خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق باشقا نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتالغان ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك زاۋۇت كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، شۇنداقلا بۇنى يۇقىرىقى سىياسەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن خودسون ئىنستىتۇتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانىنى يولغا قويۇپ، تەخمىنەن 3 مىليون ئۇيغۇرنى قۇل قىلغان» .
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ جىنايەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 2021-يىلى 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى ماقۇللاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك قانۇن 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. قانۇن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىككى يىل تولغان مەزگىلدە خۇدسون ئىنستىتۇتى يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق يىغىن چاقىرىپ، بۇ قانۇننىڭ ئىككى يىللىق مۇساپىسىگە قاراپ چىققان. يىغىندا بۇ قانۇننىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئىجرائىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەردىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قەلبىنۇر غېنى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ يىغىندا سىن ئارقىلىق ئەسلىدە كورلادىكى بىر مەكتەپتە رەسىم ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىدىغان ھەدىسى رەناگۈل غېنىنىڭ «ئۆيىدە قۇرئان ساقلىغان» ، «ناماز ئوقۇغان» دېگەندەك ئاتالمىش جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 17 يىللىق كېسىلىشى ۋە ھازىر تۈرمىدە كىيىم-كېچەك تىكىدىغان قۇل ئىشچىغا ئايلاندۇرۇلۇشىغىچە بولغان جەريانلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى يىغىن ئەھلىنىڭ سەمىگە يەنە بىر قېتىم سالغان.

يىغىنغا ئامېرىكا سودا، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، سودىنى تۈزەش ئىجرا قىلىش ئىشخانىسى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئېرىك چوي (Eric Choy)، دۆلەتلىك تاشقى سودا كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى سىياسىتى بۆلۈمى ئالىي دىرېكتورى جون پىكېل (John Pickel)، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى، سىياسەت ۋە ئاخبارات مۇناسىۋىتى دىرېكتورى سىكوت فىلىپسى (Scott Flipse) قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.
سىكوت فىلىپسى يىغىندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» نىڭ دەسلەپكى لايىھەسى تۈزۈلۈپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەۋەتىلگەندە ھەممە كىشىنىڭ ئىنكاسىنىڭ «بۇ قانۇننىڭ ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس» تىن ئىبارەت بولغانلىقىنى، نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەتتا ئاقساراينىڭمۇ بۇ قانۇننىڭ ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي ۋە سابىق ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پلۇسى خانىمنىڭ قاتتىق كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە ۋە ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بىلەن «ئىمكانسىز» دەپ قارالغان بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئۇ بۇ قانۇننىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بولساقمۇ، بىراق ھېچقانداق بىر تىرىشچانلىقنى بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە يېتەرلىك دەپ قارىيالمايمىز» دەپ ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىش يېتەرلىك ئەمەس. ھېچبىر نەتىجە يېتەرلىك ئەمەس. بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىۋاتقاندا بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ يەردە بىر ئىنساننىڭ تىراگېدىيەسى بار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارىسىز كىشىلەرنىڭ ئەمگىكى ئۈچۈن ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىش ھېكايىسى بار. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، بىز بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغاندا بىز ئەسلەشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇشى كېرەك».
ئامېرىكا سودا، تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، سودىنى تۈزەش ئىجرا قىلىش ئىشخانىسى ئىجرائىيە دىرېكتورى ئېرىك چوي بولسا بۇ قانۇننى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەيلى دۆلەت مەجلىسى بولسۇن، مەيلى تاموژنا چېگرا قوغداش ئىدارىسى بولسۇن، ھەر تەرەپتىن كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى، بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بىر پاكىتنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قانۇننى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىجرا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سۆزىدە «بىز بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىككى يىل بولغان مۇشۇ مەزگىلدە بىز ھېلىھەم يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىمىز، ھېلىھەم يېڭى نەرسىلەرنى بايقاۋاتىمىز» دېدى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر رايونىدىن چىقمىغانلىقى، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ بولغانلىقى، ھەتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى جايلاردىمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىپ سېتىلىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنى بايقاش ۋە توساشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور رىقابەتكە تولغان بىر ئىشلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رىقابەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بىراق ئۇ ھەممىدىن مۇھىمى، ئامېرىكادىكى شىركەتلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى رەت قىلىش، ئىنكار قىلىش ئورنىغا ئاكتىپ ھالدا ئۇنىڭدىن قانداق قىلغاندا ساقلىنىش، پاكىز تەمىنلەش زەنجىرىنى تېپىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇشلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەتلىك تاشقى سودا كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى سىياسىتى بۆلۈمى ئالىي دىرېكتورى جون پىكېل، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىيەگە ۋە جازا قانۇنلىرىغا دائىر قىسمىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ قانۇننىڭ بۇ قىسىملىرىنىڭ قانداق قىلغاندا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى، شۇڭا قانۇننىڭ دىپلوماتىيە ۋە جازا قانۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنى تەتبىقلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەربىيەلەش ۋە تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.
بۇ مۇتەخەسسىسلەر يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى. ئۇلار بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىدا، ئالدى بىلەن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق تارماقلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن پايدا ئېلىشنى توختاتمىغان شىركەتلەر ۋە ئورۇنلارغا قارىتىلغان جازانى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىكوت فىلىپسى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرىنى تور ئارقىلىق ساتىدىغان «تېمۇ» ئەپىنى سودا قارا تىزىملىكىگە ئېلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە تېمۇ شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تاموژناسىنىڭ قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىنى تەكشۈرمەيدىغان «ئەڭ تۆۋەن چەك» قائىدىسىدىن «يوچۇق» قاتارىدا پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، تېمۇدىن ئىبارەت بۇ تور پارچە سېتىش شىركىتىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقى ھەققىدە دوكلات بارلىقىنى تەكىتلەپ، بىز ئۇنىڭغا «ئامازون» ياكى «ئېتسىي» قاتارلىق تور پارچە سېتىش دۇككانلىرىدەك مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.
يۇقىرىقى مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قارا تىزىملىككە ئېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە جازانى كۈچەيتىشنىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتىكى ئۈنۈمىنى تەكىتلەشتى.