ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قىلچىمۇ رۇخسەت يوق!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى ئەڭ يادرولۇق مەزمۇنلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ۋە «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2021-يىلى دېكابىردا پىرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن «مىخقا ئۈسۈش» كە باشلىدى. 11-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇنىڭ بىر ئىنكاسى سۈپىتىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان شۇ كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشتا «دوڭگۇەن بوستانلىق ئاياغ كىيىم چەكلىك شىركىتى» ، «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» ۋە «شىنجاڭ شېنخو كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈزگەن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېيتىلدى. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ «بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بىۋاسىتە ھالدا باغلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى ئامېرىكا بازىرىدىن چەكلەندى. 2024-يىلى 12-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇلار ئېكسپورت قىلغان ھەرقانداق مەھسۇلات بىردەك ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ» دېيىلدى. شۇنىڭدەك بۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىغان شىركەت تىزىملىكىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەتلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئاليۇمىن ماتېرىياللىرى ۋە ئاياغ كىيىملەرنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تونۇلغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدىكى غوللۇق شىركەتلەر» دەپ تەرىپلەنگەن ئىكەن. بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ قارا تىزىملىككە ئېلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس (Alejandro Mayorkas) ئالاھىدە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ تاسادىپىي ئېلىنىپ قالغان قارار ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدە مۇنداق قۇرلار بار: «ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ھېچقاچان ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھېچقانداق تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويالمايدۇ، شۇنداقلا بارلىق ساھەلەردە ئۆز قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. بىز مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلانغان شىركەتلەرنى داۋاملىق تەكشۈرىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىمىز. بىز ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىدىكى مەنپەئەتدارلار، پۇقراۋى جەمئىيەتلەر ۋە خەلقئارا شېرىكلىرىمىزنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قامچىسىنى يوقىتىشتا بىز بىلەن ھەمكارلاشسىكەن، دەيمىز. »

ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتۈۋاتقان تاۋارلارنىڭ قىسمەن ياكى تولۇق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتەك دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇ قېتىم قارا تىزىملىككە قوشۇلغان ئۈچ شىركەتنىڭ ئىچىدىكى «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» دېڭىز مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدە ئۇيغۇر ئىشچىلارنى «زامانىۋى قۇللار» سۈپىتىدە كۆپلەپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىغا نەزەرىيەۋى ئاساس ھازىرلاپ بەرگۈچىلەر «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تەتقىقات گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر گۇرۇھ ھەققىدىكى تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوكلاتى بۇنىڭدا چوڭ رول ئوينىغان.

«قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىيان ئۇربىنا (Ian Urbina) 11-ئىيۇندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، مېيجيا گۇرۇھىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى شەندۇڭدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە جەنۇبى كورېيە قاتارلىق جايلارغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شۇ قاتاردا ئامېرىكا تەۋەسىدە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن «H Mart» دۇكانلىرىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىردەك مۇشۇ گۇرۇھ تەمىن ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مېيجيا گۇرۇھى 2023-يىلى ماي ئېيىغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا تىرەك بولۇشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن زور تۈركۈمدىكى ئىشچىلارنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش» دېگەندەك ناملاردا شەندۇڭغا يۆتكەپ كەلگەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى فېۋرالدا 39 كىشىلىك ئىشچىلار قوشۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىن شەندۇڭدىكى مېيجيا گۇرۇھىغا «ئىش ئورنىغا قايتىش» شەكلىدە ئىشقا چۈشكەن. مېيجيا گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىشچى يۆتكىشى كەم دېگەندىمۇ 2019-يىلى باشلىنىپ بولغان. نۆۋەتتە «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تاماملىغان دوكلاتلاردىكى باشقا خىتاي شىركەتلىرى جىددىي تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولۇپ، ئۇلاردىن يەنە بىر مۇنچىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ قارا تىزىملىككە قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. «جەنۇب راك مەھسۇلاتلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى جون ۋىلليامس (John Williams) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، بۇ قارارنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «راك مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز خەلقلەردىن مەنپەئەتلىنىش قىلمىشىنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتايدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر ئىشچىلار ئوراپ-قاچىلىغان ئارگېنتىنا قىزىل قىسقۇچپاقىلىرى ئامېرىكا دۇكانلىرىدىكى ساغلام مەھسۇلاتلار بىلەن بەسلەشمەسلىكى كېرەك. ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى› (FLETF) نىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغۇسى: ئەرزان تەننەرختە مال ئەكىرىپ يۇقىرى سوممىلىق پايدا ئېلىش ھېچقاچان ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. »

مەلۇم بولۇشىچە، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىنى ئىجرا قىلىش، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» (FLETF) مەسئۇل بولۇپ، بۇ كومىتېت بىۋاسىتە ھالدا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىش كۆرىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىنقى نىشانى دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش بولۇپ، مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلار قارا تىزىملىككە ئالغان شىركەتلەر يۇقىرىقى ئۈچ شىركەتنى قوشقاندا 68 گە يەتكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى روبېرت سىلۋېرىس (Robert Silvers) 2023-يىلنىڭ ئۆزىدىلا قارا تىزىملىكنىڭ 240 پىرسەنت زورايغانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە قانچىلىك زېھىن قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىسىملىكتىكى شىركەتلەر دېھقانچىلىق، كىيىم-كېچەك، باتارېيە، خىمىيەۋى بۇيۇملار، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەر، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، كۈنتاختا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باياناتتا ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئورۇن ئالغان:

«بۈگۈنكى بۇ ھەرىكىتىمىزدە شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى شىركەتلەردىن ئۈچى قارا تىزىملىككە ئېلىندى. بۇ ھال بىزنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ئىجرا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز بۇ ئارقىلىق يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى تۈگىتىشتە كونكرېت بىر قەدەم ئالغانلىقىنى نامايان قىلدۇق. بۇ ھال شىركەتلەر ئۈچۈن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ مەھسۇلاتلارنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ھەققىدىكى بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى› مۇشۇ خىل شەكىلدە قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى زۆرۈر بولغان شىركەتلەرنى داۋاملىق ئېنىقلايدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بولسا پورتلىرىمىزدا بۇنى ئىجرا قىلىشتا يۈكسەك ھوشيارلىقىنى داۋام قىلىدۇ.»

ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «دوڭگۇەن بوستانلىق ئاياغ كىيىم شىركىتى» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە بولۇپ، ئاساسلىقى ئاياغ مەھسۇلاتلىرى بىلەن داڭ چىقارغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ ئىشقا سالغانلىقى ئاشكارا بولغان. «شىنجاڭ شېنخو كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر شىركىتى» بولسا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزىدە بولۇپ، ئاساسەن ئاليۇمىن ۋە كاربونلۇق ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. 2022-يىلى ئىيۇندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى3.3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 8500 مال يوللانمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان.