ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» ھەمدە «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» دېگەن تېمىلار بويىچە مەخسۇس كۇرس ئېچىلدى.
7-ئاينىڭ 27-ۋە 28-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن «ھىرا» مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەلگۈسى تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە مەخسۇس كۇرس ئېچىلدى. 9 ئۇيغۇر ۋە 2 تۈرك بولۇپ، جەمئىي 11 تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ لېكسىيە بېرىشى بىلەن 39 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ياش زىيالىيلار تەربىيەلەندى. بۇ قېتىملىق مەخسۇس كۇرس 2-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» ھەمدە «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» دېگەن تېمىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 39 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئىككى سىنىپقا بۆلۈنۈپ، ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.
كۇرستا ھەر ساھەدىن كەلگەن پروفېسسورلار، دوكتور ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تېمىلار بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ ئىككى كۈنلۈك كۇرس تولىمۇ جانلىق ۋە يۇقىرى كەيپىيات بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىملىق كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ۋە «ھىرا» مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لوقمان ئەپەندى شۇنداقلا كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇزاھىرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىملىق مەخسۇس كۇرسنىڭ تەشكىللىنىش جەريانى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
لوقمان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەن بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئەڭ ئېغىر كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلىدا مۇشۇنداق بىر كۇرسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.
كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئابدۇزاھىرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن مىللەتنىڭ ئەڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن مىللىي كۈرەش يولىغا ئاتلىنىدىغانلىقى ۋە بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
0:00 / 0:00