مەدەنىيەت قوغدىغۇچىلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەرگىز يوقىتالمايدۇ

0:00 / 0:00

4-ئۆكتەبىر، ئامېرىكانىڭ «ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مىللىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قېلىش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە بۇنىڭغا تىرىشىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ياسمىن سەرھان ئىسىملىك ئاپتور بۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق يازىدۇ: «سىز بۈگۈن يوقىتىلىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنى قانداق قوغداپ قالىسىز؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىۋېتىلىشى قانداقتۇر پەرەز ياكى قىياس ئەمەس، بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەت كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر قامالدى، ئاياللىرى تۇغماس قىلىندى، مېڭىسى يۇيۇلدى، ئېتىقادى تېررورلۇق بىلەن باغلاندى، مەسچىتلىرى ۋەيران قىلىندى، تىلى چەكلىنىپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى دەسسىتىلدى. ئومۇمەن ئۇلار تېررورچى، بۆلگۈنچى، ئەسەبىي ئۇنسۇر دەپ قارىلىپ، ئۆزلىرىدىن تارتىپ مەدەنىيىتىگىچە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى».

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان غايەت زور بېسىم ۋە تەھدىتكە قارىماي، بۇ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز مەدەنىيىتىنى چەت ئەلدە بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە ۋە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاشپەز، شائىر، سەنئەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇلار چەت ئەلدە تۇرۇپ ئۆز كىملىكى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولغان مەدەنىيىتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇۋاتقانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لوندوندا رېستوران ئاچقان ئۇيغۇر ئائىلىسى بۇ رېستوران ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرىنىلا ئەمەس، بېزەكچىلىك، رەسساملىق، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىمۇ چەت ئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسا، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئاچقان مۇئەللىمە ۋە يازغۇچى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇيەسسەر خانىم ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆز تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى مىراس قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە تۈركىيەدە ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى ئورتاقلاشتى، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلاردا ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشى بىلەن بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى يېرىم يولدا توختاپ قالىدىكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار سان ۋە سۈپەتتە يېتەرلىك ئەمەسكەن.

بۇ ماقالىدە يەنە، لوندوندا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ھەم سەنئەتكار رەھىمە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى چەت ئەلدە بولسىمۇ قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغانلىقىنى، بۇ مىللەتنى خەلقئاراغا تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇزىكىشۇناس ۋە مەشرەپ تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ خاسلىقى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رەھىمە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنى چەت ئەللەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسى تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون خانىم «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟» دېگەن نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، سەنئەتكارلار دۇچ كەلگەن بېسىم ۋە ئارىسالدىلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، رەھىمە خانىم بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز قانداقتۇر مەدھىيە ناخشىلىرى ئېيتمايۋاتىمىز، بەلكى يۈرەككە توشۇپ كەتكەن دەرتنى ئېيتىۋاتىمىز. سەنئەت دېگىنىمىز رۇھنىڭ نامايەندىسى، بىز سەنئىتىمىز ئارقىلىق قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

مەزكۇر ماقالىدە شائىر ۋە رېژىسسور تاھىر ھامۇت خىتاينىڭ 2012-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىتاب ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىغا بولغان نازارەتنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكىنى، بۇ مەدەنىيەتنى قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىت بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ماقالىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن ئىسپانىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاش كۈرىشى بىلەن بۈگۈن دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇپ، ئورتاق ۋە پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىپ بېرىلگەن. دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «دىياسپورا» دېگەن سۆز ئۆز ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان خەلقنىڭ يات ئەلدىكى سۈرگۈن ھاياتىنى كۆرسىتىغان سۆز بولۇپ، يەھۇدىيلار ئۆز دىيارىدىن قوغلىنىپ، سۈرگۈن ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسا، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە قىسماققا ئېلىنىپ، زۇلۇم ۋە خارلىق ئاستىدا جان تالاشماقتا ئىكەن. ھەر ئىككى مىللەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش ۋە باشقا يەردە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەن.

بۇ ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداشقا شۇنچە كۈچەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرشۇناس جوشۇا فرىمەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى، ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى، ئۇيغۇر تىل مەكتەپلىرى ئېچىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئانسامبىللىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياڭراۋاتقانلىقىنى، ئومۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆز دىيارىدا يوق قىلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە دىياسپورادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك جانلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.