ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكالىقلارنىڭ مەيلى رېستورانلىرىدا بولسۇن ياكى ئائىلە، مەكتەپ ۋە ياكى ھەربىي قىسىملىرىدا بولسۇن، كۈندىلىك ئىستېمالىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغۇچى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىدە، 75-80 پىرسەنت دېگۈدەك دېڭىز مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قىممەتتە دېڭىز مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكاغا دېڭىز مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىدىغان 150 تەك دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكادىكى «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» تەشكىلاتىنىڭ 4 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خىتاي بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا شىمالىي كورېيەلىك ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىلىدىغانلىقى، ئاز دېگەن 10 خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىشى، ئامېرىكىدا زەنجىرسىمان ئىنكاس قوزغىماقتا.

بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. بۇ كومىتېتنىڭ 24-ئۆكتەبىر كۈنى چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، كومىتېتنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى قانداق بۇلغاۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى، كرىستوفېر سىمىس بىلەن بۇ كومىتېتنىڭ يەنە بىر قوش رەئىسلىرىدىن بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېينىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار «خىتايدا پەرقلىق بىر رېئاللىققا دۇچ كەلمەكتە، ئەخلاق كومپىسى دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقتا خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە» ئىكەن. كرىستوفېر سىمىس «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتى، خىتاي بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدىكى كىشىنى «چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغان قىلمىشلار» نى، شۇ خۇسۇستا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئېكسپلاتاتسىيە قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» نى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا سۇنۇلۇشى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىكەن.

كرىستوفېر سىمىس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەكشۈرۈش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بازا قىلغان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە شىمالىي كورېيەلىك مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا ئېلىپ كىرىلىشىنىڭ ئەندىشە قىلارلىق ئەندىزىسىنى ئاشكارىلىغان. بېلىق گۆشىدىن تارتىپ كالامارىغىچە بولغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق رېستوران، توپ سېتىش زەنجىرلىرىگە، ھەتتا ئامېرىكا مەكتەپ ۋە ھەربىي بازىلارنىڭ يېمەكلىك تەمىنلىشىگە سۇقۇنۇپ كىرگەن. بۇ خىل ھەرىكەت ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە جازالاش تىرىشچانلىقلىرىغا زىت.

كرىستوفېر سىمىسنىڭ يىغىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

كرىستواېر سىمىس: «شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېركلېي بىلەن بىرلىشىپ ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىغا بىر مەكتۇپ تەييارلىدۇق. مىنىستىر مايوركاسقا يېزىلغان بۇ مەكتۇپتا، ئۇنىڭ يالغۇز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ئەندىشە قىلارلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، بىزنىڭ سىستېمىمىزدىكى ئاجىزلىقلار ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان باغلىنىشىنىمۇ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا، «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» پىروگراممىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى ئىيان ئۇربىنا، جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پىروفېسسورى روبېرت ستۇمبېرگ، شىمالىي كورېيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى گرېگ سكارلوتويىئو ۋە ستېمسون مەركىزىنىڭ مۇھىت بىخەتەرلىك پىروگراممىسى دىرېكتورى سالىي يوزېل قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلار، خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىكى بېلىقچىلىق مەشغۇلاتى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قانۇن، مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق، تەمىنلەش زەنجىرى، ئامېرىكا بازىرى ۋە ئامېرىكا قانۇندىكى بوشلۇق ھەم ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

يىغىندا «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» پىروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئىيان ئۇربىنا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ يۇقۇم تارقىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت قامال قىلىنغان پەيتلەردىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنى شەندۇڭ ۋە خىتاينىڭ شەرقىدىكى دېڭىز رايونلىرىغا يۆتكەپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىيان ئۇربىنا مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت ئۇنىڭ زور كۆلەملىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سانائىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن خىتاينىڭ غەربىيدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى شىنجاڭدىن، خىتاينىڭ شەندۇڭ ۋە شەرقىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى جايلاشقان ئۆلكىلەرگە يۆتكىدى. بۇ ۋاقىتتا دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەسىرگە ئۇچرىدى. تەكشۈرۈشتىن 2018-يىلى مىڭ نەپەر ئىشچىنىڭ شەندوڭدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئاز دېگەن 10 كارخانىغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەنلىكىنى بايقىدۇق. ھالبۇكى، بۇ كارخانىلار ئامېرىكادىكى ئونلىغان داڭلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى ۋە 20 دەك دۆلەتتىكى بۇ خىل كارخانىلارنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار ئىدى. »

