سان-دىياگو سەنئەت مۇزېيىدا فوتوگراف لىسا روسنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارتقان سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى 100 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە سان-دىياگو سەنئەت مۇزېيىدا، ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا روس (Lisa Ross) نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارتقان مازارلار، دىنىي-ئېتىقاد ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىغا دائىر فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.

«ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ قەسىدىسى» دەپ نام بېرىلگەن لىسا روسنىڭ بۇ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى كۈرگەزمىسى، 2022-يىلى 5-نويابىردىن باشلاپ بۇ مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، كېلەر يىلى 5 -مارتقىچە داۋاملىشىدىكەن.

uyghur-medeniyet-hayat-iz-lisa-rose-2.jpeg

فوتوگراف لىسا روسنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى تۇنجى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى 2013-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۆرگەزمىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس تاۋابگاھلىرى» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇشۇ فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدا نەشر قىلدۇرغان بىر پارچە كىتابىمۇ بار.

ئۇ يەنە 2019-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرى، شۇنداقلا ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەلەردە «مەن ئۇيقۇدىن بىدار: ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» ناملىق فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىلىرى ئېچىلغان. ئۇ بۇ كۆرگەزمىلەرنى ئۇيغۇر مازار تەتقىقاتىدىكى مۇتەخەسسىس، فولكلورشۇناس خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ نامىغا بېغىشلىغان.

ئۇيغۇرلار جىسمانىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، فوتوگراف لىسا روسنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا بېغىشلانغان فوتو سۈرەت كۈرگەزمىلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار ئۇچرۋاتقان زۇلۇم ۋە يوقىتىشلارنى سەنئەتلىك شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرمەكتە.

uyghur-medeniyet-hayat-iz-lisa-ross-4.jpeg

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لىسا روس خانىم «بۇ نۆۋەتلىك كۆزگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتە نېمە ئۈچۈن سان-دىياگونى تاللىدىڭىز؟» دىگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئەمەلىيەتتە سان-دىياگو سەنئەت مۇزېيى مېنى تاللىدى، دىسەم توغرا بولىدۇ. چۈنكى ھازىر مۇزېيلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆرگەزمە ئاچماق ئاسان ئەمەس. ئۆزىڭىز بىلگەندەك، خىتاي بىلەن مەدەنىيەت ياكى ئىقتىسادىي ئالاقىسى بولغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تېمىسى بىر سەزگۈر تېما. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر كۆرگىلى بولمايدىغان ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتى، يوقىتىلىۋاتقان مۇقەددەس جايلىرى ۋە مازارلىرى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىپادىلەنگەن بۇ فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىمنى سان-دياگو موزېينىڭ تاللىغانلىقىنىڭ ئۆزى، بىر قىممەتلىك پۇرسەت.»

uyghur-medeniyet-hayat-iz-lisa-ross-3.jpeg

بىز لىسا روس خانىمغا: «ئۇنداقتا، بۇ كۆرگەزمە كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن، ياخشى بىر پۇرسەت بولغۇدەك» دېگىنىمىزدە، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، شۇنداق. ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىنى تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن. چۈنكى مەن بۇ سۈرەتلىرىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كۈرگەزمىدىكى سۈرەتلەر مېنىڭ 2002-يىلىدىن باشلاپ، 2004- ۋە 2008 -يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان بىر قانچە قېتىملىق سەپىرىمدە تارتقان سۈرەتلىرىمدۇر. بۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي مازارلارنى ئارىلاپ تارتقان سۈرەتلىرىمدىن تاللانغان ئەسەرلەر ۋە 2011 -يىلى تارتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋابىتىگە دائىر سىن ئەسەرلىرىممۇ بار. كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغانلار بۇ مۇزېيغا قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىم ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شۇ دەۋرلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىگە دائىر ئەھۋاللارنى مەلۇم دەرىجىدە ھېس قىلالايدۇ.»

uyghur-medeniyet-hayat-iz-lisa-ross-5.jpeg

فوتوگراف لىسا روسنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرىغا ئائىت فوتو-سۈرەت كۈزگەزمىسىگە ئۇيغۇر مازارلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان پورتېرىت سۈرەتلىرىمۇ قويۇلغان ئىكەن. ئۇ بۇ كۈرگەزمىنىڭ ئاۋامغا ھەقسىز ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 18-نويابىر كۈنى سان-دىياگو سەنئەت مۇزېيدا «ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ قەسىدىسى» ناملىق بۇ كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان فوتو -سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ھىكايىسى توغرىسىدا قىزىققۇچىلار بىلەن تور سۆھبىتى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.

فوتوگراف لىسا روس خانىمنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىلىرى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سەنئەت نۇقتىدىن يورۇتۇپ بەرمەكتە.