قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى جىددىي مەسىلىلىرى نېمىدە؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدا شەكىللەنگەن ۋە بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ئەدەبىياتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە بولۇپمۇ نەزەرخوجا ئابدۇسېمەتئوغلى، ئۆمەر مۇھەممەدى، نۇر ئىسرائىلوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى قاتارلىق تۇنجى ئەۋلاد ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆزىگە مىراس قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 90-يىللاردا يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن زىچ باغلىقتۇر.

بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەركىن ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتى پەيدا بولدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ ئۆز خەلقىنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى ئەكس-ئەتتۈرۈش، مول ئەنئەنىگە ئىگە كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى باشقىمۇ خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. 26-نويابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات كېچىلىكى دەل شۇنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر.

شۇ كۈنى قازاقىستان خەلقلەر بىرلەشمىسى (ئاسسامبلېيەسى) نىڭ دوستلۇق ئۆيىدە «بېلارۇس يازغۇچىسى ئالېسىيا كارليۇكېۋىچنىڭ ‹شۇبۇرشۇن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى› چۆچىكىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمىسى» ماۋزۇسىدا خەلقئارا ئوقۇرمەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئىلمىي يىغىن مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتى، قازاقىستان خەلقلەر ئاسسامبلېيەسى، شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى قوللاش فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا قاتناشقان ئالىملار، تىل ۋە ئەدەبىيات مۇئەللىملىرى، ژۇرنالىستلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى مىللىي ئەدەبىياتلاردىكى ھەمكارلىق، تەرجىمانلىق، نەشرىياتچىلىق ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، يۇقىرىدا ئاتالغان مەسىلىلەر مەزكۇر يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرىگە كېيىنكى ۋاقىتلاردا بېلارۇسىيە يازغۇچىلىرىمۇ ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بېلارۇسىيەدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئانا ۋەتەن-ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە خېلى كەڭ تونۇشتۇرۇشلار بولدى. ئەدەبىياتىمىزدىكى مەسىلىلەر ياخشى يورۇتۇپ بېرىلدى. بىزمۇ بۇ ياقتا مۇشۇ يىغىننى ئاچتۇق. ئۇنى ئالېسىيا كارليۇكېۋىچ ئىجادىيىتىگە بېغىشلىدۇق، چۈنكى ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ژۇرناللىرىنى ياخشى تونۇشتۇردى. بۇ كىتابنى كۆرنەكلىك شائىرىمىز ئەخمەتجان ئىسراپىلوف تەرجىمە قىلغان. بىزدە ھازىر بالىلارغا بېغىشلانغان كىتابلار ناھايىتى ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتابنى مەدەنىي بىر ۋەقە دېسەك ئارتۇق ئېيتقان بولمايمەن.»

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئەڭ تالانتلىق يازغۇچىلىرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچىلار بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆپلىگەن مەنىۋى ۋە ماددىي قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت ئىكەن. ھازىر ئالمۇتادا ياش ئىجادكارلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «ۋارىس» بىرلەشمىسى مەلۇم دەرىجىدە ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پائالىيىتىدە كۆپلىگەن مەسىلىلەر تۇغۇلماقتىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ دېيىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا قازاق، رۇس، بېلارۇس يازغۇچىلىرى چوڭ رول ئوينىماقتىكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىشتا تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭمۇ خېلى ياخشى ئىشلارنى ئاتقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالىمجان ھەمرايېف ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قان-قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئانا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى ئومۇمەن ياخشى دېيىشكە بولمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ياققا كۆپ يازغۇچىلار كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىز بىلەن مۇڭدىشالماتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالاقە تامامەن ئۈزۈلدى. ئۇ ياقتىكى يازغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى بىلمەيمىز. بۇ ياقتىكى يازغۇچىلار ئۇلارنى سېغىنىدۇ. ئۇلارمۇ بىزنى سېغىنىدۇ، دەپ ئويلايمىز. بۇنىڭ ھەممىسى 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان خورلۇقلاردۇر».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن مەدەنىيەت ئەربابى، تونۇلغان شائىرە ۋە تەرجىمان ليۇبوف شاشكوۋا خانىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە يۆنىلىشلەردە راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنىۋاتقان «قازاق ئەدەبىياتى»، «پروستور»، «جۇلدىز»، قاتارلىق گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ھەمدە ھەر خىل يىغىنلاردا ئوچۇق كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس ئەدەبىياتلىرى ئوتتۇرىسىدا يېقىن ئالاقىلەرنىڭ بولۇشى شۇنداقلا بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى، ھازىر بۇ مەسىلە ناھايىتى جىددىي تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق، رۇس تىللىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان تەرجىمە ئەسەرلەر يېتەرلىك ئەمەس، ناھايىتى ئاز. ئىلگىرى تەرجىمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان بولسا، ھازىر يازغۇچىلار كۆپىنچە ئۆز يانچۇقىدىن تۆلەيدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلە دۆلەت دەرىجىسىدە ھەل قىلىنسا، كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئۆز-ئۆزىدىن بىر تەرەپ بولغان بولار ئىدى. ھازىر ياش ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيۇشمىسى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قازاق ۋە رۇس تىللىرىدىكى ئەسەرلىرىنى بىز ھازىرچە ئانچە كۆرمەيۋاتىمىز.»

ليۇبوف شاشكوۋا ئۇيغۇر ھامىيلىرىنى ئۆز جامائىتى ئىچىدە يېتىشىپ چىقىۋاتقان ياش ئىجادكارلارنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشقا چاقىردى. ئۇ ھازىرقى كۈندە توختىماي ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەخمەتجان ھاشىرىغا ئوخشاش مول-ھوسۇللۇق ياش يازغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ تېخى كەچ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ئىجاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا خېلى ئازىيىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 50 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، چوڭلىرى 80 ياشلار ئەتراپىدا ئىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن تەشكىلاتلىرى ياش شائىر-يازغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە قوللاش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ھەر خىل سەنئەت فېستىۋاللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت