دوكتور ئابلەت سەمەت: «خۇمبولد مۇزېيىدىكى ئۇيغۇر كىملىك ئەلچىلىرى دۇنيادىن ھېسداشلىق قىلغۇچىلار ۋە ھىمايىچىلارنى ئىزدەيدۇ»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.10.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
germaniye-uyghur-muzey-korgezme-13.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-12.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-11.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-10.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-9.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-8.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-7.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-6.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-5.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-4.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-3.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-2.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

germaniye-uyghur-muzey-korgezme-1.jpg

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك خەزىنىلەر. 2022-يىلى ئۆكتەبىر. Ablet Semet teminligen

بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان 3 چوڭ مۇزېي زالىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ جەزبىدارلىقىنى، سەلتەنەتىنى نامايەندە قىلىدىغان قىممەتلىك خەزىنىلەر كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا.

مۇزېيدىكى ماتېرىياللار ۋە ئۇنىڭغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈركولوگ ئابلەت سەمەت، مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە باھا بېرىپ، بۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشى ۋە ھىمايە قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇمبولد مۇنبىرىدىكى ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى چوڭ زالىغا، 1902-1914-يىللىرى گېرمانىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان تۆت قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيەنىڭ بايقاشلىرىغا تەۋە بولغان، ۋاقىت جەھەتتىن مىڭ بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قىممەتلىك ئاسار-ئەتىقىلەر قويۇلغان بولسا، ئېتنولوگىيە مۇزېيىنىڭ زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت رەڭدار بۇيۇملار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى نامايەندە قىلماقتا.

گېرمانىيەدىكى تۈركولوگ، دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى مەمنۇنىيەت بىلەن بېرلىندىكى خۇمبولد مۇنبىرىدە ئېچىلغان ئېتنولوگىيە مۇزېيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇقتىلىق بۇيۇملار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىلەر بەردى.

ئابلەت ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىشى ئېتنولوگىيە مۇزېيى زالىغا كىرگەن ھامان زالنىڭ ئوتتۇرىغا ئېسىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ گىلەمچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگىسى بولغان، ئوتقاشتەك، ھەشەمەتلىك بىر پارچە ئانارگۈللۈك گىلەمنى كۆرىدۇ. شۇنداقلا گىلەمنىڭ يېنىغا قويۇلغان چوڭ ھەجىملىك ئېكراندا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق گىلەم نۇسخىلىرى، گىلەم توقۇشتا ئىشلىتىدىغان ھۈنەر-كەسىپ ئەسۋابلىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان فوتو-سۈرەتلەر، ئايلىنىپ چىقىپ تۇرىدىكەن.

دوكتور ئابلەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ گىلەم ئەسلىدە 18-ئەسىردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توقۇلغان بولۇپ، كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە 1948-يىلى قەدىمىي گىلەملەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى خانس بېتتى ئەپەندى بۇنى سېتىۋېلىپ گېرمانىيەگە ئېلىپ كەلگەن. 1978-يىلى، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئىخېن گات بېتتى تەرىپىدىن بۇ گىلەم گېرمانىيە مۇزېيىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىكەن.

دوكتور ئابلەت ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئانارگۈل نۇسخىسى ئۇيغۇرلارغا خاس ۋە ۋەكىللىك گۈل نۇسخىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئانارگۈللۈك گىلەمنى ئۆيلىرىگە ئېسىش ۋە ياكى يەرگە سېلىش ئارقىلىق، پەرزەنت كۆرۈش ياكى كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلىپ كەلگەنىكەن.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچىسى 4 قېتىملىق تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىنىپ ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ھۈنەر-سەنئىتىگە دائىر بۇيۇملارنى ئاساس قىلىدىكەن.

كۇچادىن ئېلىپ كېلىنگەن نەقىشلىق ياغاچ پەنجىرىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە سىپتا ۋە سەنئەتلىك ئىشلەنگىنى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتسا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان جايىدىن يىغىپ كېلىنگەن باش كىيىملىرى، كىمخاب چاپان، ئېگىز پاشنىلىق ئۆتۈك، زىبو-زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا كىيىم-كېچەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئېتنولوگىيە مۇزېيىدا يەنە، تۇرپان ئېكسپېدىتسىيەسىدە توپلانغان بىر قىسىم ئاۋازلىق بۇيۇملارمۇ ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، تۇرپان قارىغوجىدا 117 يىل ئىلگىرى ئاددىي ماگنىتلىق لېنتىغا خاتىرىلەنگەن بۇ ئاۋازلىق خاتىرىلەر، كىشىنىڭ خىيالىنى ئىختىيارسىز ھالدا شۇ دەۋرلەرگە ئېلىپ كېتىدىكەن. بۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات قىلىش ھەم تىل ئادەتلىرىنى چۈشىنىش شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى چۈشىنىش قاتارلىقلاردا قىممەتلىك مەنبەلىك ماتېرىياللار ھېسابلىنىدىكەن.

ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ساپال قاچىلىرى، يىپەك توقۇلمىلار، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى، مىللەت كىملىكى شۇنداقلا ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۇلاردا يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداش ۋە قېرىنداش بولمىغان مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەمدە پەرقلىق ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىكەن.

مۇزېيغا ئائىت تونۇشتۇرۇشلاردىن چۈشىنىشىمىزچە، مەزكۇر ئېتنولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان بۇ رەڭدار بۇيۇملار، ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان ئېكسپېدىتسىيەچىلەر، زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا تەۋە ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇپ، بۇ بۇيۇملارنىڭ تەۋەلىكى، نەدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن قوللىنىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار بىرقەدەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ھۈنەر كەسىپلىرى داۋاملىق يوقىلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا ئورتاق مەدەنىيىتى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ۋە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇۋېتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا خىتاي مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى دەسسىتىلىۋاتقان، سىڭدۈرۈلۈۋاتقان شارائىتتا مەزكۇر مەدەنىيەت نەمۇنىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىش ۋە قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

دوكتور ئابلەت ئەپەندى خۇمبولد مۇنبىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاس بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ئەلچىلىرى» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە بۇ بۇيۇملارنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەر قانداق كىشىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلار ياراتقان بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلماي قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت ئەلچىلىرى، دۇنيادىن ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنى، ھىمايىچىلارنى ئىزدەيدۇ» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى كۈنلەردە ئېچىلىشقا باشلىغان خۇمبولد مۇنبىرىنىڭ 4 مىڭ كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى ھەيۋەتلىك بۇ مۇزېيىنىڭ ئېتنولوگىيە مۇزېيى ۋە ئاسىيا سەنئەت موزېيى تارماقلىرىغا 20,000 كۆرگەزمە بۇيۇمى قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىغا ئائىت بۇيۇملار ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىگە ئايرىلغان. مەزكۇر بۇيۇملار سان جەھەتتىن ئىنتايىن زور سالماقنى ئىگىلەپلا قالماي يەنە ئۇلارغا مۇزېينىڭ ھەر بىر زالىدىن ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.