ئەنقەرەدە «2-نۆۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئېچىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ياش مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە «2-نۆۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئاچتى. 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئەنقەرەدىكى ئىنستىتۇتنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 25 ئۇيغۇر ياش ئىشتىراك قىلماقتا. بۇلار 20-35 ياشلاردىكى ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرس، دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ياشلار ئارىسىدىن تاللانغان.

بىر ھەپتە داۋاملاشقان كۇرستا دەرسلەرنىڭ كۆپىنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆتمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت، «مىللىي مەپكۇرە ۋە قىممەت قاراشلار»، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم «مىللەت ۋە مىللەتچىلىك»، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پروفېسسورى دوكتور قونۇر ئالىپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار»، ژۇرنالىست ئادىلجان ئەرۇيغۇر ئەپەندى بولسا ‹‹بىز كىم؟ ئۇيغۇرمۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى تونۇمدۇق؟ ئۆزىمىزنى قانداق بايان قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن تېمىلاردا دەرس بەردى. بۇلاردىن باشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى «سكايپ» ئارقىلىق «قانۇن ۋە خەلقئارا قانۇن»، ئىقتىسادشۇناس مۇھەممەتجان بۇغرا «ئىقتىساد ۋە سودا: يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ كۈچى»، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ياش نىجات تۇرغۇن ئەپەندى «خەلقئارا مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان» تېمىلىرىدا سۆزلىدى

«2-نۆۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» نىڭ ئاساسىي دەرس بەرگۈچىسى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بولۇپ، ئۇ، «دۆلەت ۋە سىياسەت: خەلقلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت: غەربتىن كەلگەن ھاكىمىيەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر، تارىخ ۋە ئىستراتېگىيە، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، خەلقئارا سەھنىدىكى ئۆزگىرىشلەر» دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار تېمىلاردا دەرس بەرمەكچى.

بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان كۇرس قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ «2-نۆۋەتلىك سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئېچىشتىكى مەقسەت نېمە دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ئەركىن ئەكرەم ۋە كۇرسقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كۇرستا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆگىنەلمەيدىغان ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان بايان قىلدى.

بۇ كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى ساباھىتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى ئوقۇغۇچىسى مۈيەسسەر ئېلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قوبۇل قىلىپ، تېمىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى تاللانغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇھاممەتىمىن بۇ كۇرستا پەقەت لېكسىيەلا ئاڭلاپلا قالماستىن، بەلكى لېكسىيە ئاخىرىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر كۇرسنىڭ 1-نۆۋەتلىكى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بىرىنچى قېتىملىقىغا قاتناشقان ئەنۋەر ئەپەندى بۇ قېتىملىقىغىمۇ ئىشتىراك قىلغان. ئۇ ئىككىنچى قېتىملىقىغا كۆپ يېڭى مەزمۇنلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەر سەمەت ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىدىغان، ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىشنى پىلان قىلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ «سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» غا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

مۈيەسسەر ئېلى خانىم كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن دوستلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

«سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە كۇرسى» ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئاچقان ئىككىنچى قېتىملىق كۇرس بولۇپ، بۇندىن كېيىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. كۇرسقا مىللىي روھقا ئىگە، ئىنگلىز تىلىنى بىلىدىغان 20 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىماس قىلالايدىكەن.