ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت مەكتىپى-مەشرەپ

0:00 / 0:00

ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن مەشرەپ ئۇيغۇر خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە رەڭدار كۆزنىكىدۇر. ھالبۇكى، يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنىڭ جانلىق سەھنىسى بولغان مەشرەپنى چەكلەشكە، ئۇنى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىلى مەشرەپلىرىنى چەكلەشكە باشلىغانلىقى، بۇنىڭ ئاخىرى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچلىقىغا سەۋەب بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

ئىلى-يەتتەسۇ رايونى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياشاپ كەلگەن ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ كەلگەن تۇپراقلىرىنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىلى ۋە چۆچەك تەۋەسىدىن يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىگە يەرلەشكەندىن كېيىن، شۇ جايلاردا ئەسلىدىن ياشاپ كەلگەن قېرىنداشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت-سەنئىنىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغان. ئۇلار ئىلى مەشرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ رەڭدار ئۆرنەكلىرىنى تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ ۋە بېيىتىپ كەلمەكتە.

Ottuz-Oghul-Meshrepi-3.jpg
«ئوتتۇز ئوغۇل» مەشرىپى فىلىمىدىن كۆرۈنۈش، 2019-يىلى، قازاقىستان ئالمۇتا.

23-فېۋرال كۈنى فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم رېژىسسورلۇق قىلغان ۋە قازاقىستاندا ئىشلەنگەن «ئوتتۇز ئوغۇل» ناملىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەققىدىكى فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر فىلىم ئەنگىلىيە ئاكادېمىيىسى سىجىل تەرەققىيات فوندى قوللىغان «ئۇيغۇر مەشرەپلىرى تەتقىقات تۈرى» خادىملىرىنىڭ قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە جانلاندۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى مۇقەددەس مىجىت خانىم رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فىلىم 2019-يىلى فىلىمغا ئېلىنغان بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىش كېچىكىپ قالغان. ئۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنى ۋە فىلىم ئىشلەش جاريانىدا ئۆزى ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

«ئوتتۇز ئوغۇل» مەشرەپى فىلىمىنىڭ تونۇشتۇرۇش رەسىمى
«ئوتتۇز ئوغۇل» مەشرەپى فىلىمىنىڭ تونۇشتۇرۇش رەسىمى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) غا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەش چوڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا 2010-يىلى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىمۇ رەسمىي بۇ تۈردىن ئورۇن ئالغان. ئەمما 9-فېۋرال كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان «مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا، خىتاينىڭ «مەشرەپ» قاتارلىق UNESCO غا تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پروفېسسورى رەيچىل ھاررىس خانىم بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر مەشرەپلىرى تەتقىقات تۈرى» نىڭ تەتقىقات يېتەكچىسى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

رەيچىل ھاررىس خانىم مەزكۇر تەتقىقات تۈرى ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر مەشرەپلىرى تەتقىقات تۈرى›، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ۋە قازاقىستان تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات تۈرى. بۇ تەتقىقات 2018-يىلى باشلىنىپ 2021-يىلى ئاخىرلاشتى. بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدا خىتايلار تەرىپىدىن ھەر خىل شەكىلدە زەربىگە ئۇچراۋاتقان ۋە سۈيئىستېمال قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەسلى پىتى قوغداپ قېلنغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە بۇ مەدەنىيەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشتۇر. بىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەمكارلاشتۇق. ئۇلار مەشرەپ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جامائىتىنى ناھايىتى ياخشى قوغدايدىكەن. ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىشتىمۇ مۇشۇ مەشرەپ جامائىتىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم بوپتۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتە، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەدەنىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى رولىنى قوغداشتا مەشرەپنىڭ رولىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىكەن. شۇڭا مۇشۇ سەۋەبلەردىن مەشرەپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمەن.»

Ottuz-Oghul-Meshrepi-2.jpg
«ئوتتۇز ئوغۇل» مەشرىپى فىلىمىدىن كۆرۈنۈش، 2019-يىلى، قازاقىستان ئالمۇتا.

مەشرەپ _ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئوچىقى. مەشرەپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى يۇرتلىرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ تۈرلۈك سەنئەت ئويۇنلىرى، مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت، تەنتەربىيە، ئەدەب-ئەخلاق، كۆڭۈل ئېچىش، تائام مەدەنىيىتى ۋە جامائەت ئۇدۇملىرى قاتارلىقلار ئورگانىك ھالدا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال سەنئەت مەكتىپى ھىسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر» دەيدىغان سۆزلەر شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

«ئۇيغۇر مەشرەپ تەتقىقات تۈرى» نىڭ قازاقىستاندىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ بىرى كارلېن مەخپىروۋ ئەپەندى مەزكۇر تەتقىقاتقا باشتىن-ئاخىر ياردەمچى بولغان بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدى. ئۇ «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» قارىماققا ئاددىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ياشلارغا ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ئۆگىتىدىغان ۋە ئومۇملاشتۇرىدىغان؛ چالغۇچى، ناخشىچى، قوشاقچى، چاقچاقچى قاتارلىق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇ تارىختىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالماي، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

Ottuz-Oghul-Meshrepi-4.jpg
«ئوتتۇز ئوغۇل» مەشرىپى فىلىمىدىن كۆرۈنۈش، 2019-يىلى، قازاقىستان ئالمۇتا.

مۇقەددەس مىجىت خانىم، مەشرەپنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ، مەشرەپنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىشتا ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە فىلىم ئىشلەش جەريانىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالدى.

رەيچىل ھاررىس خانىم، مۇقەددەس خانىم رېژىسسورلىقىدىكى فىلىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئوتتۇز ئۇغۇل› فىلىمى پەقەت مەشرەپنىڭ مۇھىملىقنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى مەشرەپنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شۇنداق جانلىق ساقلاپ قالالىغانلىقنى نامايەن قىلغان. فلىمدە ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، چاققاقلار بار، مول داستىخانلار بار. يەنى فىلىم باشتىن-ئاخىر ناھايىتى ھاياجانلىق، قىزىقارلىق بولۇپ، كۆرگەن كىشىنىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ. يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويماقچى بولغىنىم، ئىلى مەشرىپى ئەرلەرنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئاياللارنىڭمۇ ‹مەشرەپ› كە ئوخشايدىغان ئايرىم ‹چاي›لىرى بار. تەتقىقات تۈرىمىزنىڭ تور بېتىگە چىقساڭلار، ‹مەشرەپ› ۋە ‹چاي›غا ئائىت يېزىلغان بىلوگلار بار.»

كارلېن ئەپەندى زىيارىمىزنىڭ ئاخىرىدا مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرسال مەكتەپكە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردە يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جاماەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئوينىلىش شەكلى بويىچە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەھەللىۋىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، يەرلىكتىكى ناملىرىمۇ خىلمۇ-خىل. مەسىلەن، دولان مەشرىپى، لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى، مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى، مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى، پىچان مېلىس مەشرىپى، مەكىت ئوۋچى مەشرىپى، چاقىلىق توپۇق مەشرىپى، چەرچەن توي مەشرىپى، ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى، قەشقەر كىتابخانلىق مەشرىپى، قومۇل كۆك مەشرىپى، قومۇل ئوردا مەشرىپى، خوتەن گۈلچاي مەشرىپى قاتارلىق نەچچە يۈز خىلدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم.