نۆۋەتتە «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» دېگەن نام خەلقئارادا ئۇيغۇر قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلىنىپ، خىتاينى بىئارام قىلىدىغان نازۇك سىياسىي تېرمىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇشى، خىتايدا «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» غا بولغان سەزگۈرلۈكىنى تېخمۇ ئاشۇرۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاستا بولغان ھەرقانداق بىر چەت ئەل شىركىتى خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ ئىككى داڭلىق پارچە سېتىش زەنجىرى-ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇبنىڭ خىتايدىكى تارماق دۇكانلىرىنىڭ تور بازىرىدىن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى چىقىرىۋېتىشى ۋە خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىنكاسى، بۇ نامنىڭ خىتايدا قانچىلىك سەزگۈر ئاتاققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تور ئابۇنتلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبقا تېلېفون قىلىشىپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ توردىن نېمە ئۈچۈن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئىنتىل شىركىتىنىڭ خىتاي تەمىنات زەنجىرىدىكى ھەر قايسىي كارخانىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنى «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى ئىشلەتمەسلىك ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشىمۇ، خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇبى مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، يەنى 24-دېكابىر ئۆزلىرىنىڭ تور بازىرىدا «قۇمۇل قوغۇنى»، «شىنجاڭ چىلانى»، «شىنجاڭ ئۈرۈكى» قاتارلىق بىر قانچە يەرلىك مېۋە مەھسۇلاتىنى قويۇپ قويۇپ، قالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ تاشلىغان.
بۇ ۋەقە پرېزىدېنت بايدېن 23-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىمزالاپ ئەتىسىلا يۈز بەرگەن. بۇ ھادىسە كىشىلەردە «خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ ھۇجۇمى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىپ، ئاتالمىش ‹شنجاڭ مەھسۇلاتلىرى› نىڭ چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغان خىتاي دائىلىرىغا ئەمەس، بەلكى بۇ مەھسۇلاتلارنى توردىن ئېلىۋەتكەن چەت ئەل شىركەتلەرگە قارىتىلىدۇ؟» دىگەن سۇئال پەيدا قىلغان. بىراق ئامېرىكادىكى خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى بۇ خىل نارازىلىق ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» غا يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسىنىڭ رولىنى كۆرسىتىدىكەن.
خۇ پىڭ 29-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «ئىمارگونىڭ ئەسلى مەقسىتىمۇ شۇ. ئامېرىكانىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي-سودا ئىمبارگوسى قويۇشى، ئەلۋەتتە شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەئتىگە تەسىر قىلىدۇ. سىزنىڭ بېسىم ئىشلىتىشىڭىزنىڭ مەقسىتىمۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىش، خىتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىش، بۇ ئارقىلىق ئايلىنىپ كېلىپ ئاخىرىدا خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتۇر. ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي جازاسىنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ.»
خۇ پىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي جازاسى خىتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر قىلغانسىرى، بۇ ئۇلارنى «ئۇيغۇرلار مەىسىلىسى» گە قارىتا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئىشچىلار ئىش تاشلىسۇن ياكى ئوقۇغۇچىلار دەرس تاشلىسۇن، بۇ ئالدى بىلەن پۇقرالارغا تەسىر قىلىدۇ. ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى بىلەن كارى بولمايدىغان، ئۆزى تەسىرگە ئۇچرىمىسىلا ھېچنىمە بىلەن چاتىقى يوق كىشىلەر، باشقىلار قارشىلىق كۆرسىتىپ ياكى چەت ئەل دۆلەتلىرى خىتايغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ، تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىغاندا، ئۇلارنى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.»
لېكىن چەت ئەلللەردىكى يەنە بەزى ئانالىزچىلار، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ ئادەتتىكى خىتاي تور ئابۇنتلىرىدا بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قوزغاپ كېتىشىنىڭ چۈشىنىش مۈشكۈل بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. گولاندىيەدە تۇرۇشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىگە باغلاپ قويغان ئىكەن. ئۇ: «بۇ ناھايىتى چۈشىنىكسىز ياكى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقەت شۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئاسىيە ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پروگراممىسى» ئارقىلىق خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا باغلاپ قويغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەخسىي ۋە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارغا كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەرلىك خەلقلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەنلىكى» نى بىلدۈردى.
ۋولمارت ياكى سامس كۇلۇبنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى نېمە ئۈچۈن توردىن چىقىرىۋەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يېزىشىچە، ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇب ئۇلارغا يۇقۇم تۈپەيلى «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نىڭ تەمىناتى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئامېرىكا دۇكانلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى ئاقسىتىپ، ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدىكەن.
خۇ پىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇنداق ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۆچ ئېلىش ھەركىتى قوللىنىشى مۇمكىن. خىتاي بەلكىم ئامېرىكانىڭ مەھسۇلاتلىرىغا، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال كۆرۈلسە كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ.»
لېكىن «ۋول-ستېرېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولمارتنىڭ ئامېرىكادىكى باش شىركىتىنىڭ باياناتىچىسى بۇ ئەھۋالغا قارىتا پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان. «ۋول-ستېرېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ 27-دېكابىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبنىڭ خىتايدىكى تور بازىرىدا تېپىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن شەنبە كۈنى ۋولمارتنىڭ بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر دۇكىنىدا «شىنجاڭ چىلانلىرى» نىڭ سېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇبنىڭ خىتايدا 434 دۇكىنى بار ئىكەن.