ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتكەن، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى-بىڭتۈەنگىمۇ ئېمبارگو قويغان ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، جۈملىدىن بىڭتۈەن كونتروللۇقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا ۋە باشقا ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرىگە داۋاملىق كىرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى، خىتاي تاموژنا تورى شۇنداقلا خىتاي سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تورىدا، خىتاينىڭ 2023-يىلىدىكى پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئىتالىيە، رۇسىيە، فىلىپپىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە، خىتاي ئىتالىيەگە 44 مىڭ توننا پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان، ئېكسپورت قىممىتى 51 مىليون 730 مىڭ دوللار بولۇپ، ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان بۇ پەمىدۇر قىياملىرى قايتا پىششىقلىنىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، ئىتالىيە پەمىدۇر قىيامى بولۇپ دۇنياغا تارقىلىدىكەن.
بۇ ھەقتە گېرمانىيە رادىيوسىدا «مېنىڭ پەمىدۇر قىيامىم نەدىن كەلگەن؟» دېگەن تېمىدا بىر خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئىتالىيەدىن كەلگەن ھەممە پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولماستىن، بەلكى قۇل ئەمگىكىدىن كەلگەن پەمىدۇر قىيامى ئىكەنلىكى، بۇ قىياملارنىڭ خىتايدىن ئىتالىيەگە، ئىتالىيەدىن دۇنياغا ئىتالىيە ماركىسى بولۇپ تارقايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
شەففېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ياۋروپادا قۇل ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش كۈچىنىڭ بولماسلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازارلىرىغا چەكلىمىسىز سېتىشىغا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن» .
دوكتور يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، خىتاينىڭ قۇل ئەمگىكىدىن كەلگەن باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاشلا يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىمۇ ئۈچىنچى دۆلەتنى ۋاسىتىچى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ شۇنداق دەيدۇ.
خىتاينىڭ سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تورىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى چوڭ ئورالمىلىق پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق جاي بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن پەمىدۇر قىيامى خىتاينىڭ پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورتىنىڭ 71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەكىتلىنىۋاتقان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازاردا چەكلەش سادالىرى كۈچەيتىۋاتقان ۋە ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن مەخسۇس قانۇنلار چىقىرىلىپ چەكلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ئىتالىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك بىر دۆلەتنىڭ ۋە سەئۇدىغا ئوخشاش ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مەزكۇر مەھسۇلاتلارنىڭ ئارقىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۆز ياشلىرىنى كۆرمەستىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى ئىنسانىيەتنىڭ بىر تىراگېدىيەسىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇشلىرى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇسۇلمان مەملىكىتىدۇر.
شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان «ژۇرنال 21» ناملىق گېزىتتە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىزولدا ئاگاززىي (Isolda Agazzi) خانىم، «ئىتالىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ خام مەنبەسى يەنىلا ئۇيغۇر رايونى بولۇپ، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ يازغان، ئۇنىڭ ماقالىسىدە يەنە، «خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كارخانىسى تۈنخې گۇرۇھىنىڭ پەمىدۇر ئېكسپورتى قىلىدىغان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئالىدىغان ئورگان ئىكەنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇپ: «دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كونسېرىۋالىق پەمىدۇر ئىشلەپچىقارغۇچى تۇنخې شىركىتى پەمىدۇر قىياملىرىنى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىدۇ، خىتاي ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. ئاشكارىلانغان بەزى ماتېرىياللار، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر لاگېرلاردا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدۇ. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۇنخې جەنۋەدە خەلقئارا سودا مەركىزى قۇردى، شىۋېتسارىيە بۇ ھەقتە چوقۇم ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دەپ يازغان.
بۇ ھەقتە بىز ئەينى ۋاقىتتا كورلادىكى بىر تۈرمىدە، مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقان، پەمىدۇر تېرىش ۋە يىغىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىنغان، ھازىر گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان مەمەت يۈسۈپنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن تۈرمە ھاياتى ۋە پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان جەريانلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
«قىزىل ئىمپېرىيە» (L'Empire de l'or rouge) ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ژان-باپتىستې مالېتمۇ، يەر شارىدىكى پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىتالىيەدىن خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا قانداق يۆتكەلگەنلىكىنى، تۇنخې شىركىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر ۋە جازا لاگېرلىرىنى بىلىشتىن ئىلگىرىمۇ، تۇنخېنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ تيەنچىنىڭ كامېرا ئالدىدا: «بارلىق خەلقئارالىق ماركىلاردىكى پەمىدۇر قىيامىنىڭ خىتايدىن سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى، خېينز، كرافت، نېستلې قاتارلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى، خېينزنىڭلا 150 نەچچە دۆلەتتە ھەر يىلى 650 مىليون بوتۇلكا سېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ يەنە، شەففېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدىمۇ تەكىتلەنگەن بولۇپ، دوكلاتتا بىڭتۈەن ئىشلەپچىقارغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپاغا، بولۇپمۇ ئىتالىيەگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ياۋروپا ۋە دۇنيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ دوكلاتتىمۇ ئوخشاشلا، تېز تاماق ساتقۇچىلار ۋە Kraft، Heinz، Unilever، Nestlé، PepsiCo قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كەلگەن پەمىدۇر قىيامى ساتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.