ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2021 يىلى 23-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغان ئىدى. مەزكۇر قانۇن بۇ يىل 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يوسۇندا ئىشقا كىرىشىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ئىمپورت قىلغۇچىلارغا 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دا كۆرسىتىلگەن ماددىلارنىڭ ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئامېرىكانىڭ تىجارەت ۋە قانۇن ساھەسىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ تەتقىقات تور بېتى بولغان «jdsupra» دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قانۇننىڭ 3-ماددىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىغا ئېرىشكەن ھەرقانداق ئورۇن ۋە شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى «رەت قىلىشقا بولىدىغان پەرەزلەر» ئاساسىدا ئامېرىكانىڭ 1930-يىلى چىقىرىلغان «باج قانۇنى» نىڭ 307-ماددىسى بويىچە رەت قىلىش ياكى تۇتۇپ قېلىش بېكىتىلگەن.
جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇ قانۇن نەتىجىسىدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، قېزىۋېلىنغان، ياسالغان بارلىق تاۋارلارنى «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان» دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى تۇتۇپ قالىدىكەن. مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ پەرەز بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغان ساھەلەر «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تولۇق ياكى قىسمەن قېزىش ئېلىپ بارىدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى قۇراشتۇرىدىغان ئورۇنلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش، ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قوبۇل قىلىش ھەققىدە توختاملاشقانلار، ئالدىنقى ماددىلاردىكى شەرتلەر ئاستىدا قېزىۋېلىنغان، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئورۇنلار، تەمىنلەش زەنجىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئورۇن ۋە ئەسلىھەلەر قاتارلىقلارنى» ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق سىياسەت تەتقىقات مەركەزلىرىدىن ئامېرىكا تاشقىي سىياسەت كېڭىشى (AMERICAN FOREIGN POLICY COUNCIL) نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل سوبولىك (Michael Sobolik) ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا ئىدارىسىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئامېرىكالىق تىجارەتچىلەرگە بېرىلگەن ئاخىرىقى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇقتۇرۇش ئامېرىكالىق ئىمپورت قىلغۇچىلارغا قىلىنغان بىر چاقىرىق. ئەگەر ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايانسا، بۇ ئۆزىنى ماددىي جەھەتتىن خەتەرگە ئاتقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا شىركەتلەر ئەڭ ياخشىسى خىتايدىن باشقا يەردىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. مانا شۇنداق قىلغاندىلا بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، چىگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدىغان پەرەز» ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەگەر شىركەتلەر بۇ تەدبىرگە رەددىيە بەرمەكچى بولسا، چوقۇم ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمپورت قىلغان تاۋار - مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ۋە قايىل قىلارلىق پاكىتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەككەن. ئۇنداق قىلالمىغان مۇددەتچە بارلىق تاۋارلار بىردەك «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان» دەپ قارىلىدىكەن ۋە چەكلىنىدىكەن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، ئۇقتۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئوڭشىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇلار يەنە خەت تاپشۇرۇۋالمىغان باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىقى قانۇنغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەتقىقاتچى مايكىل سوبولىك ئەپەندى بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا ئىدارىسىنىڭ يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا تاموژنا ۋە چىگرا ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى چوقۇم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى يۆتكىلىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار پەقەت شىنجاڭغىلا تۇتىشىدىغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلغۇچىلارنى نىشانلىسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى تاۋارلارنىڭ ئىمپورتىغا يول قويغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى زور دەرىجىدە چەكلىنىدۇ، دېگەن گەپ. شۇڭا تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا، يەنى بۇ يىل 3 -ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن جەمئىي 27 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە خامچوت ئاجراتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر خامچوتى ئۇنىڭ 2022-يىللىق قوشۇمچە خامچوت قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ خامچوت مەزكۇر قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن.
ئامېرىكانىڭ تىجارەت ۋە قانۇن ساھەسىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ تەتقىقات تور بېتى بولغان «jdsupra»يۇقىرىقى بۇ ئۇقتۇرۇش ھەققىدىكى خەۋىرىدە: «ئامېرىكادىكى شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىنى تېزدىن ۋە ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈشكە، يېتەرلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شىركەتلەر ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشىگە بويسۇنۇشى ۋە CBP نىڭ تەلىپى بويىچە ئۆز ماللىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك،» دەپ تەكىتلىگەن.