەمەسلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
رۇشەن ئابباس خانىم خىتاي بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق ئىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي جىنايىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قورقۇۋاتىدۇ.»
مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ تور خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبلىك تور كېسىلىپ، يىغىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
مەزكۇر كوللېگىيەنىڭ رەئىسى جېففېرى نايىس گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «كوللېگىيەنىڭ نىشانى يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش. ھەقىقەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار بەلكىم تىنچلىققا ئېرىشىشى مۇمكىن.»