«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2021-يىلى 23-دېكابىردا ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان. 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، CBP يەنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانىدى.
19-ئۆكتەبىر كۈنى دۆلەت مەجلىسى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تارماق كومىتېتى «چارلاش ۋە ئىجرا قىلىش: ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى باھالاش» دېگەن تېمىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

گۇۋاھلىق بېرىشكە دۆلەتلىك توقۇمىچىلىق تەشكىلاتلىرى كېڭىشى (National Council of Textile Organizations) نىڭ رەئىسى كىمبىرلى گلاس (Kimberly Glas) ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) قاتارلىق سودا-تىجارەت بىرلەشمىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دەن بىشوپ (Dan Bishop) رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلار-تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن : «ئىككى يىل ئىلگىرى دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار ھەمكارلىشىپ، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ قانۇن شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. قانۇن بويىچە شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىشى بولغان شىركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، ئامېرىكا چېگراسىدىن كېرىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ نازارىتىدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى چېگرادا ماللارنى تەكشۈرىدۇ ۋە چېگرادىن قانداق ماللارنىڭ كىرىشىگە مەسئۇل بولىدۇ. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى كەسكىن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش كېرەك. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەمچى بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەجلىستىن ئۆتكەن بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مەسئۇل بولۇشىمىز، فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. »
گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن كىمبىرلى گلاس خانىم مىليونلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى خەلقئارالىق بازارلارغا ئېقىپ كىرمەكتە. شىنجاڭدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلار، دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار چېگرايىمىزدىن ھالقىپ كىيىم-كېچەك ئىشكاپلىرىمىزغىچە كىردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكانىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى كىرىزىسقا دۇچ كەلدى ۋە ھەتتا بەزى كارخانىلار تاقالدى. بىز بۈگۈنكى يىغىندا بۇنىڭغا دىققەت بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ ئەھۋالغا قارىتا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا موھتاج. »
ئۇ يەنە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن ۋەزىپىسىنى قانداق ئادا قىلىۋاتقانلىقنى سوراش كېرەك. قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئاممىغا ئوچۇق بولۇشى كېرەك. يەنى پۈتۈن دۇنيا بىزنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشى كېرەك. جازالارمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارنىڭ چېگرادىن كىرگەندە تەكشۈرۈلمەيدىغانلىقىدەك يوچۇقنى ئېتىۋېتىشىمز كېرەك. دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئورگانلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. مەن بۇ مۇھىم مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەن كومىتېت رەھبەرلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى بىزنىڭ سانائىتىمىز مۇشۇ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىغا باغلىق. »

لۇئىسا گرېۋ خانىم گۇۋاھلىق سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «2012-يىلى دېكابىردا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئۈمىد بېغىشلىغان بىر ۋەقە بولغانىدى. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان-تەر بەدىلىگە پۇل تېپىۋاتقان ئىقتىسادىي سىستېمىغا سۈكۈت قىلىنغانىدى. بىز مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئورگان ۋە شەخسلەرنى جازالاش ھەققىدە كۆپ توختالدۇق، بۇ ھەقىقەتەن جىددىي بىر مەسىلە. مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، چېگرادىن كىرگۈزۈۋاتقانلار، بۇ مەھسۇلاتتىن پايدا ئېلىۋاتقان ھەرقانداق كارخانا ۋە شەخسلەر، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنى خاتا ياكى يالغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار چوقۇم قاتتىق جازالىنىشى كېرەك. »
لۇئىسا گرېۋ خانىم يەنە قايتا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز چېگرادا تۇتۇپ قىلىنىپ ۋە تەكشۈرۈلۈپ، قايتۇرۇۋېتىلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا موھتاج. بىز قانۇننىڭ 4-بۆلىكىدە يېزىلغىنىدەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىلا ئەمەس، باشقا قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ئورگانلار ئارىسىدىكى ئاكتىپ ئالاقىگە موھتاج. »
بىر يېرىم سائەتلىك جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق ئاڭلاشقا قاتناشقان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقنى بىلدۈرۈشكەن.
ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز بۇ يىل 9-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا تېرىش ۋە باشقا پەسىللىك ھوسۇل يىغىش ئىشلىرىدا داۋاملىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇ يەنە يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ئارقىلىق ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشنى قولايلاشتۇرغانلىقنى، لاگېرلار تاقالغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارنى بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.