خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىش نىشانى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا «قوغدىلىۋاتىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق مەۋجۇت شەكىللىرىنى يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇشى، دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىدى. «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامىدا ئىسلام دىنى ئۇسلۇبىدىكى مەسچىت-جامە ۋە ئەنئەنىۋىي ئىمارەتلەرنى چېقىپ يوقاتتى. «شەھەر تەرەقىيات قۇرۇلۇشى» نامىدا قەدىمىي ئۇيغۇر مەھەللىرىنى، قەشقەردەك قەدىمىي ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتتى. «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدا ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك بىر قاتار چوڭ خىتايچىلىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقىتىپ، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان بۇ بىر قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلەر بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ مۇھىم بىر پارچىسى دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمتىمۇ بۇنىڭغا قارىتا تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى «خىتايغا بۆھتان چاپلىدى» دەپ ئەيىبلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆز تاراتقۇلىرىدا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنيىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقىنى جار سالماقتا.
«تەڭرىتاغ تورى» دا 27-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ 5425 كە يەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تۈرنىڭ 315 كە، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تۈرنىڭ 94 كە يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا تىزىمغا ئېلىنغان مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىدىن 5632 كىشى بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تىزىمغا ئېلىنغانلارنىڭ 548 كىشى، دۆلەت دەرىجىلىك تىزىمغا ئېلىنغانلارنىڭ 112 كىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى رىئان سام ئەپەندى، بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى سان-سىپىرلار ھەگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمايدۇ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ‹مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغدىلىۋاتىدۇ› دېگەن سانلىق مەلۇماتلار ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، چۈنكى بۇ خىل ئاتالمىش ‹قوغداش› لارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نورمال مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىنى بېرىشى ناتايىن. ئۇلار تەشۋىقاتلىرىدا ‹مەدەنىيەتنى قوغداۋاتىمىز› دەيدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاشۇ مەدەنىيەت ئەمەلىيىتىنىڭ بىر نۇسخىسىنى، يەنى شەكلىنىلا تىزىمغا ئالىدۇ. ئۇنى ئاممىۋى سورۇنلاردا تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋالدا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇشى قىيىنلىشىدۇ، ھەتتا مۇمكىن بولمايدۇ.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ رەسمىي قوغدىلىدىغان ئادەت دەپ بېكىتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى ئەركىن يىغىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە مۇراسىملىرىغا بولغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئۇلار مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلغان بولاتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتا تېخىمۇ زور ئۈنۈمى بولاتتى. شۇڭا مېنىڭچە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىكى 5 مىڭ، 10 مىڭ ۋە ياكى 20 مىڭ دېگەندەك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەھمىيىتى يوق، يەنى بەك چوڭ پەرق ئېلىپ كەلمەيدۇ.»
رىئان سام ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە ۈخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان.
رىئان سام ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم مەدەنىيەت يادىكارلىرى ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى «ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىەە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى قاتتىق قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
«شۇنداق، ئۇلاردا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋە شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تىزىملىتىدىغان سىياسەتلەر بار. ئۇلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تىزىملاتقاندا، ھېچ بولمىغاندا بۇ يادىكارلىقلارنى ۋە بۇ ئورۇنلارنى ئۆز ئىسمى بىلەن قوغدايمىز دەيدۇ. ئۇلار بۇ ئورۇنلارغا مەبلەغ سالدى، ۋىۋىسكا ئاستى ۋە ئۇلارنى مۇندەرىجىگە تۇرغۇزدى. ئەمما ئەپسۇسكى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رايوندا سىجىل قوغدىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.»
رىئان سام ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتىمىز» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىغۇچى ۋە داۋاملاشتۇرغۇچى خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن تەتقىقاتچىلارنى يوقىتىش نىشانى قىلغان:
«مەن ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئورۇنلىرىنى ۋە دىنىي سورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى مەشرەپكە ئوخشاش خەلق سەنئىتى يىغىلىشلىرىغا قاتناشقى سەۋەبلىك تۈرمىلەرگە تاشلاۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلىغۇچىلارنى، زىيالىيلارنى ۋە سەنئەتكارلارنى قولغا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەنئەنىلەرنى ساقلاپ كەلگەن كىشىلەر ئەڭ يۇقىرى كېسىم بويىچە تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا. مەن يەنە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى ۋە شەھەرلەردىكى نۇرغۇن كونا مەھەللىلەرنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. ئۇلار يەنە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆي جاھازلىرىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى جابدۇقلارنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ھەرقانداق ھۆكۈمەتتىن پەرقلىق ھالدا ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەت ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندرسون خانىممۇ ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ،» دېدى.
تۈركىيەدىكى مەريەم سۇلتان خانىم «ئۇيغۇر ئەنەنىۋى تىبابىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى» بويىچە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى.
بۈگۈن مەريەم سۇلتان خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادەت تەتقىقاتلىرىغا كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى يوقىتىش ھەمدە ىىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.