ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۇرد مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇلۇشى قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئازىق
2019-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىزمىر مىللەت ۋەكىلى مۈساۋات دەرۋىش ئوغلى مەجلىستە سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 12-دېكابىر، ئەنقەرە
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىزمىر مىللەت ۋەكىلى مۈساۋات دەرۋىش ئوغلى مەجلىستە سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 12-دېكابىر، ئەنقەرە
RFA/Aziq

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشى ۋە مەسئۇت ئۆزىلى قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنازىرە ئوبيېكتى بولۇشىنى تېزلەشتۈرمەكتە.

12 -دېكابىر خەلق دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ شانلىئۇرفا مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر ئۆجالان تۈركىيە مىللەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغىنىغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭمۇ كۇردلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ئالدىدا تىلى قىسقا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مىللەت مەجلىسىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «سىلەر كۇرد مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن خىتايدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنغان زۇلۇمنىڭ ئالدىدا تۇرالمىدىڭلار. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىلىرىنى دەرقەمدە تۇرۇپ خىتايغا ئاڭلىتالمىدىڭلار. چۈنكى ئالدىڭلارغا چىقىدىغىنى بۇ مەملىكەتتىكى كۇردلارغا قىلىنغان ھاقارەت، زۇلۇم، ۋە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى باستۇرۇشتۇر.»

ئۆمەر ئۆجالاننىڭ يۇقىرىقى سۆزى تۈركىيەدىكى بەزى زىيالىيلارنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىزمىر مىللەت ۋەكىلى مۈساۋات دەرۋىش ئوغلى دەرھال مەجلىستە سۆز  ئىلىپ، مۇنداق دېگەن: «شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئانادولۇنىڭ شەرقى-جەنۇبىدا، سۈرىيەنىڭ شىمالى ياكى ئىراقنىڭ شىمالىدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان زۇلۇمنىڭ ئوندىن بىرىنى سىلەرگە قىلغان بولساق، بۇ پارلامېنتتا ئولتۇرالمىغان بولاتتىڭلار.»

بىز بۇ تېمىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق، ئۆمەر قۇل ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:« ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۇرد مەسىلىسىگە قىياسلىنىشى ۋە بۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ھەرقانداق بىر سۆز-ئىپادە تارىخ بىلمەسلىكتۇر. بۇ ئارمۇت بىلەن ئالمىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مېۋە ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن بىلەن ئوخشاشتۇر».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخىنى بىلسەك، ئىسلامدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تارىخىغا قارساق، شەرقى تۈركىستان تۈرك تارىخىنىڭ مەركىزى يەرلىرىدىن بىرىدۇر. رايوندا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى 1879-يىلىدا خىتاينىڭ رايوننى ئىشغال قىلىشى بىلەن بىللە 1884-يىلى خىتايغا باغلاندى. رايوننى 1911-1949-يىللىرى ئوتتۇرىسىدا گومىنداڭ ئىدارە قىلغان. 1933-1944- يىلىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان. 1949-يىلى خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان ماۋزىدوڭنىڭ كوممۇنىست ئارمىيەسى 1949-يىلى شەرقى تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلغان. بۈگۈنگىچە شەرقى تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان تۇپراقتۇر. 1955 يىلىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ قانۇنى ئورنى ئاپتونوم رايون قىلىپ بەلگىلەنگەن. خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ.  ئەمما كۇردلار بولسا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ياكى قوشنا رايونلاردا مەخسۇس كۇرد دۆلىتى قۇرۇپ باقمىغان. كۇردلارنىڭ ئىشغال قىلغان يېرى يوق، بۇ جەھەتتىن ئاساسى قانۇنغا قارىتا كۇردلار دۆلەتنىڭ ئەسلى ئۇنسۇرىدۇر. ئېتنىك جەھەتتىن كۇرد بىلەن ئېتنىك جەھەتتىن تۈركنىڭ ئاساسى قانۇنغا قارىتا ھېچقانداق بىر پەرقى يوق. ھەقىقىي ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ مەۋجۇت ھۆكۈمەتكە بىسىم قىلىشنى ئويلىشى ياكى بۇنى مۇنازىرە ئوبيېكتى قىلىشى ئۇلارنىڭ يامان نىيەتلىك ۋە نادان ئىكەنلىكىدىندۇر.»

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۇرد مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇلۇشى تېرورلۇق مەسىلىسى جەھەتتىنمۇ تازا ئاقىلانە ھېسابلانمايدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشىگە كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش مىسالنى كۆرسىتىش مومكىن ئەمەس ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئۆمەر قۇل ئەپەندىم يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە تېرورلۇق مەسىلىسى مەۋجۇت. تۈركىيەدە 40 مىڭغا يېقىن كۇرد ۋە تۈرك ۋەتەنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ مىليونلارچە ياكى مىلياردلارچە دوللار ماددىي بايلىقىغا زىيان سېلىندى. دۆلىتىمىز ھازىرغىچە تېرورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. لېكىن شەرقى تۈركىستاننىڭ ياكى خىتاينىڭ ھېچقانداق يېرىدە شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىسپاتلىنىپ باقمىدى. تېررورلۇق مەسىلىسى جەھەتتىن كۆزەتكىنىمىزدە ئىنتايىن پەرقلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تۇرۇۋاتقىنىمىزنى بىلىمىز. ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە سىياسىي مۇنازىرە شەكىللەندۈرۈش ئەقلىي، ۋىجدانى ۋە ئىلمىي ھەرىكەت ئەمەس.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت