قىرغىزىستان ئۇيغۇر سەنئەتكارى توردا كونسېرت ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرگە ئىلھام بەردى

0:00 / 0:00

فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە چەكلىمە قويغانىدى، بۇنىڭدىن سىرت 22-مارت كۈنى بىشكەك شەھىرىدە ۋە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىمۇ جىددىي ھالەت يولغا قويۇلغانىدى. بۇ ھالەتتە باھارغا ئىنتىزار بولغان كىشىلەر ئۆيلىرىدە تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىنغان ھەم مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر كۈندىلىك كىرىملىرىدىن ئايرىلىپ، كۆپ كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيا خەلقى قاتارىدا قىرغىزىستان خەلقى، جۈملىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن زور تەھدىت ۋە زىيا ئېلىپ كەلدى.

بۇنداق بىر ھالەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى ئادەملەرنىڭ روھى كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئويلىرىدا تۇرۇپ تور بەتلىرىدە ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ناخشىچى شۆھرەت ياقۇپوف 18-مارت كۈنى ئۆيىدە تۇرۇپ ئىنستاگرام سەھىپىسىدە ئىككى سائەتتىن ئوشۇق داۋام قىلغان كوسېرت ئۇيۇشتۇردى. توردا بېرىلگەن مەزكۇر كونسېرتىغا 400 غا يېقىن تاماشىبىن قاتناشتى.

ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تىللاردا ئېيتقان ناخشىلىرى پەقەتلا ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلىرى كۆرۈپ ئالقىشلىدى.

مەزكۇر كونسېرتنى تور ئارقىلىق كۆرگەن قىرغىزىستانلىق كۆرۈرمەنلەردىن سۇلتان مۇرات ھاشىموف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، شۆھرەت ياقۇپوفنىڭ مەنىلىك ناخشىلىرى بۇ قىيىن كۈنلەردە كىشىلەرگە روھى ئوزۇق بېغىشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە قىرغىزىستاندا 80 دىن ئوشۇق مىللەت ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە بەشىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇل ۋە ناخشىلىرى خەلق ئىچىدە ئەڭ سۆيۈشكە ئېرىشىلگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ناخشىچى شۆھرەت ياقۇپوفنىڭ ئۇيغۇر، رۇس تىللىرىدا ئېيتقان ناخشىلىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۆھرەت ياقۇپوف ئۇيغۇر ناخشىلىرىنىڭ يۇقىرى ئالقىشلىرىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئىنستگرام كونسېرتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە قىرغىزىستاندا 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى رەسمىي تىزىمىغا ئېلىنغان «ئىتتىپاق» گېزىت ۋە جەمئىيىتىگە ئىگە. شۇنداقلا ياشلار ئارىسىدا نۇرغۇن تالانتلىق سەنئەتكارلار بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سازەندە ساھىبجان ئاشىروف، ناخشىچىلار ئالىمجان روزىيېف، نۇرتاي ئابدۇرېھموف، سابىرجان نىيازوف، رىشات ئايۇپوف، رىشات سادىقوف قاتارلىقلار كۆزگە كۆرۈنگەنلەردۇر. بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە ئۇسسۇل ئانسامبىللىرى تەشكىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ تونۇلغانلىرى «يۇلتۇز»، «ئىنتىزار» ۋە «دىل ساداسى» ئۇسسۇل ئانسامبىللىرىدۇر.

ناخشا چولپىنى سۇلتان كەرىموف قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى نامىغا ۋە باشقا شان-شەرەپلەرگە سازاۋەر بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامى پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە ئۇزۇندىن بۇيان كەڭ تونۇشلۇق.

كىنو چولپىنى ئايتۇرغان تېمۇروۋانىڭ نامى 1980-يىللاردىلا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قىرغىزىستانغا تونۇلغان بولۇپ، ئۇ كۆپ ساندىكى قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە باشقا ئەللەر ئىشلىگەن كىنو فىلىملىرىدا باش رول ئالغانىدى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ۋە «يۇلتۇز» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى گۈلناز مەخسۇتوۋا، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇراسىملىرى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ، ئۇسسۇل ئانسامبىللىرىنىڭ ھەتتا يەنە مىللىي ئۇسسۇل ۋە مىللىي كىيىم-كېچەك مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

گۈلناز خانىم يەنە يېقىندا ئۆتكەن شۆھرەت ياقۇپوفنىڭ كونسېرت پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى.

تور بەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلگەن پائالىيەتلەردىن سىرت، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 23-مارت كۈنىدىن تارتىپ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشماقتا. ئۇلار پەقەت بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن چۇي ۋىلايىتىدىكى يېزىلارغا مىللەت ئايرىماستىن ياردەم كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئاكتىپلىرى «ئىلشات»، «ياردەم سادىقە» «ئىنتىزار» ساخاۋەتلىك فونتلىرى ۋە «قاينار» شىركىتىدۇر.