ئىيان ئۇربىنا يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا خىتايدىكى يەرلىك ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلەرنىڭ ياكى ئەمگەك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ «يېتەرلىك دەلىل يوق» دېگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لېكىن بۇ خىل باھانىلەرنىڭ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىيان ئۇربىنا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش دائىرىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ئەمەسلىكى، ئۇلارنى ئىشلىتىش مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلانمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارغا ياتاق، مائاش بېرىلىدىغانلىقى، كەسپىي تەربىيە ئالىدىغانلىقى ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. لېكىن ئامېرىكا شىركەتلىرى شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا قانۇنىدا شىنجاڭ ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىش قانۇنسىزلىقتۇر. چۈنكى، بۇ ئىشچىلارغا مائاش بېرىلسىمۇ، ئۇلار تەكشۈرگۈچىلەرگە ياكى ھۆكۈمەت ئاخباراتىغا خىزمىتىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتسىمۇ بەرىبىر»

گۇۋاھلىق يىغىندا، ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى تېيا لې (Thea Lee) ، قانۇنسىز بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

تېيا لې مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بېلىقچىلىق ماگناتى بولغان پىڭتەن بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ ئەمگەك ئېكسپلاتاتسىيەسى ۋە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشىغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، بىزنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش يولىدا باسقان مۇھىم بىر قەدىمىمىزدۇر. لېكىن يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىقلا بۇ مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىمىز، ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە قانۇن ئىجرائاتى ھەم دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا ھاجىتىمىز بار. »

تېيا لىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئەمگەك ئېكسپلاتاتسىيەسىنى چەكلەشتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوراللارغا ئېھتىياجلىق ئىكەن. تېيا لې: «بىز رەئىس سىمىس تەكىتلەپ ئۆتكەندەك شىركەتلەرنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. بىز يەنە ئەمگەك ئېكسپلاتاتسىيەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا جازانى كۈچەيتىش، بازارغا قاتنىشىشنى رەت قىلىش جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوراللارغا ئېھتىياجلىق…. رىقابەتتە يېڭىش مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش يەنىلا مۇمكىن» دەپ كۆرسەتتى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز-ئوكيان بېلىقچىلىقى يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ پەيدا قىلماقتا ئىكەن. ئۇ خىتاي بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ خىتاي دېڭىز قوراللىق كۈچلىرىدەك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كرىستوفېر سىمىس مۇنداق دەيدۇ: «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن سىرت، ئۇلار يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ بولماقتا. خىتاي بېلىقچىلىق كېمىلىرى خىتاي دېڭىز قوراللىقلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بۇ خىل بېلىقچىلىق كېمىسى مەتسۇ ئارىلىدىكى دېڭىز ئاستى سىم يوللىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» .

كرىستوفېر سىمىسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ يۈزلىگەن بۇ خىل خىتاي بېلىقچىلىق كېمىسى يەنە فىلىپپىن، ۋىيېتنام، مالايشىيا، ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكلىرىدە خىتاي نېفىت، تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش كېمىلىرىگە ھەمكارلاشماقتا ئىكەن.

«قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئالدىنقى ھەپتە «نيۇ-يوركلۇق» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان. دوكلاتتا، خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەمگەك لاگېرلىرى» دىكى ئۇيغۇرلارغا شۇنداقلا خىتايدا ياشاۋاتقان شىمالىي كورېيەلىك ئىشچىلارغا تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ شىركەتلەر ئامېرىكاغا «كەم دېگەندە 47 مىڭ توننا دېڭىز مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ» ، بۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ۋە ئامېرىكا مەكتەپلىرىنى دېڭىز مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر ئىكەن.

بۇ دوكلات يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ قانۇنسىز بېلىقچىلىق شىركەتلىرىگە قارىتا جازالاشنى كېڭەيتىش، «مەجبۇرىي ئەمگەكتە بۇلغانغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش» نى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش دائىرىلىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلىپ، «قانۇنسىز ئوكيان لايىھەسى» نىڭ دوكلاتىنى «يالغانچىلىق» دەپ ئىنكار قىلماقتا.