«مۇبارەك رامىزاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى» تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا رامىزان ئايىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلگەن ھەمدە بۇ جەرياندا ئۆزىگە خاس بولغان دىنىي كۈلتۈر ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە بولسا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكەن تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

«مۇبارەك رامىزاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرى» ناملىق بۇ سۆھبەت يىغىنى 27-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ساقلىق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سۆھبەت يىغىنىدا كىرزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ رامىزان كۈنلىرىدە ئالاھىدە نامايەن بولىدىغان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، شۇنداقلا بۇ خىل مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان.

سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان بىل كلارك (Bill Clark) ئەپەندى سۆز بېشىدا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىر ئېغىر كىرزىس دەۋرى ۋە قايغۇلۇق مەزگىل بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يۇرتىدا تراگېدىيەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە بىز قەدىرلەشكە، خاتىرىلەشكە ۋە تەبرىكلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار».

دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۇلباھار مامۇت، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور گۇلنىسا نەزەرىۋا، ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر قىزى، ئوزۇقلۇقشۇناس ئەنجىلا مەۋرىن قاتارلىقلار بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئايىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى، يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈش خاتىرىسى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

گۇلباھار خانىم ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتلۇق كۈنلىرى بولغان رامىزاندىكى قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رامىزان ھەققىدە گەپ قىلغاندا كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. چۈنكى مەن بۇ مۇبارەك كۈنلەرنى ئائىلەم بويىچە ئۆتكۈزۈۋاتقاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بۇنداق پۇرسەت ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، رامىزانلىق ئىبادەت قىلالمايۋاتىدۇ. مەن ھەر كۈنى ئاللاھتىن قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۆز يۇرتۇمدا يۈز كۆرۈشۈشنى تىلەيمەن، شۇنداقلا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ لاگېر دېگەن شۇ زىنداندىن ۋە ئۇلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرى ۋە پاختىزارلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى تىلەيمەن».

گۇلباھار خانىم ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئايىدىكى دىنىي ئىبادەتلىرىگە باغلانغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ئەسلىمىلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ بايان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئايىدا روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە پاكىزلىق ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ بىر-بىرىنى ئىپتارلىققا چاقىرىدىغانلىقىنى، بايلارنىڭ كەمبەغەللەرگە زاكات-سەدىقە ۋە تاماق بېرىدىغانلىقىنى، گۈزەل سۆز، گۈزەل تائام، خۇش تەبەسسۇم، ئۆم-ئىناقلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ ھەر دائىم ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، روزا ھېيتتا چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ يېڭى كىيىم كىيىپ، ياخشى تائاملاردىن زوقلىنىپ ئائىلە بويىچە شادلىققا چۆمىدىغانلىقىنى، بالىلارغا ھېيتلىق بېرىلىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئائىلە، ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە مەھەللە بويىچە توپلىشىپ ھېيتلىشىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا مېھمان كۈتۈش ئۈچۈن سائەت-سائەتلەپ چاي قاينىتىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

گۇلباھار خانىم يەنە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان كۆچمەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مىراس قالدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا رامىزانلىق پائالىيەت ۋە باشقا ھېيت-بايراملاردىكى ئەنئەنە ۋە قائىدىلەرنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە رامىزان كىرگەندە بالىلىرىغا بېرىدىغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، بېرىلگەن نېمەتلەرگە شۈكرى قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، قوشنىلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈش، مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئېتىشنى ئۆگىنىش، ياخشى مۇسۇلمان ۋە ياخشى ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور گۇلنىسا نەزەرىۋا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچمەن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ، ئۆزبېكىستاندا چوڭ بولغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئىشتىياق باغلاپ، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇغان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھازىر ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە دەرس بېرىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىدىگە ئائىت ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە لەغمەننى «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىملىكى» دەپ تونۇشتۇردى. ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يازلىق كۇرسلىرىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش داۋامىدا ئۇلارغا ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەرىپلەپ بېرىدىغانلىقى ۋە سىناق قىلىپ ئەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوزۇقلۇقشۇناس ئەنجىلا مەرۋىن بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇر تائاملىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە رامىزانلىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ھەققىدە بەزى خاتا ئۇچۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، يەنى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇنى چۈشەنمەستىن «ساغلاملىققا زىيىنى بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ غەربنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تارىخىنى بەك بىلىپ كەتمىسىمۇ ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتىن ساغلاملىققا پايدىلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رامىزانلىق ياردەم» پائالىيىتى باشلاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق سۆھبەت ئەنە شۇ پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.