كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ خىتاينى باھالاش يىغىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تەسىر پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.01.25
dolqun-eysa-bdt-2019-soz.jpg گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. 2019-يىلى 8-ماي.
RFA/Ekrem

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى (CESCR) نىڭ 73-نۆۋەتلىك يىغىنى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يىغىندا ‹خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى خەلقئارا ئەھدىنامىسى› گە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئەھدىنامىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يىغىن باشلاشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلەر ھەققىدىكى باھالاشلىرىنى ئەۋەتىدىغان بولۇپ، خىتاي ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «يەرشارىنى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزى» (Global Centre for the Responsibility to Protect) كومىتېتقا يوللىغان خىتاي ھەققىدىكى باھالاش دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قىيناش، مەجبۇرىي يۆتكەش، خالىغانچە تۈرمىگە سولاش، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، باسقۇنچىلىق قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ھەم شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەڭ ئېچىنىشلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى مەجبۇرىي ئازايتىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدە چەكلەنگەن كەم دېگەندە ئۈچ خىل ھەرىكەتنى قەستەن سادىر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلار، ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، بىر مىللەت توپىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇرمۇش شارائىتى ھازىرلاش ھەمدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى دۆلەت قارمىقىدىكى يېتىمخانىلار ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەشتىن ئىبارەت.»

«يەرشارىنى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى لىيام سكوت (Liam Scott) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك جىنايىتىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «مەركىزىمىزنىڭ ئاساسلىق خىزمەت دائىرىسى كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغانلىقتىن دوكلاتىمىزدا بۇ نۇقتىغا ئاساسلىق ئورۇن بەردۇق. مەسىلەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. بۇندىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى، مەجبۇرلىدى. مىللەتلەر ئارا مەجبۇرىي تويلىشىش ھەرىكىتىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەبىئىتىگە ئىگە».

مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا ب د ت خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنى ئۇيغۇر-خىتاي تويلىشىش مەسىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ باھالاشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«خىتاي ھۆكۈمىتى تويلىشىشىنى ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› نى قوللاشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا، مەجبۇرىي ئۆيلەندۈرۈش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سۇسلاشتۇرۇش، يوقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمران خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بۇ مەجبۇرىي تويلىشىش ھادىسىسى ئەھدىنامىنىڭ 10-ماددىسىغا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا تەشكىلاتىمىز خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنى بۇ ھادىسىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

تەتقىقاتچى لىيام سكوتنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى دەپ ئېنىق شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇددىئاسىنىڭ دەلىلى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىغا قارشى ھۇجۇم تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈپ يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا تىرىشماقتا».

مەزكۇر ئورگان ب د ت خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا يەنە لاگېرلارغا قامالغان بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى ئاقىۋىتىدە 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلىشى، ئۇيغۇر قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنىڭ، مەسچىت-مازارلىق قاتارلىق مۇقەددەس جايلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىشى، پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەتكە ئېلىنىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىك، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالامەتلىرى، دەپ باھالىغان.

خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى كومىتېتىغا دوكلات يوللىغان ئورۇنلارنىڭ يەنە بىرى بولسا «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» (CHRD) ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىدۇر. مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ھوقۇق دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى تارلاشقانلىقى ۋە زىيالىيلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان.

دوكلاتتا لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى پروفېسسورى، 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن 10 يىل كېسىلگەن غەيرەتجان ئوسمان ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ھەم 2019-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان قېيۇم مۇھەممەد مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان.

«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى» نىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋىليام نى (William Nee) رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتاينى باھالاش يىغىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2014-يىلى بولغانىدى. شۇڭا بىز دوكلاتىمىزدا 2014-يىلىدىن كېيىن نېمە بولدى، دېگەنگە مەركەزلەشتۇق. 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان يىل ئىدى. بۇرۇنمۇ ناچار ئىدى، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەت قاتتىق ناچارلاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى، پۇلدارلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، يازغۇچى-شائىرلىرى، دىنىي زات-ئىماملار تۇتقۇن قىلىندى. قىسقىسى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بىز ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت داۋام قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز».

ۋىللىيام نى يەنە ئۆزلىرىنىڭ كومىتېتقا يوللىغان دوكلاتىدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتىكى تەلەپلەر بويىچە خىتايغا بېسىم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«بىز خىتايدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خىتايدا مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدۇق. ھەممىدىن مۇھىمى، بىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەييارلىغان دوكلاتتىكى خۇلاسە ۋە كۈچلۈك تەلەپلەرگە ئاساسەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ۋە بۇ تەلەپلەر بويىچە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەييارلىغان دوكلات ئىنتايىن مۇھىم دوكلات بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ شۇنداقلا يوقاپ كەتمەسلىكى كېرەك».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ نۆۋەت ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (Boston University School of Law International Human Rights Clinic) بىلەن بىرلىكتە ئورتاق دوكلات يوللىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت يوللانغان باھالار خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى كومىتېتنىڭ 18 نەپەر تەتقىقاتچىسى تەرىپىدىن كۆرۈپ چىقىلىدىغان ۋە نەق مەيداندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ خەلقئارا مۇنبەرلەردە يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە كېلىشىگە ھەم شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا دۆلەتلەرنىڭ باھالىشىغا پايدىلىق ئىكەن.

«يەرشارىنى قوغداش مەسئۇلىيەت مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى لىيام سكوت (Liam Scott) بولسا خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىئىنەزىرىدىن تۇرۇپ خىتاينى تەكشۈرۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نوقتىينەزىرىدىن تۇرۇپ قارىغاندا ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ۋە تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكى يەنىمۇ چوڭقۇر ئايدىڭلىشىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. گەرچە بەزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ماھىيەتلىك ئىشلارنى قىلالمىغاندەك ھېس قىلساقمۇ بىراق ھەممە تەرەپنىڭ ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىشى يەنىلا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر. مەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا زور تەسىر پەيدا قىلالايدىغان ئىقتىدارى بارلىقىغا ئىشىنىمەن».

مەلۇم بولۇشىچە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كومىتېتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرى يەنى 15-16-فېۋرال كۈنلىرى خىتاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.