ياۋروپادىكى بىر نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، باشقا ئىككى تەشكىلاتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلەپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيە نازارەت تارماقلىرىغا ئەرز سۇنغان. بۇ گېرمانىيەدە تۇنجى قېتىم گېرمانىيە سانائىتىنىڭ غوللۇق تۈۋرۈكى بولغان ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۈستىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەرز سۇنۇلۇشىدۇر.
«ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ 21-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى بېرلىندىكى مەزكۇر تەشكىلات گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن، مېرسىدېس-بېنز ۋە BMW قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق 3 چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى ئۈستىدىن گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسىگە ئەرز قىلغان.
بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا، «بۇ شىركەتلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مال تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىگە قارىتا مۇۋاپىق ئىنكاستا بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىغانلىقى»، ھالبۇكى، 2023-يىلى 1-يانۋاردىن بۇيان بۇ شىركەتلەردىن گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ساقلىنىشى ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىپ كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى»نىڭ مەزكۇر ئەرزى «گېرمانىيە پەزىلەتلىك پايچېكلار جەمئىيىتى» بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
«ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ئەرزىدە، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋولكىسۋاگېن، BMW، مېرسىدېس-بېنزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مال تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى دەرھال تەكشۈرۈشى ۋە بۇ ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى»نى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي قانۇن مەسلىھەتچىسى كلويى بەيلېي (Chloe Bayley)نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەركەز گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىغا ئائىت جىددىي دەلىللەرگە ئاساسەن بۇ ئەرزنى سۇنغان ئىكەن.
كلويې بەيلېي 21-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز مەمۇرىي دائىرىلەردىن بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىتا بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت جىددىي دەلىللەر ئاساسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»
كلويې بەيلېي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ گېرمانىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسىغا سۇنغان ئەرزى، ئەنگلىيە شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننېدىي تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىغان دەلىللەر ئاساسىدا سۇنۇلغان ئىكەن. كلويې بەيلېي مۇنداق دېدى : «بۇ ئەرز ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئاساسىدا سۇنۇلدى. بۇ تەكشۈرۈش بۇ 3 شىركەتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە جىددىي مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»
شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى پۈتكۈل ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقى، BMW، مىرسېيدىس-بېنز ۋە ۋولكىسۋاگېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا چېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىگە قارىتا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى «ھەر خىل دوكلاتلار (رايوندىكى) كارخانىلاردا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى، شۇڭا شىركەتلەر ئىقتىسادىي تەپتىشلەرگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئەتراپلىق ئادا قىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە.
«گېرمانىيە پەزىلەتلىك پايچېكلار جەمئىيىتى» بۇ ئەرزنى قوللىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلاتنىڭ خادىمى تىلمان ماسسا (Tilman Massa) 21-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئەرزنى قوللىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سودا پائالىيىتى ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس ئىكەن.
تىلمان ماسسا مۇنداق دېدى: «چۈنكى، ئۈچ گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بىزگە بەرگەن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى ئوچۇق ئەمەس. ھەتتا ئۇلار يىللىق پايچېكلار يىغىنلىرىدىمۇ ئۇلارنىڭ خىتايدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزگە دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.»
تىلمان ماسسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ ئەرز گېرمانىيە مەمۇرىي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تىلمان ماسسا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «چۈنكى، ئۇلار بىزگە رەسمىي بايانلىرىدا ۋە يىللىق پايچېكلار يىغىنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتسىمۇ، لېكىن بۇنى كونكرېت قانداق ئادا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمەي كەلدى. شۇڭا، بىز بۇ ئەرز مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر دائىرىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى پاكىزلاش توغرىسىدىكى يېڭى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۈچىنى ئىشلىتىپ، گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ۋولكىسۋاگېن بۇ خەلقئارالىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان بىردىن-بىر چەت ئەل ئاپتوموبىل شىركىتى. بىز 21-ئىيۇن ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەش ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئەرزگە بولغان ئىنكاسىنى سورىدۇق. بۇ شىركەتنىڭ ئىزچىللىق ۋە ھەمكارلىق ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى نىكولاي لائۇدې 21-ئىيۇن مۇخبىرىمىزغا يوللىغان يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەرزدىن خەۋىرى يوقلۇقى، شۇڭا ئۇنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا تەكىتلىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسى ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىگە بۇ ئەرز توغرىسىدا خەۋەر بەرمىگەن ئىكەن.
