زۇلھايات ئۆتكۈر: «ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرچى»

0:00 / 0:00

2-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى» توغرىسىدا مەخسۇس تور سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۇر تور سۆھبىتى يىغىنىدا مەشھۇر يازغۇچى ۋە شائىر مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق نەۋرە قىزى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.

بۇ سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ فېسبوك سەھىپىسىدىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

ئالدى بىلەن رىياسەتچى دوكتور مەغپىرەت خانىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنىڭ قىممىتى توغرىسىدا توختالدى. دوكتور مەغپىرەت خانىم كىيىم-كېچەكنىڭ بىر مىللەتنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى، قىممەت قاراشلىرى، دىنى ئېتىقادى ۋە دۇنيا قاراشلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتىن كېيىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئاڭلارمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى، ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتلەرنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، كىيىم-كېچەك جەھەتتە گەرچە بىر قىسىم ئىزچىللىق ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىدە بۇ خىل ئىزچىللىقنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، مىللىي كىيىم-كېچەكلەردىكى ئىزچىللىقنىڭ يوقىلىشىمۇ مەدەنىيەتتىكى بىر يوقىتىشقا كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ياش ئەۋلادلارغا مىراس قالغان مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، بۇ خىل كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىمىزگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلىش پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىياردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رامكىسىنى سىزىپ بېرىدىغان تەتقىقاتچى ئۇستازلارنىڭ ھازىر لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئىشىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ ساھەدە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر تور سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان دوكتور مەغپىرەت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى 1990-يىللاردىن باشلاپ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ھەر خىل توسالغۇلار سەۋەبىدىن چېكىنىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى 1990-يىللاردىن كېيىن راۋاجلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ تېگى-تەكتىنى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىلمىي دەرىجىدە ئىزدىنىپ كۆرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كۆپلىگەن ماقالە ۋە كىتابلارنى يورۇقلۇققا چىقارغان، بۇ ساھەدە شۇنداق ياخشى بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن ئىدى. ھازىر ۋەتەندە بۇ ۋەزىيەتنىڭ قايسى دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتنى چەتئەلدىكى تەتقىقاتچىلار ياكى ياش ئىزدەنگۈچىلەر داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.»

مۇستەقىل تەتقىقاتچى زۇلھايات خانىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق بىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى، تارىختا ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان كۆپلىگەن دىنلار ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە كىيىم-كېچەكنىڭ بىر مىللەتنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، كەمەرگە پىچاق ئېسىشنىڭ ھازىرمۇ تۈركىيەنىڭ بەزى جايلىرىدىكى يەرلىك خەلقلەردە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇلھايات خانىم يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ باغلىنىشى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەي يارقىن مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە رايون خاراكتېرلىك يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا خەلقلەردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئۇ ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىدىن دوپپا بىلەن ئەتلەستە تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

زۇلھايات خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ بالدۇر تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم، يامغۇرلۇق، ئۆتۈك دېگەندەك بەزى كىيىم تۈرلىرىنى بالدۇر ئىجاد قىلىپ، كىيىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇلھايات خانىم يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە دائىر مول مەزمۇنلارنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

زۇلھايات خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تولۇقى بىلەن ئۆگىنىپ، بۇ خىل مىللىي مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.