خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرغان

0:00 / 0:00

خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايەتلىرىنى پەردازلاش بىلەن بىرلىكتە بۇ رايوننى ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتا قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا سودا سارايلىرى ۋە قاۋاقخانىلارنىڭ سېلىنىشى، ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئەپلىك بولغان بىنالارنىڭ سېلىنىشى، ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرىنىڭ چەكلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ بۇ رايوننى تامامەن «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» دېگەن نام ئاستىدا ئىچكى خىتاي بىلەن ئوخشاش رايونغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

مەلۇماتلارغا كۆرە، خىتاي بۇ رايوندا ئۆز مەدەنىيىتىنى مائارىپتىن باشلاپ سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يەسلىدىن باشلاپ خىتايچە سۆزلەشكە، خىتايچە كىيىنىشكە، خىتايچە تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن تامامەن ئايرىپ، خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىمەكتە. خىتاي يەنە بۇنىڭلىق بىلەن قالماي «خۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە ئېلىپ كىرىپ، مەدەنىيەتتە مۇتلەق يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشنى پىلانلىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-دېكابىر كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇت ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ بېرىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا كېڭىيىشىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەتنى يوق قىلىپ، ئارقىدىن نومۇسسىزلارچە «بۇ يەردە مەدەنىيەت يوق» دېگەن باھانە بىلەن خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بەش تەتقىقات مەركىزى ۋە بىر پراكتىكا بازىسىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى قانداق قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە قانداق سىڭدۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭىنى قانداق بەرپا قىلىش، خىتاي تىلىنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇش، بۇ رايوننىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قانداق تارقىتىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىدىكەن ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات، مەسلىھەت بېرىش، تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى تامامەن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشنى بۇرۇنلا پىلانلانغانلىقى، بۇ تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى مەدەنىيەتنى يۇمشىتىپ، ئېرىتىپ، يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ تەتقىقات ئىنستىتۇتى يەنە پراكتىكا بازىسى قۇرۇش ئارقىلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىدىكەن؛ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش، مۇسابىقىلەر ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق «خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابى مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيىتى» نى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ تارقىتىدىكەن ۋە ئومۇملاشتۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ تۇرىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «ئىنقىلابى مەدەنىيەت» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاينىڭ ھازىر ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى رادىكال ئىنقىلاب دەۋرىگە قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، باشقا مەدەنىيەتنى سىغدۇرمايدىغان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ قايتا باش كۆتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەتقىقات ئىنستىتۇتى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى نوپۇزى، ئوقۇتۇش ۋە پەن-تەتقىقات جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ «ئىلمىي ساھەدە باشلامچى بولۇش، تەدبىر بەلگىلەشتە ياردەمچى بولۇش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ ئىنستىتۇتتا تۇنجى نۆۋەتلىك مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەمدى تەتقىقاتچىلار تەكلىپ قىلىنىدىكەن ۋە ئالاھىدە ئىشخانىلار تەسىس قىلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ «شىنجاڭدا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنىڭ نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق ئۈچ تۈرگە مەبلەغ ئاجرىتىلغان.