يېقىندا سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان ۋە بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىغانىدى. شۇنداقلا بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى قازاق، رۇس، ئۆزبېك ۋە تاتار ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.
قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىيلىقنى ساقلاش بويىچە خەلقئارا بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي ژوۋتىس ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، تارىختىن ئېلىپ قارىغاندا، سانى جەھەتتىن كۆپ بولغان ئىككى خەلق، يەنى كۇردلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلانىڭمۇ ئۆز مەملىكىتى يوقكەن.
ئېۋگېنىي ژوۋتىس مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئونلىغان يىللار داۋامىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي-ئازادلىق كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. سەۋەبى ئۇلارنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتالغان ئاپتونومىيە قانائەتلەندۈرمەي كەلگەن. ئۇلار كۆپرەك ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا، ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش ئىستىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق نارازىلىقلىرى دائىم قوزغىلاڭلار، جازالار، ھەر خىل مۇددەتلىك تۈرمىلەرگە قاماشلار ۋە باشقىلار بىلەن تاماملانغانىدى. كېيىنكى 10-20 يىل ئىچىدە خىتاي ئىچكىرى رايونلاردىن ئاھالىنى كۆچۈرۈپ، بىۋاسىتە ئاسسىمىلياتسىيەلىك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، تىلىنى، دىنىنى چەكلەشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئاخىرقى يىللاردا، يەنى 2001-يىلدىن تارتىپ خىتاي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ۋەقەلەرنى باھانە قىلغان ھالدا تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى بېسىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. مانا بۇ ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ بىر نەتىجىسىگە ئېلىپ كەلدى».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەلىك سىياسىتىنى مەقسەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ باشقا ئاز سانلىق خەلقلەر ئۈچۈن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە، ئەلۋەتتە، يوقاپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ساقلاپ قېلىشى يوقاپ كېتىشى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي مىللىتىگە سىڭىپ كېتىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئاساسىي سىياسىتى شۇنىڭغا قارىتىلغان، يەنى بىرەر مىللەت ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتكە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى لازىمدۇر. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئالدىن-ئالا پىلانلاپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۆز يېرىدىن قوغلاپ چىقىرىش مەقسىتىنى چۈشىنىپ، قارشىلىق قىلىشقا ئۆتتى. ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بارلىقى خىتاينىڭ بۇ زېمىننى بېسىۋالغاندىن تارتىپ باشلانغانىدى».
قازاقىستانلىق ھوقۇق قوغدىغۇچى غالىم ئاگېلېئۇئوف خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن تارتىپ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ مۇنداق بېسىم ئىشلىتىش، تەقىبلەش سىياسىتىنى قانچە داۋام قىلسا، قارشىلىق شۇنچە ئۆسىدۇ. بىز ھەقىقەتەنمۇ پومپېيونىڭ ۋەكىللىكىدە ئا ق ش نىڭ بۇ سىياسەتنى ‹گېنوتسىد› ( قىرغىنچىلىق) دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى قوللايمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئۇ ياقتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە يۈزلىگەن، مىڭلىغان پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ، بۇنى قوللاۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئەركىن ئادەملەر، مۇستەقىل ئەللەر خىتايدىكى بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كېرەك. پۈتكۈل دۇنيا خىتايدىن مۇشۇنى تەلەپ قىلىۋاتماقتا. تارىخ بويىچە خىتاي شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يوقاتقاندىن باشلاپ ماۋ زېدوڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 50-60-يىللاردىلا مەدەنىي ئىنقىلاب سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىللە خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىمۇ ئېلىپ بارغان ئىدى.»
مەلۇمكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاممىۋى قاماش ھەرىكەتلىرى باشلانغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى تاتار پائالىيەتچىلىرى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللىغانىدى.
شۇلارنىڭ بىرى ھازىر تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىدە ياشايدىغان رافىك كارىمۇللىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ سەۋەبى ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت، دەپ ئويلايمەن. ھازىر خىتايدا 10 مىليون ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ ئاز ئەمەس. ئۇلارمۇ ئۆز مۇستەقىللىقىنى خالىغان ئۈچۈن كۈرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئەنە شۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئاڭ-سېزىمىنى يوقىتىۋاتىدۇ، جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنى، ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنى مەنىي قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ خىتاي بىر پۈتۈن مىللەتنى شەكىللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. يېقىن ئارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە جىسمانىي يوقىتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەنىۋى جەھەتتىنمۇ يوقىتالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك. مەن بۇ خەلقنىڭ ئۆزى قانداق خالىسا ياشاپ، ئۆز ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ھۆرمەتلەپ ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.»
رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە ياشايدىغان ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، ئادۋوكات بەھرام ھەمرايېف ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقىغا قاتتىق خۇشال بولغانلىقىنى ھەم بۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېغىر ئازابلارغا ئېلىپ كېلىپ، گېنوتسىد قىلغىنى ھەممىگە مەلۇم. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مەملىكەتلىرى ئىچىدىن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ‹گېنوتسىد› قىلىۋاتىدۇ دەپ جور'ئەت قىلغانلىقى بۇ ئىنتايىن توغرا ۋە ئۆز ۋاقتىدا قىلىنغان قەدەم. ئامېرىكا سىياسىي ئەھۋاللارنى ياخشى چۈشىنىپ، ھەرىكەت قىلدى ھەم بىرىنچىلاردىن بولۇپ خىتاينى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۆزۈمنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىمەن. مەن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. باشقىمۇ ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەر ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توختىتىشقا قوشۇلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمەن. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇيغۇر دوستلىرىمغىمۇ ئۆزۈمنىڭ سەمىمىي رەھمىتىنى ئىزھار قىلىمەن. ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر قىرغىنچىلىققا ئېلىپ كەلدى، يەنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىنتايىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار شېھىت بولدى. ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمان مەملىكەتلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاش ئورنىغا خىتاي سىياسىتىنى ياقلىدى ياكى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلدى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆز باياناتىدا خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقىتىشىغا ئۆزلىرىنىڭمۇ شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن.