ئۇيغۇر مازارلىقى خىتاينىڭ تويلۇق رەسىم چۈشىدىغان ئورنىغا ئايلانغان

0:00 / 0:00

يېقىندا «X» تىكى «كەييەن تەجرىبىخانىسى» (开眼实验室) نامىدىكى ھېساباتتىن بىر جۈپ خىتاي قىز-يىگىتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەن جاينىڭ ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مازارلىق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بىر ۋىدىيو تارقىتىلغان.

مەزكۇر ۋىدىيودا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مازارلىقىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەن بىر جۈپ خىتاي قىز-يىگىتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ تويلۇق سۈرەتنى بۇندىن 7 يىل ئىلگىرى چۈشكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا بىر توي-فىلىم شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ قەدىمىي مازارلىقنى «مەنزىرىلىك جاي» دەپ خاتا چۈشىنىپ، 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بىر ئالبوم تويلۇق سۈرەتكە چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بۇ جاينىڭ ئەسلىدە مازارلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋىدىيوغا قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلاردا، بۇ قەدىمىي مازارلىقنىڭ يەكەندىكى بىر مازارلىق ئىكەنلىكى ئىزاھلانغان.

«X» تە بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى مۇنداق بايان قىلغان؛ «مازارلار ۋە قەبرىستانلىقلار ۋەيران بولدى، قالغان بىر قانچىلىرى ساياھەت رايونلىرىغا ئايلاندى. خىتاي ساياھەتچىلەر مازار-قەبرىستانلىقلارغا قەدەم بېسىپ توي سۈرىتىنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ بىر ھۆرمەتسىزلىك ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشتۇر. بۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت جەھەتتىن قىلىنغان بىر ھاقارەت بولۇپ، كىشىنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ.»

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ خىتايدا ئېغىر تەقىبگە ئۇچرىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، 2012-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مازارلىرىنىڭ تەقىب قىلىنىشى، چەكلىنىشى، ئۆرۈپ تاشلىنىشى، ۋەيران قىلىنىشىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زوراۋانلىق سىياسىتى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر مازارلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. ھەتتا «مازار» ئاتالغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر-جاي ناملىرىمۇ جىددىي شەكىلدە ئۆزگەرتىلگەن.

دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى قەدىمىي مەسچىتلەر ۋە مازارلىقلارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆزگەرتىلىپ ساياھەت رايونى ۋە ئويۇن-تاماشا مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. شۇنداقلا بۇ ھادىسىلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ نارازىلىق قوزغىغانىدى.

ئۇيغۇرلار روھىي-جىسمانىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراۋاتقان ۋە ئېغىر دەرىجىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە يوقىتىشلارنى ئۆزىنىڭ فوتو ئەسەرلىرى ئارقىلىق سەنئەتلىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا روس رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ ئىنكاسىدا، ئۇيغۇر مازارلىرى ۋە ياكى مۇقەددەس جايلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر كىملىكىنى نامايان قىلىشتىكى تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى؛

«2002-يىلى مەن ئىمام ئاسىمغا بېرىپ ئۇيغۇر مازارلىرىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ كۈن مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش نۇقتىسى بولدى. يەنى، مەندە ئېنىق بىر ئۇقۇم ۋە ئىلھام پەيدا بولدى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ ھېس-چۈشەنچە مېنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قەدەم بېسىشىمغا ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىغا چوڭقۇر چۆكۈشۈمگە سەۋەب بولدى. چۈنكى مەن بۇ ھېس-تۇيغۇنى، بۇ ئۇچۇرنى قەلبىمدە تۇيدۇم ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندىم. ئەمما مەن ئۆزۈمنىڭ شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە قايتا بېرىپ، 75 مازاردىن ئارتۇق فوتو-سۈرەتلەرنى تارتىدىغىنىمنى بىلمەيتتىم. ئەينى چاغدا مەن ئىككى خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە ئىشلەيتتىم. ئۇلار دوكتور راھىلە داۋۇت ۋە دوكتور ئالېكساندېر پاپاس. ئۈچىمىز بىللە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق ۋە كۆپ ئىشلارغا شاھىت بولدۇق. مەن مازارنى زىيارەت قىلىش ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم. 2002-يىلدىن 2011-يىلغىچە بولغان بىر نەچچە يىللىق سەپىرىم جەريانىدا قۇمۇل ۋە تۇرپاندىن غەربتىكى كۇچا، ئاتۇش ۋە قەشقەرگىچە، شەرقىي جەنۇبتىكى كورلا، بۈگۈر، چاقىلىق، ۋە چەرچەنگىچە، شۇنداقلا جەنۇبتىكى نىيە، خوتەن ۋە قاراقاش، يەركەن، يېڭىسار قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن مازارلارغا باردىم. ۋاھالەنكى، 2018-يىلدىكى زىيارىتىمدە يەكەن شەھىرىدىكى مازار-قەبرىلەر، مەقبەرەلەر قاتارلىق مۇقەددەس جايلارنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىغانىدى.»

لىسا روس 2019-يىلى داڭلىق ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۈچۈن مەخسۇس فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئاچقانىدى. ئۇ رادىيومىزغا يازغان ئېلخەتتە، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن، بىر پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر مازارلىقلىرى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان قەدىناس دوستى راھىلە داۋۇتنىڭ كەسپىي تەتقىقاتقا بولغان قىزغىن ئىشتىياقى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مازارلىقلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەن تېما ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان؛

«مەن بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئادەتتە رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قارىغاندا، بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان ۋە كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان سۈرەتلەرنى تارتىشنى تاللايمەن. ئەگەر مەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ دەرىجىگە بارىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، ئەسەرلىرىمنى باشقىچە شەكىلدە ياراتقان بولاتتىم. يەنى، مەن مازارلىقلاردىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارنى ۋە ھەر بىر نۇقتىلارنى، ھەر بىر خەت-ھەرپلەرنى ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەرنى ياراتقان بولاتتىم. ئەمما بىز بىرلىكتە راھىلە ۋە ئالېكساندېر بىلەن بىر نەچچە يىل بىللە بۇ توغرۇلۇق تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان بولساق، بەلكىم نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان بولاتتۇق.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي مازارلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، شىددەت بىلەن يوقىتىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، مازارلىقلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتايلارنىڭ تويلۇق رەسىم تارتىدىغان ئورنىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ماھىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىشتۇر. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مازارلىقلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب-مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مازارلىقنىڭ خىتايلارنىڭ تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ ئاياق ئاستى قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلارغا باغلانغان مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭمۇ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدىن دېرەك بېرىشتەك ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.