قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئۆيگە كەلگەن مېھماننى يېرىم سائەت ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمى داۋام قىلماقتا
2024.07.16
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى بىر ئاھالە ئۆتكەن ھەپتە غۇلجادىن زىيارەتكە كەلگەن بىر تۇغقىنىنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغىنى ئۈچۈن، ياپچان ساقچىخانىسى تەرىپىدىن ئايالى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ ئېلىپ كېتىلىپ، بىر كېچە سوراقتىن كېيىن ئەتىسى قويۇپ بېرىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خوتەندىكى بىر كەنت ساقچىسى، ئۆز تەۋەلىكىدە ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى يېرىم سائەت ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغا قەدەر، خىتايغا قارشى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان مەزگىللەردە، خىتاي دائىرىلىرى بىر قاتار ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش تەدبىرلىرىدىن باشقا، «ئۆيىگە كەلگەن ھەرقانداق مېھماننى، ھەتتا قوشنىسى بولسىمۇ يېرىم سائەت ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش» تىن ئىبارەت ئەقىلغە سىغمايدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغان ئىدى.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان كىشى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، مەزكۇر تەدبىر يەنىلا داۋام قىلماقتىكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان يېزىسىدىكى ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىگە غۇلجادا ئولتۇرۇشلۇق تۇغقانلىرىدىن بىرى زىيارەتكە كەلگەن. 7-8 يىلدىن بېرى تېلېفوندىمۇ كۆرۈشەلمىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلار قىزغىن پاراڭ بىلەن بولۇپ، بۇ مېھماننى مەھەللە ساقچىسىغا مەلۇم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان. ئەتىسى كەچتە بوسۇغىدا پەيدا بولغان مەھەللە ساقچىسى ساھىبخان ئائىلىدىن ئابدۇقادىر ۋە ئايالىنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن ۋە بىر كېچە سوراق قىلغاندىن كېيىن، تاڭ ئاتقاندا قويۇپ بەرگەن. ئابدۇقادىر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بىر كېچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبىنى مېھمان ۋە قوشنىلارغا ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا نېمىلەرنىڭ سورالغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. بۇ ئەھۋالدىن، بولۇپمۇ ئائىلىدە پەيدا بولغان ئەنسىزچىلىكتىن خىجالەت بولغان مېھمان، زىيارىتىنى پىلانىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇپ يۇرتىغا قايتقان.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە تۈگىمەيۋاتقان بۇ ئەنسىزچىلىك ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەۋەلىكتىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ياپچان ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى ئۆزلىرىنىڭ ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىر كىشى ۋە ئايالىنى بىر كېچە تۇتۇپ قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. يەنە بىر خادىم، ئابدۇقادىر ئىسىملىك بىرىنىڭ تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى، ئەمما ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توردا پىكىر بايان قىلغان بەزى ئىنكاسچىلار، سەۋەبنى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتتە بولىدىغان ئەندىشە ۋە خۇدۈكچىلىك پىسخىكىسىغا باغلىسا؛ يەنە بەزىلەر، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىر تۇتۇشنى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىماقتا.
بىز بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئومۇمىيلىق دەرىجىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەنگە تېلېفون قىلدۇق. گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتەرەك ۋە چودا يېزىسىدىكى ساقچى خادىملىرىمۇ، ئۆز تەۋەلىكىدە ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى ساقچىغا تىزىملىتىش تۈزۈمىنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خادىملاردىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ئاھالىلەر ئۆيگە كەلگەن مېھماننى 10 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر 30 مىنۇتقىچە مەلۇم قىلمىسا جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن. مەزكۇر خادىم، بۇ تۈزۈمنىڭ چوڭلار ئۈچۈنلا ئەمەس، 14-15 ياشلىق ئۆسمۈرلەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي دائىرىلىرى2017 -يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن ئىككى يىل كېيىن، رايوندا «زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى» نىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ئېلان قىلىپ كەلگەن ھەمدە بۇنى ھۆكۈمەت قۇرغان لاگېرلار، يەنى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ غەلىبىسى دەپ جاكارلاپ كەلگەنىدى. مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.