لېكىن باياناتتا، «شۇڭا، بىز بۇ ئەرزنىڭ مەزمۇنىغا ياكى ئۇنىڭ سەۋەبىگە ھازىرچە باھا بېرەلمەيمىز» دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم قاچاقچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى قۇللۇقنىڭ بارلىق شەكىللىرى» نى رەت قىلىدىغانلىقى، «مەجبۇرىي ئەمگەككە ئوخشاش ئېغىر خىلاپلىق ئىشلىرىدا ئەگەر تەمىنلىگۈچىلەر قىلمىشىنى تۈزەتمىسە، ئۇلار بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
ۋولكىسۋاگېننىڭ باش ئىجرائىيە دېرىكتورى ئولىۋېر بلۇم 21-ئىيۇن ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىغا قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەكشۈرۈشنى كىمنىڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئۇنىڭ كۆلىمى ۋە نەتىجىسىنى قانداق ئورتاقلىشىدىغانلىقىغا دائىر دائىر نۇرغۇن سوئاللار يەنىلا جاۋابسىز قالغان. شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننېدىي مەركىزىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىلاردىن يالقۇن ئۇلۇغيول 22-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يەردىكى ھالقىلىق سوئال بۇ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلار «‹سېنىڭ تەمىناتچىلىرىڭنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامسەن؟› دېگەن سوئالغا توغرا جاۋاب بېرەلمەيۋاتقانلىقى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ دوكلاتى غەرب ئەللىرىنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دىققىتىنى قوزغاپ، «ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىستېمال ھالقىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇناسىۋەتنى يورۇتۇپ بەرگەن.»
«گېرمانىيە پەزىلەتلىك پايچېكلار جەمئىيىتى» دىكى تىلمان ماسسانىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن ئۇيغۇر رايوندىكى زاۋۇتىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلغنا بولسىمۇ، لېكىن رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئەمگەك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يار بەرمەيدىغانلىقى ۋە بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ «ئىشەنچلىك بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە.
تىلمان ماسسا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شىركەتلەر مەزكۇر رايوندا ئاكتىپ ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى بارلىقى ۋە ھېچقانداق بىر ئىشچىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدا ئەركىن سۆز قىلالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مەزكۇر رايوندا مۇپەتتىشلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشىنىڭ سەۋەبى. چۈنكى مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئېلان قىلغان ھەرقانداق تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى»نىڭ ئەرزىنى قوللىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇرباننىڭ 21-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان دىئالوگى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقى، لېكىن دىئالوگ ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى، بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان دىئالوگ يولى داۋاملىق ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، «بۇ شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى توغرا تاپقانلىقى»نى بىلدۈردى.
لېكىن «ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» دىكى كلويې بەيلېي خانىم بولسا ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىگە جايلاشقان زاۋۇتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك خەۋپلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا گېرمانىيە قانۇنى تەلەپ قىلغان تەدبىرلەرنى قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قارارى، بۇ زاۋۇتنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ئۆلچەشتىكى «مۇۋاپىق تەدبىر» ئەمەس ئىكەن.
كلويې بەيلېي مۇنداق دەيدۇ: « بىز بۈگۈن ۋولكىسۋاگېننىڭ رايوندىكى زاۋۇتىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۇق. لېكىن نەچچە يىللاردىن بېرى شۇ نەرسە ئايدىڭلاشقان بولدى. مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك شارائىتىنى ئېنىقلاش ۋە رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىنى بېكىتىشنىڭ مۇۋاپىق چارىسى ئەمەس. چۈنكى بۇ رايوندا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلماقتا.»
گېرمانىيە پارلامېنتى 2021-يىلى گېرمانىيەنىڭ «تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىدىن گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسىگە سۇنغان ئەرزى، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بېرى سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئەرز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دەك كۈچلۈك ئەمەس، دەپ قارالغان بۇ قانۇن، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان شىركەتلەرنى تەكشۈرۈپ، زۆرۈر تېپىلسا ئۇلارغا جەرىمانە قويۇشى، ھەتتا 3 يىلغىچە ھۆكۈمەت توختاملىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلىشىنى بەلگىلىگەن.